جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1379 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 256|ئىنكاس: 13

مۆلجەر باغرىدا ئىزىڭلار قالدى:(ئۈمىد) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 894
تۆھپە : 7
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 22:58:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۆلجەر باغرىدا ئىزىڭلار قالدى:) (ئۈمىد)


غوۋا قىرغاقلارنىڭ بۇزۇپ چۈشىنى،

يېشىل نۇر كەلدى بۈگۈن يىراقتىن.

ئەجداد روھى چوغ باغرىمىز ئارا

لاۋۇلدار يۈرەك ئېرىپ پىراقتىن...



يىراق تارىختەك ئوت نەپەس بىلەن،

ئۇيغۇر مېھرىدە قۇچاق ئېچىشتۇق.

<<باھادىرنامە>>، <<جاللات خېنىم>>نى

يازغان جۈپ قولنى مەھكەم سىقىشتۇق...


2

كىرگەندە يوقلاپ شائىرنى* سەھەر،

بوۋاينىڭ كۆزى نەملەشتى، ياندى.

<< ئالىملىرىمىز... >> دېدى ھېس قىلىپ،

غېرىپ كۈلبىدە بىر ئارمان قالدى...



<<لېيىغان بۇلاق>> سۈزۈلگەن بۆگۈن،

مۆلجەر تېغىنىڭ زۇمرەت قوينىدا.

چوققىلار تۇتاش گىرەلەشكەن چىڭ،

ئىككى ئوغلاندىن* ئىزنا بار بۇندا...



<< يەتتە قىزلىرىم>> مەقبەرىسىدە،

ئابدۇلھەمىدجان* قىرائەت قىلدى.

مۇڭلۇق بىر تارىخ، ياشلاندى كۆزلەر،

ياسىنجان سادىق چوغلان يىغلىدى...



سوۋۇتقۇ بۇلاق سۇلىرى زەمزەم،

مۇزدەك ئەندىكىش سەگىتەر يۈرەك.

موللا شاكىرنىڭ* قەدەم جايىدىن،

ئەل ئوغلانىغا  ياغار قۇت- تىلەك...



<< مارجان بۇلاق>> تا پۇرەكلىدى گۈل،

ھۆرمەت تۆرىدە ياپتۇق تون- لىباس.

ئۈچ تال گۈلچەمبەر*ئېسىلدى لەرزان،

سىڭگىنى ئاڭا مۇھاببەت-ئىخلاس...



سىم- سىم يامغۇردەك خوشلاشتۇق ئاخىر،

دىل يالقۇنىدىن يۈرەك چوغلاندى.

<< جالالىدىنىكام، چوغلان ئىزىدىن

كۆڭۈلدىن تۇمان يىراق قوغلاندى>>...

مەيلى نە بولسۇن ئامان بۇلۇڭلار ،

رىشتىڭلار ئۇچ*قا سۈزۈك باغلاندى.

باسقان قەدەملەر گۈلگە ئايلانسۇن،

مۆلجەر* باغرىدا ئىزىڭلار قالدى...


2012-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى


......................................................................................................
....................................................................................
........................................................................

*شائىر- يەتتە قىزلىرىم داستاننىڭ ئاپتۇرى شائىر ئىبراھىم قۇرباننى دېمەكچى( مېڭىسىگە بىرنەچچە قېتىم

قان چۈشكەنلىك سەۋەبىدىن داۋالىنىپ ياخشى بۇلالماي ھازىر ئائىلىسىدەئىدى)


*ئىككى ئوغلان-جالالىدىن بەھرام، ياسىجان سادىق چوغلان.


*ئابدۇلھەمىدجان- توردىشىمىز ئابدۇلھەمىد ياسىن


*موللا شاكىر- ئۇچتۇرپاندا ياشاپ ئۆتكەن  شائىر، تارىخچى- ئالىم. <<زەپەرنامە>> داستانىنىڭ ئاپتۇرى.


*ئۈچ تال گۈلچەمبەر- شۇكۈنى تون كىيدۈرۈلگەن جالالىدىن بەھرام ئاكا، چوغلانبەگ ئاكا ۋە ئۇچتۇرپاندىكى پىشقەدەم يازغۇچى، <<سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندا >>ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى-ئىمام مۇھەممەد ئاكلارنىڭ بوينىغا سېلىنغا ئاددى گۈلچەمبەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ...


*ئۇچ-ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخى نامى.


*مۆلجەر- مۆلجەر تاغ.







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-8 14:36  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 333
تۆھپە : 4
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:11:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىد ئەپەندىنىڭ شېئىرىدىن ئۇستازىم چوغلان باشچلىقىدىكى ئۈچتۇرپانغا يىغىلغان يازغۇچى قەلەمكەشلەرنىڭ مۇھەببەت تۇيغۇسىغا چوڭقۇر كۆمۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شېئىر شۇنداق جانلىق ھەم مۇھەببەتكە باي يېزىلىپتۇ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت...

مەن ئاللىقاچان بىر بارسە كەلمەس يولغا كىرىپ قالدىم..... it s A Long Road...  第一滴血

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 418
تۆھپە : 1
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 00:21:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ قەلىمىدىن ھەقىقەتەن دەللىكى بولغان، شىئېرى مۇھىت يارىتىلغان ياخشى بىر شىئېر رۇياپقا چىقىپتۇ، شۇنداقلا ئۇچتۇررپاندىكى پائالىيەت ئەھۋالىدىن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇچۇر بېرىدىكەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1294
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:16:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنىڭ خاتىرسى بوپتۇ،لىكىن  ئۈمىد پائالىيەت ئەھۋالىنى يورۇتۇش بىلەن بولۇپ،شئېىرنىڭ پاساھەتلىك بولۇشىغا كۈچىيەلمەي قاپتۇ. بۇ شئېىرنى قايتا ئىشلەپ ۋايىغا  يەتكۈزىشى زۈرۈركەن.ماۋزۇنى قىسقارتىپ «مۆلچەر تاغدا ئىز» دەپ ئالسا مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن. چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن 3 مەشھۇر يازغۇچىنىڭ ئۇچقا بارغانلىق خەۋىرىلا تارىخ بولۇپ قالىدۇ...شئېىردا يەنىلا ئاساسلىقى ئۈچ نىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى پاساھەتلىك تەسۋىرلەنگىنى،زىيارەتچى....لەرنىڭ قوشۇمچە يورۇتۇلغىنى ياخشى....

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  129
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 147
تۆھپە : 1
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:02:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمۈد ئەپەندىنىڭ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ھەققىدىكى مىسرالىرىغا تەشەككۈر!  شېئىرنىڭ بەدىئى پاساھىتى گەرچە كۈتۈشلەردىن يىراقراق بولسىمۇ لېكىن يورۇتقان تېمىسى ۋە بەرگەن ئۇچۇرى نوقتىسىدىن بىز ئۈچۈن يەنىلا سۆيۈملۈك!... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 10:03  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 118
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 08:49:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسسالام  ئۈمىد،  سۆيۈملۈك ئەدىبلىرىمىز بىلەن بىرگە ئۆتكەن ئەھمىيەتلىك كۈنلىرىمىزنىڭ بەدىئىي خاتىرىسىنى بەكمۇ سۆيۈنۈپ ئوقۇدۇم. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى

غوۋا قىرغاقلارنىڭ بۇزۇپ چۈشىنى،
..................
يىراق تارىختەك ئوت نەپەس بىلەن،

ئۇيغۇر مېھرىدە قۇچاق ئېچىشتۇق.

.............................
دىگەن مىسرالار ئۆزگىچە ھەم لىرىكىلىق چىقىتپتۇ.
قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن!...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.سەئىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 09:40  


ھەممىسى ئۈتۈپ كېتىدۇ،بەرداشلىق بېرىش كېرەك.....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 894
تۆھپە : 7
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 19:22:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 01:16
ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنىڭ خاتىرسى بوپتۇ،لىكىن  ئۈمىد پ ...



  
دوستىمىز ئەزىز ھېيت كۈن نىڭ پىكرىنى قۇبۇل قىلىمەن-رەھمەت ئېيتىمەن ھەم مەتبۇئات نوقتىسىدا چۇقۇم ئويلىشىمەن... ( شۇ كۈنكى نەق ھىس -تۇيغۇمنى بالدۇرراق ئورتاقلىشىش ئىستىگىدە تورغا يوللىۋەتكەنىدىم.... بەدىئى چۇڭقۇرلۇق جەھەتتە  راستىنلا كەمتۈكلۈك بار. خىجىلمەن...)... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 11:59  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 432
تۆھپە : 17
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 08:26:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىپادىلەپسىز،  لېكىن ماڭا  رەخمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بۇلۇدۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 285
تۆھپە : 6
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 10:56:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      شېئىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ھەم ھوزۇرلاندىم، ئەسلى قەلەمنى ئەركىنرەك قويۇۋېتىش كېرەككەنىدۇق، دەپ قارىدىم. چۈنكى دېيىلمەي قالغان سۆزلەر، يېزىلماي قالغان مىسرالار يەنە باردەك!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 894
تۆھپە : 7
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 11:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2012-5-7 08:26
بەك ياخشى ئىپادىلەپسىز،  لېكىن ماڭا  رەخمەت ئېيتمىسىڭى ...



ئىشارىڭىزنى چۈشەندىم....( راست،   ...  جاۋاپ بەرگۈدەك گەپلا بولمىسا  ئىنكاس قايتۇرمىسا بولغۇدەك...). .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 11:53  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 424
تۆھپە : 2
توردا: 104
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 12:20:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<< يەتتە قىزلىرىم>> مەقبەرىسىدە،

ئابدۇلھەمىدجان* قىرائەت قىلدى.

مۇڭلۇق بىر تارىخ، ياشلاندى كۆزلەر،

ياسىنجان سادىق چوغلان يىغلىدى...


يۇقىرىدىكى مىسرالارنى ئوقۇغاندا مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بوشاپ،كۆزۈم ياشلاندى.رەھمەت سىزگە ، ئۈمىد ئۇكام.

مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 894
تۆھپە : 7
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

3.jpg


11.JPG





forum.php?mod=viewthread&tid=2195

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-22 20:38  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 576
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سالام ئۈمىد ئاكا!


مەڭگۈ يوقالماسلىق ئۈچۈن قايتا پەيدا بولدۇم!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 894
تۆھپە : 7
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mamat omar يوللىغان ۋاقتى  2012-5-20 12:07
سالام ئۈمىد ئاكا!



ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەمەتجان ئىنىم!....  ئىجادىڭىز گۈل بولغاي...

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش