ئىككى شېئىر
مېنىڭ ئەمەس سەندىكى ئارمان
سەن بولغۇدەك ئەمەسمەن ، ئەمەس ،
بولالمايسەن سەنمۇ مەندەك مەن .
كېلەلمەيسەن باھارنى باشلاپ ،
ساھىللارغا نۇر چاچقان بىلەن .
سېنىڭ ئەمەس مەندىكى سۆيگۈ ،
مېنىڭ ئەمەس سەندىكى ئارمان .
بولغان بىلەن تۇنجى مۇھەببەت ،
ئۆلگەن بىزدە ئوتلۇق ھاياجان .
ئېلىپ كەتتىڭ مىھرىڭنى مەندىن ،
ئېلىپ كەتتىم سۆيگۈمنى مەنمۇ .
بەزەن توزۇپ كېتەركەن سۆيگۈ ،
ئىككى يۈرەك كۆيگەن بىلەنمۇ .
مەن شېئىرنى ئۇنتىغان كۈندە
تۇيغۇلىرىم كەتتى ئىزىقىپ ،
كۆرۈنمىدى شېئىر چۈشىمدە .
ھاياتىمنىڭ كەتتى شادلىقى ،
مەن شېئىرنى ئۇنتىغان كۈندە .
مۇساپىردەك يۈردۈم توختىماي ،
مەنزىل قايان بىلمىدىم ئەسلا .
مەن يادلىغان ئاشۇ شېئىرنى ،
بىر رەت ئەسلەپ باقمىدىم قايتا.
تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى تەمكىن ،
ھىسلىرىمنى ئىپ كەتتى شامال .
ئارزۇلارمۇ گۈم بولدى ، ئۆلدى ،
مەندىن رەنجىپ يوقالدى ۋىسال .
قالدىم يالغۇز ، قالدىم يىگانە ،
ئەسلىمەمدە يوقتۇر ھىچنىمە .
ئون بەش كۈن ئۇ ئون بەش مىڭ ئازاپ ،
مەن شېئىرنى ئۇنتىغان كۈندە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مىرئەھمەد مامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 22:10