جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 97|ئىنكاس: 10

كىتىمەن پەرىزات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  648
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 337
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:27:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىتىمەن

(پەرىزات)

     كىتىمەن... ساڭا ئېيىتماقچى بولغانلىرىمنى يۈرىگىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇپ تۇرۇپ كىتىمەن. سىنى چوڭقۇر-  چوڭقۇر سۆيىدىغانلىقىمنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇپ كىتىمەن.

     كىتىمەن، مېنىڭ كېتىشىم ئۆز مەيلىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ئامالىمنىڭ يوقلىقىدىن كىتىمەن.

     كىتىمەن، سېنىڭ بىلەن بۇ گۈزەل جايدا بىرگە ياندىشىپ ماڭغان، كەلگۈسى نىشانلىرىمىزنىئېيتىپ، ھالمۇڭ بولۇشقان، سېنىڭدىن ئېرىشەلمىگەن شۇ سۆيگۈمنى تاشلاپ كەتمەكچى بولۋاتمەن... ئالى مەكتەپ ھاياتىمنىڭ تىزلا ئۇزاپ كېتىشى بىلەن تەڭ، جاھاندىكى ھەممە نەرسەمدىن، قىسقىسى سېنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغىنىمنى ھىس قىلىپ تۇرۇپ كېتىۋاتمەن.

    كىتىمەن، بەلكىم مېنىڭ كېتىشىم ساڭا مۇئەممادۇر. مەن ماڭغان شۇ يولنىڭ قارشىسىدا تۇرغان سەن تەنھالىق گۇلزارىدا ساڭا قىيالماي قاراپ تۇرغان مېنىڭ مەۋجۇدلىقىمنى بىلىشىڭ ياكى بىلمەسلىكىڭ مۈمكىن.

    كىتىمەن، بارچە ئارزۇ ئارمانلىرىمنى قەلبىمگىلا پۈكۈپ تۇرۇپ، كىرەلمىگەن ۋىسال قەلئەسىگە قايتا باقماي تۇرۇپ كىتىپ قالىمەن. چۈنكى سەن ئۆڭمەس ئەقىدە، چىن ۋاپا بىلەن سېنى كۈتۈۋاتقان مېنى بىلالمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس.

   كىتىمەن،كەلگۈسى نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن!

   كىتىمەن، سېنىڭ بەختلىك بولۇشىڭ ئۈچۈن!

   كىتىمەن، قىيماي تۇرۇپ يەنىلا كېتىمەن!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرىزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 16:34  


psu.jpeg

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 748
تۆھپە : 13
توردا: 138
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 20:47:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتمەڭ! ‹‹مۇھەببەتتە سىزنىڭمۇ ھەققىڭىز بار›› . ئېنىق ئىپادىنى جەزىملەشتۈرمەي تۇرۇپ،يەكۈن چىقىرىپ ۋاز كەچمەڭ.
‹‹كەتمە›› ياكى‹‹ سېنى ئىزدەپ بارىمەن››...دىگەن تېمىلاردا نەسىر يىزىۋاتقان بىر يىگىتنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمەن.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 233
تۆھپە : 2
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:04:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  كېتىش كېرەكتۇ، بەلكىم


   كېتىۋاتقان قىزنىڭ يۈرىكى كەينىگە قايرىلىپ باققاندا، كۆزى نەپرەت بىلەن تىنىپ كەتتى.

  كېتىش كېرەكتۇ، بەلكىم. بىزنىڭ ۋەدىسىز ياشاملىرىمىز قايسى ئېشىۋېلىشنى سۆيۈپ كەتكەن بولسا.

  كىملەرنىڭ كىملەردىن ئاغرىنىشى مەۋجۇت بولمىغان بوشلۇقتا پەقەتلا خىجىلسىراپ قالغان ئورتاق ماكان يىغلاپ قالغاندا،

  تەقدىرنىڭ قوللىرىنى سىلكىپ تاشلىۋېتىپ، جاناننىڭ كۆزىنى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن تەسەۋۋۇر قىلغۇلۇقمۇ؟!

  مەن سۆيگەن ئازابلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان جانان يۈرۈپ كەتتى.

  راستتىنلا كېتىش كېرەكتۇ بەلكىم، شەخسىي تاللاشلارنىڭ ۋىلىقلاشلىرىدىن چاناقلىرى نەم بولغان ئورتاق ھويلىغا ئالىيىپ قويۇپ.



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 379
تۆھپە : 1
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام پەرىزات، يازمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. بەرىكەتلىك بولۇڭ! بىراق، ئىملاغىمۇ دىققەت قىلىڭ.

ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  648
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 337
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 00:06:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  648
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 337
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 00:25:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ ماڭا يول كۆرسەتكىنىڭلاردىن ھەم مېنى رىغبەتلەندۈرگىنىڭلاردىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 475
تۆھپە : 3
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەسلىگەنسەن، ئەسلىمىگەنسەن،

ئۇنتۇغانسەن بەلكىم ئەينەك ئالدىدا.

ئاخىرقى ئۆيدەك-باغرى قان،

ھېيتگاھتا قالدى بىر بالا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 12:03  


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 234
تۆھپە : 4
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹ كېتىمەن› دەپ كەتكىنىڭ بىلەن ،
روھىڭ  ئۇندا  قالدى ئېھتىمال ...
ۋاز كېچىشمۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ،
كەتكىڭ بولسا كەتكىن بىمالال .
كەكلىك دەيمىش دايىم ‹ كەتكۈلۈك›،
كەتمەك ئۈچۈن تاپالماي ئامال .
كەتكىن ۋە يا كەتمە ، ئۆزۇڭ بىل ،
ھەركىم ئۈچۈن قېيىن بۇ سوئال !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 12:36  


شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  648
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 337
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ئاجىز بىر قىز بولساممۇ،
ۋىجدانى ھەم غورۇرغا بايمەن.
ئۆتسە نىگار ئۆزگە خىيالدا،
كەتمەي يەنە كىمگە قارايمەن.

شۇڭا دوستۇم قوللىغىن مېنى،
ۋاز كىچەيمەن ئەبەدىل- ئەبەد.
تەنھالىقتا ئۆتسىمۇ ياشلىق،
ئۆتۈپ كېتەي ئالدىمغا قاراپ.

شۇنداق ئەمەسمۇ ؟؟؟
   رەھمەت سىلەرگە....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 129
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تال ياپراق تۆكۈلدى جىمجىت،
كەتمە-كەتمە،يۇلتۇزلار كەتمە.
نالە قىلار قۇشلار كېچىدە،
كەتمە گۈلۈم ،كەتمىگىن كەتمە.

چۈشۈم مېنى ئالداپتۇ تامام،
سۇدا ئوينار ئاينىڭ شولىسى.
ئىزنالىرىڭ چاچتى خۇشپۇراق،
سەن يۈرىكىمنىڭ بىر پارىسى.

پەرياد ئۇرۇپ قارايمەن يولغا،
قايتىپ كەلگىن كەتمىگىن جېنىم.
بىر سېنىلا سۆيەر ئىكەنمەن،
ئىشەن ماڭا چىندۇر دېگىنىم.

كەتمە ئەمدى قايتىپ كەل كۈلۈپ،
ھاياتىمنى ساڭا ئاچىمەن.
قەسىمىم شۇ ئەگەر كەلمىسەڭ،
تاغلار كەبىي مەڭگۈ تەلمۈرۈپ،
يوللۇرىڭغا چەكسىز باقىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  648
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 337
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتمە دەيسەن قوشاقلىرىڭدا،
«كەتمە،كەتمە» دېگىنىڭ يالغان.
گەردە بولسا چىن ساداقىتىڭ،
ھەسرىتىمگە بىرەتتىڭ دەرمان.

  چاخچاق قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ قويدۇم، رەھمەت سىزگە.......:)

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش