كىتىمەن
(پەرىزات)
كىتىمەن... ساڭا ئېيىتماقچى بولغانلىرىمنى يۈرىگىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇپ تۇرۇپ كىتىمەن. سىنى چوڭقۇر- چوڭقۇر سۆيىدىغانلىقىمنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇپ كىتىمەن.
كىتىمەن، مېنىڭ كېتىشىم ئۆز مەيلىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ئامالىمنىڭ يوقلىقىدىن كىتىمەن.
كىتىمەن، سېنىڭ بىلەن بۇ گۈزەل جايدا بىرگە ياندىشىپ ماڭغان، كەلگۈسى نىشانلىرىمىزنىئېيتىپ، ھالمۇڭ بولۇشقان، سېنىڭدىن ئېرىشەلمىگەن شۇ سۆيگۈمنى تاشلاپ كەتمەكچى بولۋاتمەن... ئالى مەكتەپ ھاياتىمنىڭ تىزلا ئۇزاپ كېتىشى بىلەن تەڭ، جاھاندىكى ھەممە نەرسەمدىن، قىسقىسى سېنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغىنىمنى ھىس قىلىپ تۇرۇپ كېتىۋاتمەن.
كىتىمەن، بەلكىم مېنىڭ كېتىشىم ساڭا مۇئەممادۇر. مەن ماڭغان شۇ يولنىڭ قارشىسىدا تۇرغان سەن تەنھالىق گۇلزارىدا ساڭا قىيالماي قاراپ تۇرغان مېنىڭ مەۋجۇدلىقىمنى بىلىشىڭ ياكى بىلمەسلىكىڭ مۈمكىن.
كىتىمەن، بارچە ئارزۇ ئارمانلىرىمنى قەلبىمگىلا پۈكۈپ تۇرۇپ، كىرەلمىگەن ۋىسال قەلئەسىگە قايتا باقماي تۇرۇپ كىتىپ قالىمەن. چۈنكى سەن ئۆڭمەس ئەقىدە، چىن ۋاپا بىلەن سېنى كۈتۈۋاتقان مېنى بىلالمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس.
كىتىمەن،كەلگۈسى نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن!
كىتىمەن، سېنىڭ بەختلىك بولۇشىڭ ئۈچۈن!
كىتىمەن، قىيماي تۇرۇپ يەنىلا كېتىمەن!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 16:34