جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1036 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 4

مەھدى : پەرەز قىلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 179
تۆھپە : 1
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 02:02:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەرەز قىلىش



مەن پەرەز قىلىمەن ھەر كۈن بىر قىزنى ،

كۆزلىرى قارا  ۋە لىۋىنى قىزىل .

كېچىلەر يالغۇزلۇق ئېچىگە تاشلار

ھاياتنىڭ ئىستىگەن چاغلىرى ئېسىل .


مەن پەرەز قىلىمەن بىر تۈپ دەرەخنى ،

ياپرىقى مۇھەببەت ،شاخلىرى سۆيۈش ،

دەرەخلىك يوللاردا ئۆسۈپ يىتىلدىم ،

چوڭ بولدى مەن بىلەن ئوتلاردا كۆيۈش .


مەن پەرەز قىلىمەن ئۇزۇن دەريانى ...

ئاققىنى كۆز يېشى ، قىرغاقلار ئاشىق .

بىر چۆگۈن سۇدىكى غۇسلى تاھارەت ،

پاكلىقنىڭ مەنىسى شۇنچىلىك قاتتىق .


مەن پەرەز قىلىمەن چەكسىز ئورماننى

بىر چېتى تۇغۇلۇش ،بىر چېتى ئۆلۈم .

ئورماننى دەرەخنىڭ توپلىرى دېسەك ،

دەرەخنىڭ مەنىسى يەنە شۇ كۆرۈم .


مەن پەرەز قىلىمەن يەنە ئۆزۈمنى ...

شېئىردىن بەك يىراق تۇرغان ئادەمدەك .

بىر قولۇم ئىشىقتا ، بىر قولۇم ئىشتا

ياشايمەن دۇنيادا ھامان سايەمدەك .



ئۆزىنى توختىتىش


ئۆزۈمنى توختاتتىم باھار پەسلىگە ،

گۈللىرى ئېچىلىپ ،قۇشى سايرىسۇن .

دەرەخلەر چېچەكلەر ئىچىدە تۇرۇپ ،

پېچىرلاپ بىرىمەن شېئىر ئاڭلىسۇن .


ئۆزۈمنى توختاتتىم مۇشۇ يوللاردا ...

كەتكەنلەر كىتەرى، ھېچكىم كەلمىسۇن .

بىر لەۋزىم چېغىر يول ئەمەستۇر ئەسلا

ھەي دۇنيا سەن بىلگىن ،ئىنسان بىلمىسۇن .


ئۆزۈمنى توختاتتىم مۇشۇ تاغلاردا

چوققىدا كۆكسۇڭدۇر ، قاپتالدا مېھرىڭ .

دەريالار ئاقمىسۇن چاناقلىرىڭغا

قولۇمدا قوللىرىڭ ،كۆزۈمدە چېھرىڭ .


ئۆزۈمنى توختاتتىم مۇشۇ تۇپراقتا ...

توپىسى ۋەتەندۇر ، نامى ھەقىقەت  .

شەيتاننىڭ لىۋىنى چىشلىگەن پەيتىم ،

ئاھ مىنى قۇچاقلاپ چىقار مۇھەببەت .







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 02:03  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 138
تۆھپە : 3
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:41:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەھدى ئىنىم!
سەھەردە ئوقۇغان بۇ شېئىرىڭىز ماڭا تولىمۇ تېرەن ۋە گۈزەل بىلىندى.  قەلىمىڭىزگە بەرىكەت،  قەدىمىڭىزگە قۇت تىلەيمەن!...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 366
تۆھپە : 5
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 19:14:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شېئىرىڭىزدا راستىنلا سالماق ھاياجان ۋە تەمكىن ھېسىيات ئوخچۇپ تۇرىدۇ.

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 4
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 23:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرەز قىلىش




مەن پەرەز قىلىمەن ھەر كۈن بىر قىزنى ،

كۆزلىرى قارا  ۋە لىۋىنى قىزىل .

كېچىلەر يالغۇزلۇق ئېچىگە تاشلار

ھاياتنىڭ ئىستىگەن چاغلىرى ئېسىل .



مەن پەرەز قىلىمەن بىر تۈپ دەرەخنى ،

ياپرىقى مۇھەببەت ،شاخلىرى سۆيۈش ،

دەرەخلىك يوللاردا ئۆسۈپ يىتىلدىم ،

چوڭ بولدى مەن بىلەن ئوتلاردا كۆيۈش .



مەن پەرەز قىلىمەن ئۇزۇن دەريانى ...

ئاققىنى كۆز يېشى ، قىرغاقلار ئاشىق .

بىر چۆگۈن سۇدىكى غۇسلى تاھارەت ،

پاكلىقنىڭ مەنىسى شۇنچىلىك قاتتىق .



مەن پەرەز قىلىمەن چەكسىز ئورماننى

بىر چېتى تۇغۇلۇش ،بىر چېتى ئۆلۈم .

ئورماننى دەرەخنىڭ توپلىرى دېسەك ،

دەرەخنىڭ مەنىسى يەنە شۇ كۆرۈم .



مەن پەرەز قىلىمەن يەنە ئۆزۈمنى ...

شېئىردىن بەك يىراق تۇرغان ئادەمدەك .

بىر قولۇم ئىشىقتا ، بىر قولۇم ئىشتا

ياشايمەن دۇنيادا ھامان سايەمدەك .




ئۆزىنى توختىتىش



ئۆزۈمنى توختاتتىم باھار پەسلىگە ،

گۈللىرى ئېچىلىپ ،قۇشى سايرىسۇن .

دەرەخلەر چېچەكلەر ئىچىدە تۇرۇپ ،

پېچىرلاپ بىرىمەن شېئىر ئاڭلىسۇن .



ئۆزۈمنى توختاتتىم مۇشۇ يوللاردا ...

كەتكەنلەر كىتەرى، ھېچكىم كەلمىسۇن .

بىر لەۋزىم چېغىر يول ئەمەستۇر ئەسلا

ھەي دۇنيا سەن بىلگىن ،ئىنسان بىلمىسۇن .



ئۆزۈمنى توختاتتىم مۇشۇ تاغلاردا

چوققىدا كۆكسۇڭدۇر ، قاپتالدا مېھرىڭ .

دەريالار ئاقمىسۇن چاناقلىرىڭغا

قولۇمدا قوللىرىڭ ،كۆزۈمدە چېھرىڭ .



ئۆزۈمنى توختاتتىم مۇشۇ تۇپراقتا ...

توپىسى ۋەتەندۇر ، نامى ھەقىقەت  .

شەيتاننىڭ لىۋىنى چىشلىگەن پەيتىم ،

ئاھ مىنى قۇچاقلاپ چىقار مۇھەببەت .



مەھدى ئەپەندىم شېئىرىڭىزنى رومانتىك تۇيغۇلاردا ئوقۇپ چىقتىم.  ھەم ئىملادا كېتىپ قالغان بەزى تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ قويدۇم. خاپا بولمىغايسىز....




مەن ئاللىقاچان بىر بارسە كەلمەس يولغا كىرىپ قالدىم..... it s A Long Road...  第一滴血

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 179
تۆھپە : 1
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 18:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت !!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش