پەرەز قىلىش
مەن پەرەز قىلىمەن ھەر كۈن بىر قىزنى ،
كۆزلىرى قارا ۋە لىۋىنى قىزىل .
كېچىلەر يالغۇزلۇق ئېچىگە تاشلار
ھاياتنىڭ ئىستىگەن چاغلىرى ئېسىل .
مەن پەرەز قىلىمەن بىر تۈپ دەرەخنى ،
ياپرىقى مۇھەببەت ،شاخلىرى سۆيۈش ،
دەرەخلىك يوللاردا ئۆسۈپ يىتىلدىم ،
چوڭ بولدى مەن بىلەن ئوتلاردا كۆيۈش .
مەن پەرەز قىلىمەن ئۇزۇن دەريانى ...
ئاققىنى كۆز يېشى ، قىرغاقلار ئاشىق .
بىر چۆگۈن سۇدىكى غۇسلى تاھارەت ،
پاكلىقنىڭ مەنىسى شۇنچىلىك قاتتىق .
مەن پەرەز قىلىمەن چەكسىز ئورماننى
بىر چېتى تۇغۇلۇش ،بىر چېتى ئۆلۈم .
ئورماننى دەرەخنىڭ توپلىرى دېسەك ،
دەرەخنىڭ مەنىسى يەنە شۇ كۆرۈم .
مەن پەرەز قىلىمەن يەنە ئۆزۈمنى ...
شېئىردىن بەك يىراق تۇرغان ئادەمدەك .
بىر قولۇم ئىشىقتا ، بىر قولۇم ئىشتا
ياشايمەن دۇنيادا ھامان سايەمدەك .
ئۆزىنى توختىتىش
ئۆزۈمنى توختاتتىم باھار پەسلىگە ،
گۈللىرى ئېچىلىپ ،قۇشى سايرىسۇن .
دەرەخلەر چېچەكلەر ئىچىدە تۇرۇپ ،
پېچىرلاپ بىرىمەن شېئىر ئاڭلىسۇن .
ئۆزۈمنى توختاتتىم مۇشۇ يوللاردا ...
كەتكەنلەر كىتەرى، ھېچكىم كەلمىسۇن .
بىر لەۋزىم چېغىر يول ئەمەستۇر ئەسلا
ھەي دۇنيا سەن بىلگىن ،ئىنسان بىلمىسۇن .
ئۆزۈمنى توختاتتىم مۇشۇ تاغلاردا
چوققىدا كۆكسۇڭدۇر ، قاپتالدا مېھرىڭ .
دەريالار ئاقمىسۇن چاناقلىرىڭغا
قولۇمدا قوللىرىڭ ،كۆزۈمدە چېھرىڭ .
ئۆزۈمنى توختاتتىم مۇشۇ تۇپراقتا ...
توپىسى ۋەتەندۇر ، نامى ھەقىقەت .
شەيتاننىڭ لىۋىنى چىشلىگەن پەيتىم ،
ئاھ مىنى قۇچاقلاپ چىقار مۇھەببەت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-3 02:03