مۆلجەر باغرىدا ئىزىڭلار قالدى:) (ئۈمىد)
غوۋا قىرغاقلارنىڭ بۇزۇپ چۈشىنى،
يېشىل نۇر كەلدى بۈگۈن يىراقتىن.
ئەجداد روھى چوغ باغرىمىز ئارا
لاۋۇلدار يۈرەك ئېرىپ پىراقتىن...
يىراق تارىختەك ئوت نەپەس بىلەن،
ئۇيغۇر مېھرىدە قۇچاق ئېچىشتۇق.
<<باھادىرنامە>>، <<جاللات خېنىم>>نى
يازغان جۈپ قولنى مەھكەم سىقىشتۇق...
2
كىرگەندە يوقلاپ شائىرنى* سەھەر،
بوۋاينىڭ كۆزى نەملەشتى، ياندى.
<< ئالىملىرىمىز... >> دېدى ھېس قىلىپ،
غېرىپ كۈلبىدە بىر ئارمان قالدى...
<<لېيىغان بۇلاق>> سۈزۈلگەن بۆگۈن،
مۆلجەر تېغىنىڭ زۇمرەت قوينىدا.
چوققىلار تۇتاش گىرەلەشكەن چىڭ،
ئىككى ئوغلاندىن* ئىزنا بار بۇندا...
<< يەتتە قىزلىرىم>> مەقبەرىسىدە،
ئابدۇلھەمىدجان* قىرائەت قىلدى.
مۇڭلۇق بىر تارىخ، ياشلاندى كۆزلەر،
ياسىنجان سادىق چوغلان يىغلىدى...
سوۋۇتقۇ بۇلاق سۇلىرى زەمزەم،
مۇزدەك ئەندىكىش سەگىتەر يۈرەك.
موللا شاكىرنىڭ* قەدەم جايىدىن،
ئەل ئوغلانىغا ياغار قۇت- تىلەك...
<< مارجان بۇلاق>> تا پۇرەكلىدى گۈل،
ھۆرمەت تۆرىدە ياپتۇق تون- لىباس.
ئۈچ تال گۈلچەمبەر*ئېسىلدى لەرزان،
سىڭگىنى ئاڭا مۇھاببەت-ئىخلاس...
سىم- سىم يامغۇردەك خوشلاشتۇق ئاخىر،
دىل يالقۇنىدىن يۈرەك چوغلاندى.
<< جالالىدىنىكام، چوغلان ئىزىدىن
كۆڭۈلدىن تۇمان يىراق قوغلاندى>>...
مەيلى نە بولسۇن ئامان بۇلۇڭلار ،
رىشتىڭلار ئۇچ*قا سۈزۈك باغلاندى.
باسقان قەدەملەر گۈلگە ئايلانسۇن،
مۆلجەر* باغرىدا ئىزىڭلار قالدى...
2012-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى
......................................................................................................
....................................................................................
........................................................................
*شائىر- يەتتە قىزلىرىم داستاننىڭ ئاپتۇرى شائىر ئىبراھىم قۇرباننى دېمەكچى( مېڭىسىگە بىرنەچچە قېتىم
قان چۈشكەنلىك سەۋەبىدىن داۋالىنىپ ياخشى بۇلالماي ھازىر ئائىلىسىدەئىدى)
*ئىككى ئوغلان-جالالىدىن بەھرام، ياسىجان سادىق چوغلان.
*ئابدۇلھەمىدجان- توردىشىمىز ئابدۇلھەمىد ياسىن
*موللا شاكىر- ئۇچتۇرپاندا ياشاپ ئۆتكەن شائىر، تارىخچى- ئالىم. <<زەپەرنامە>> داستانىنىڭ ئاپتۇرى.
*ئۈچ تال گۈلچەمبەر- شۇكۈنى تون كىيدۈرۈلگەن جالالىدىن بەھرام ئاكا، چوغلانبەگ ئاكا ۋە ئۇچتۇرپاندىكى پىشقەدەم يازغۇچى، <<سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندا >>ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى-ئىمام مۇھەممەد ئاكلارنىڭ بوينىغا سېلىنغا ئاددى گۈلچەمبەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ...
*ئۇچ-ئۇچتۇرپاننىڭ تارىخى نامى.
*مۆلجەر- مۆلجەر تاغ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-8 14:36