جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2094 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 142|ئىنكاس: 6

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: ئۇيغۇر شارىدا... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 571
تۆھپە : 0
توردا: 75
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 08:41:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر شارىدا...


ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت


         كەل ساتارىم، لەھزە تەننىڭ دارىدا مەرغۇللىناي،
       بوزلىسۇن تەمبۇر، بۇ جاننىڭ زارىدا مەرغۇللىناي.
            ئۆتتى بىر ئاخشام يېنىمدىن سىردىشىپ دۇتار بىلەن،
      مۇڭىدىن تاش تىترىگەن زىلتارىدا مەرغۇللىناي.
      كېتىمەن ئەپسانىگە، يولدا ساپايەم يىغلىسۇن،
كوھىقاپلار دەھشىتى-دىشۋارىدا مەرغۇللىناي.
           كۆرمىگەي كۈننىڭ كۆزى، قايدا تولۇن ئاسمان ماڭا؟
  قاپقاراڭغۇ ئۆتكۈلەرنىڭ غارىدا مەرغۇللىناي.
               سۇ بولۇپ كەل، مەيلى ئوت قىسمەتلىرىمنىڭ بارىسەن،
  ئاشىقى سەرگەشتىلىك ئىزھارىدا مەرغۇللىناي.
               «ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم دەرياچە بار»،
  ھۆكىرەپ دولقۇنلىرىمنىڭ بارىدا مەرغۇللىناي.
           خەيرىيەت، ئۆلسەم ئۆزۈمنىڭ باغرىغا لىق كېلىمەن،
    ئۆلمىسەم، بىر پەدە ئۇيغۇر شارىدا مەرغۇللىناي!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 09:07  


Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 397
تۆھپە : 14
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 09:14:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ شېئىرنى ئوقۇشۇم بىلەنلا قۇلىقىمغا مۇڭلۇق مۇقام كۈي-مەرغۇللىرى ياڭراۋاتقاندەك تۇيغۇغا چۆمۈلۈپ، سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش ئىچىدە تەكرار-تەكرار  ئوقۇپ  بەھىرلەندىم.
   بەدئىي ماھارىتىڭىز تېخىمۇ قاناتلانغاي.

ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن.  
Y.O.Arkzat-

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 178
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 10:48:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي غەزەل مانا مۇشۇنداق شېئىرى ھېكمەت، شېئىرى پاساھەت، شېئىرى بالاغەتكە تويۇنغان بولىدۇ!

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 376
تۆھپە : 4
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 11:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پىشىپ قىيامىغا يەتكەن مىۋىنىڭ تەمى تەبىئى تاتلىق بولۇدۇ .
غەزەلىڭىزنى ئوقۇپ ئېچىرقىغان  تەشنالىغىم قانغاندەك بولدى،سىزگە نۇسرەت، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 429
تۆھپە : 26
توردا: 77
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 12:35:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىننىڭ غەزەللىرى ئادەمنى باشقا بىر شېئىرىي دۇنياغا باشلايدۇ دېسە... ئۆزىنى كۆرمىگەن بۇ بۇرادىرىمگە سالاملار بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 571
تۆھپە : 0
توردا: 75
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 14:19:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددىي يازمامغا نەزەر ئاغدۇرۇپ ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەن قەلەم ساھىبلىرىغا كەمىنە ئالاھىدىندىن سالام!

www.sheriyet.com

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1300
تۆھپە : 10
توردا: 155
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 14:41:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئۇيغۇر شارىدا ›› ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان غەزەل ئىكەن . قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش