يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 4928|ئىنكاس: 70

نازىنە باتۇر روزى: «كاچۇڭ توققۇز مۇقامى»توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              «كاچۇڭ توققۇز مۇقامى»توغرىسىدا
                                                         نازىنە باتۇر روزى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار ! مەن ئۇزۇندىن بۇيان مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ مۇنبەرگە دائىم كېلىپ تۇرالمىدىم، بىراق يېقىندا مەرھۇم دادام باتۇر روزىنىڭ مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە يازغان «كاچۇڭ توققۇز مۇقامى»توغرىسىدا بولۇنغان بەزىبىر گەپلەرنى ئاڭلاپ قېلىپ كۆڭلۈم تولىمۇ پەرىشان بولدى..
   دادام يېزىقچىلىق بىلەن شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللانغىلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ كەتتى، بۇنىسى ھەممەيلەنگە ئايان، ئۇنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور. ئەمدى ئاساسىي گەپكە كەلسەك، دادام مەن ئون ياشقا كىرگەن يىللىرى بولسا كېرەك، ئۆيگە نۇرغۇن سازەندىلەرنى، مۇقامچىلارنى يىغىپ، كاچۇڭ توققۇز مۇقامى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىپ، تەھلىل يۈرگۈزۈپ، نۇرغۇن تارىخىي ماتىرىياللارنى توپلاپ ، كېچىنى كېچىگە ئۇلاپ مۇقام ئاڭلاپ، مۇقام ئورۇنداشقا تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ناملىق كىتابى ئۈچۈن نۇرغۇن جاپالارنى چەككەن، پۇختا تەييارلىق قىلغان، ئەمما كىتابنى ئۆز قولى بىلەن نەشرىياتقا سۇنالمىغان، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ،بىز ئۇنىڭ كومپىيۇتىرىنى ھەمدە يازما ماتىرىياللىرىنى ئىزدەش ئارقىلىق كاچۇڭ توققۇز مۇقامىنى تېپىپ چىقتۇق، ئاندىن رەتلەپ تەييارلاپ نەشرىياتقا سۇندۇق، ھازىر شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى بۇ كىتابنى نەشردىن چىقىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەمدى بولغاندا، كاچۇڭ توققۇز مۇقامىنى ئۆز نامى بىلەن نەشىر قىلماقچى بولغان، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولغان كىشىلىرىمىز چىقىپتۇ. ۋىجدانى بىلەن ئويلاپ باقسۇنچۇ، كاچۇڭ توققۇز مۇقامى ئۈچۈن شۇ كىشى قانچىلىك ئەجر سىڭدۈرۈپتۇ؟!
  بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان چېغىمدا بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدى، بۇ گەپنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم، بىراق ئانچە ئېرەنشىمىگەن، چۈنكى نەشىرگە سۇنۇلۇپ بولغاچقا ،ئەنسىرىگۈدەك يېرى يوق دەپ ئويلايتىم، ئەمما بەكلا ھەددىدىن ئېشىپتۇ، مەن پىكىر ئېلان قىلمىسام بولمايدىغان يېرىگە بېرىپ قالغاچقا، مۇنبەردە مۇشۇنداق ئۆز پىكرىمنى ئېلان قىلىۋاتىمەن، بەلكىم، بەزى كىشىلەر ،بۇ قىز كىچىك تۇرۇپ نېمانداق جىق ئىشقا ئارىلىشىدىغاندۇ دەپ قېلىشى مۇمكىن، مەيلى، كىم نېمە دەپ ئويلىسۇن، بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر. مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى، مەرھۇم دادامنىڭ ھايات چېغىدا تارتقان جاپالىرى، سىڭدۈرگەن ئەجرلىرى يەردە قالسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن بۇنىڭغا يول قويالمايمەن. ئەگەر ئۆز نامى بىلەن چىقارماقچى بولغانلار بولسا، ئىسپاتلارنى تولۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ شۇ كىتابنى ئۆز نامى بىلەن چىقىرىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، ئۇ چاغدا ئىش باشقىچە! ئەگەر بۇنداق قىلالمىسا، مەن ھەرقانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ كىتابنى ئۆز نامىغا ئۆتكۈزۈشنى ئويلىغان بولسا ۋە ياكى شۇنداق قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانغان بولسا، مەن شۇ كىشىنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىمەن! ئەگەر شۇ كىشىدە ۋىجدان بولمىسا، قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىمىز. يەنىلا ئۈمىد قىلىدىغىنىم، يازغان كىشى ئاللىقاچان ۋاپات بولدىغۇ دەپ دادامنى يوققا چىقارماقچى بولغانلار ئۆزۈڭلارنى بىلىۋېلىڭلار! بۇ يەردە ئۇنىڭ قىزى بار! مەن بولدى قىلمايمەن!


(  تەستىقلىغۇچىلار، بۇ تېمىنى كۆرۈپ مۇنبەرگە چىقارماي قالمىغان بولساڭلار، خۇش بولاي، دادامنىڭ ئەمگىكىنىڭ بۇنداقلا يوققا چىقىشىغا يول قويمايمەن، )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-3 19:25  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-3 19:27:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش __ ئۇچىغا چىققان نومۇسسىزلىق!

ۋاقتى: 2014-4-3 19:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆزى يوقنىڭ يۈزى يوق» دېگەن ماقالنى تازا يادقا ئېلۋاپتىكەن-دە، شۇنداق قىلماقچى بولغان ناكاس. «توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا» دەپ ياقامغا قول ئۇزاتسام ياقام يوق. «ھەي، ياقىسىز زاماندا ياشاۋېتىپتىمەن-دە» دېيىشكە مەجبۇر بولدۇم.

ۋاقتى: 2014-4-3 20:04:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 19:27
باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش __ ئۇچىغ ...

توغرا دىدىڭىز.

ۋاقتى: 2014-4-3 22:04:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلار توغۇرلۇق مەرھۇم يازغۇچى باتۇر رۇزىنىڭ يازغان كىتابىدىكى ئەسەرنىڭ ئورگىنال ھالىتى ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى تەتقىقات تېمىغا كىرىشىپ ئەسەر يېزىۋاتقان ۋاقىتلاردا مۇئەللىپنىڭ دوست-بۇردادەرلىرى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتسە بولىدۇ.
ھازىرقى دەۋردە ئەسەر ئوغۇرلاپ تېما ئېگىسىنىڭ ئەجرىنى يوققا چىقىردىغان ئىشلار بەك ئاۋۇپ كەتتى.بۇ ئىلىم ئەخلاقىغا ماس كەلمەيدىغان ناچار قىلمىش.بوپمۇ ئۈندىدار سالۇنلىرى ئەسەر ئوغۇرلاش ئىشىنى كەڭ كۆلەمدە تەرەقىي قىلدۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ بولدى.كىتاب شەكلىدىكى ئەسەر بولسۇن ۋە ياكى تور دۇنياسىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەر بولسۇن ئەمگەك مېۋىسىنى ئوغۇرلاشقا تەمشەلگەن،باشقىلارنىڭ ئەجىر قىلىپ يازغان تېمىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدىغان ئەسەر كۆچۈرمىكەشلىرىنى توردا قاتتىق بايقۇت قىلىش كېرەك.ئۇلار تۆۋبە قىلمىغۇچە،ئۆز قىلمىشىدىن ساۋاق ئالمىغۇچە،قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە كەڭ جامائەتچىلىك ئالدىدا كەچۈرۈم سورىمىغۇچە قاتتىق بايقۇت قىلىپ جازالاش كېرەك.
ئەسەر ئوغۇرلاۋاتقان،مەنبەنى ۋە ئاپتۇرنى يوق قىلىپ ئۆزىنىڭ قىلىشقا ئۇرۇنۋاتقان بىر قىسىم بايقۇشلارنى قاتتىق بايقۇت قىلايلى.بايقۇت قىلىش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ قىممىتى،ئەجرى،ئەمگەك مېۋىسىگە لايىق بولغان چىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرەلەيمىز.

ۋاقتى: 2014-4-3 23:14:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەتلەر بولسۇن!!!

ۋاقتى: 2014-4-4 03:10:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    غەم يىمەس نازىنە سىڭلىمنىڭ  كىچىكىپ ئويغىنىپ قالغانلىقىغا بەكلا ھەيران قالدىم ھەم خۇش بولدۇم. مەن بۇ ھەقتە مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى كۆپ ئەسكەرتكەن  ھەم خاپامۇ بولغان ئىدىم. چۈنكى مەنكى مۇختار قۇربان ئارتتېكىن بۇ ئەسەرنىڭ ئارگىنالىنى  قاغىلىقتا تۇرۇپ  مەرھۇمنىڭ بۇزۇلغان كومپېيوتېر دىسكىلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ كود ئالماشتۇرۇپ ئوقۇغۇدەك قىلىپ دىسكىغا ئويۇپ ھەم قەغەزدە بېسىپ چىقىرىپ مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بەرگۈچىسى مەن، بۇ ئىشتا  ماڭا ياردەملەشكەنلەر  ھازىرمۇ ئەس-ھۇشى جايىدا ھايات تۇرماقتا.  دىمىسىمۇ  كاچۇڭ توققۇز مۇقامى ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئارگىنالىنى مەرھۇم بىر قانچە كىشىگە كۆچۈرۈپ بەرگەن، بۇنى مەن بىلىمەن. يەكەن ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمى ناھىيە ئىگە بولۇپ چىقارماقچىمۇ بولغان. ئەينى چاغدىكى يەكەن ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى ئوبۇل  پەيزى ئورۇن نامىدىن چىقىرىپ بەرمەكچى بولدى دېگەن مەرھۇمنىڭ سۆزى ھېلىمۇ  قۇلاق تۈۋىمدە تۇرۇپتۇ، يەنە باشقا كىشىلەر مەبلەغ سېلىپ نەشىر قىلماقچىمۇ بولغان. ( بۇ ئەسەرنى تۈنچى يېزىقتا  رەتلەشكە ۋە لىنتىغا ئېلىشقا  باشتىن ئاخىرى بىرگە  ياردەملەشكەن  مەرھۇمنىڭ شاگىرتى شائىر توختى مامۇت ئىزچى ۋە كاچۇڭلۇق دوستلىرى ھازىرمۇ ھايات، شائىر توختى مامۇت ئىزچى يازغۇچىلار تورىغا كاچۇڭ توققۇز مۇقامى دېگەن بۇ ئەسەرنىڭ بىر بۆلىكىنى ئېلان قىلغاندا كىيىنچە كىتاب بولۇپ چىقىپ قالسا ئائىلە تاۋاباتلىرىغا زىيان بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن داۋامىنى يوللىماسلىقنى كېڭەشكەن، ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى 500 يىللىق پاجىئە دېگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسىلتاتسىيەسىنى بۆلۈك بويىچە تورغا چاپلىسام ياسىنجان سادىق ئاكام نەسىھەت قىلىپ كىتاب بولۇپ قېلىپ چىقىپ قالسا ئائىلە تاۋاباتلىرىغا زىيان بولىدۇ دەپ مىنى قايىل قىلىپ توسۇپ قالغان ) . بۇ كىتابنىڭ ئارگىنالىدىن يەكەندىكى مەبلەغ سېلىپ كىتاب قىلىپ چىقىرىپ بىرىمەن دېگۈچىلەر ،  يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى  ۋە مائارىپ ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا  بىر نۇسخىدىن بار. ( بۇ يەردە ئىسمىنى دېگۈم يوق).
    ئۇنىڭدىن باشقا  مەرھۇمنىڭ شېئىرلىرىنى  سابىق بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرىدە مۇراجات ئىلان قىلىپ  تورداش دوستلارنىڭ ياردىمىدە  يىغقان ۋە ئىلان قىلىنمىغان ئەسەرلىرىنى ھاجى قاۋۇل ، ئابدۇرۇسۇلجان ئەلتۇغ  قاتارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ ياردىمىدە  تەييارلىغانمەن.  نازىنە  قاغىلىق ۋە يەكەندە تۇرۇپ كومپېيوتىردا بىر قىسمىنى ئۇرۇپ كىرگۈزگەن . مەن يەنە قەشقەر ، خوتەن،  ئاقسۇ، يەكەن قاتارلىق جايلارغا  كۆپ قېتىم بېرىپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن شېئىرىي ئەسەرلىرىنىڭ مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىگەندىن باشقا  يەكەن گېزىتى ، يەكەن كۈتۈپخانىسى قەشقەر ئەدەبىياتى  ژورناللىرى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ كونا سانلىرىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى يىغىپ رەتلىگەنمەن. مەرھۇمنىڭ خانىمى شۇ قېتىم قاغىلىقتىن كورلىغا كىتەر چاغدا مەن قەغەر يېشىكتە لىڭ بىر كەلگۈدەك باسما  ئەسەرلىرىنى تولۇقى بىلەن بېرىپ ، ئەسەرلەرنى ئىلان قىلىدىغان چاغدا ئىشەنچىلىك  كىشىلەرگە توختام  ۋە ھۆججەت ئاساستا بىرىشنى قايتا - قايتا جىكىلىگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا نازىنە سىڭلىم تېخى كىچىك ئىدى.  ئالدىنقى يىللىرى مەن تەييارلىغان شېئىرلار توپلىمى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر توپلىمىنى خەلق نەشىرىياتى تەرەپتىن يۈرۈشلۈك توپلام  قاتارىدا  ئېلان قىلىشقا ئاز قالغاندا  نىمە سەۋەبتىندۇر تۇيۇقسىز توختاپ كەتكەنلىكىنى  ژورنالىست ، شائىر ئەسقەر ياسىن ئەپەندىدىن بىلگەن ئىدىم. مەرھۇمنىڭ بىرقانچە رۇمانلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى يىتىم بالىدەك ئۈرۈمچىدىكى نەشىرىياتچىلار ۋە كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ  قولدىن قولغا  ئۆتۈپ  ئاخىرى كىتاب سودىگىرى ئېزىز ئاتاۋۇللار سارتتېكىن نىڭ  پىلانلىشى ۋە نەشىرگە تەييارلىغۇچى نامىدا چىقىمىش دېگەن خەۋەرنى مەرھۇمنىڭ خانىمىدىن ئاڭلاپ ھەيران قالغان بولسام ،بىر تەرەپتىن ھەر ھەرنىمە بولسا  چىقىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرى ئەسلىدىنلا خارلىقتا قېلىپ خامتالاش قىلىنغۇدەك سەۋىيەسىز  ۋە بىچارىمۇ ئەمەستى. مەرھۇم باتۇر روزى ھايات چېغىدا  ماڭا  2006-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىندى) قاغىلىق بىكەتنىڭ ماشىنىسىغا چىقىش ئالدىغا  ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ گېزىت يۈزىسىدە ماقالە ئوبزور ئىلان قىلىنىپ ھاقارەتلەنگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى، خوتەندە يول ياسايمەن دەپ يېقىن بىر دوستى تەرىپىدىن قويۇلۇپ كەتكەنلىكىنى( بۇ ئىش مەرھۇمنىڭ مەردانە  قەددىنى ئەگكەن بىردىن بىر ئىش ئىدى، نەچچە قېتىم ئۆيۈمدە قونغاندا كىچىچە تاڭ بىدار  مۇشۇ ئىشنى قايتا-قايتا دەپ بەرگەن ۋە مۇشۇ پۇلغا خوتۇن بالىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ خاتىرجەم يېزىقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئېيىتقان ئىدى )، ئۆزىنىڭ كۆپلەپ شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ  ساقلانمىغانلىقىنى  ئېيتقان ھەمدە مىنىڭ ئەنە شۇ شېئىرلىرىنى يىغىپ نەشىرگە تەييارلاپ بىرىشىمنى ئېيتقان ئىدى.  ئاپتوبۇس ماشىنا قوزغالغىچە  مەن شېئرلار توپلىمىڭلىنى چوقۇم رەتلەپ نەشىرگە تەييارلاپ بىرىمەن  دەپ لەۋزى قىلىپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم.  لەۋزىمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.   كىيىنچە بۇ شېئىرلار  ۋە تەرجىمە شېئىرلار توپلىمى  شائىر ئەسقەر  ياسىن ئەپەندىمنىڭ  يول مېڭىشى ئارقىلىق  يۈرۈشلۈك توپلام قاتارىدا خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەقىشلىك شەكىلدە چىقماقچىمۇ بولغان ۋە بايا دېگەندەك قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان ئىدى.   مەرھۇمنىڭ قول يازمىلىرىدىن  ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدىكى بەش يۈز يىللىق پاجىئە دېگەن ماقالىسى ۋە قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنىڭ نەزمى شەكلى( مەرھۇم نەزمىيلەشتۈرگەن ، تولۇق ئەمەس، توختى مامۇت ئىزچى ساقلاپ ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن)  نۇسخىسى قولۇمدا ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.  
      شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشىرىياتىدىكىلەرگە مەرھۇمنىڭ شېئىرلار  ۋە تەرجمە شېئىرلىرى توپلىمىغا نەشىرگە تەييارلىغۇچى ئورنىغا مەرھۇمنىڭ قىزى نازىنە نىڭ ئىسمىنى قېتىشنىڭ لازىملىقىنى ، ياكى بولمىسا ھەقىقى نەشىرگە تەييارلىغۇچى كەمىنە مۇختارقۇربان ئارتتېكىن نىڭ ئىسمىنى ئېلىشنىڭ لازىملىقىنى  مەرھۇمنىڭ خانىمى ئامانگۈل ئارقىلىق تېلېفۇندا  ئادىل مۇھەممەت تۇران ئەپەندىمگە دىگۈزگەن ئىدىم( بۇنداق دىيىشىمدە مەرھۇمغا بەرگەن ۋەدەمنىڭ كىتاب يۈزىدە مەڭگۈ خاتىرە بولۇپ قېلىشىنى ئىستىگەن بولسام، باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان نەشىرگە تەييارلىغۇچىغا بىرىدىغان ھەقنىڭ مەرھۇمنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ تۈرمۇشىغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولار دېگەن خىيالدا خالىس نىيەتتە ئويلىغان ئىدىم.)     ھازىر  8  يۈرۈش كىتابى نەشىرىياتتا تەييار بوپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. بۇ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان شېئىرلار ۋە تەرجىمە شېئىرلار توپلىمىنىڭ  ئېلىكتىرۇنلۇق  تېكىست نۇسخىسى ۋە قەغەزلىك نۇسخىسىنى  ئامانگۈل خانىم ئېىيتقاندەك  ھەرگىزمۇ   كىتاب سودىگىرى نەشىرگە تەييارلىغان ئەمەس.  تېخى ماقالىلەر توپلىمىنى سابىق بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرىگە ئەزا بولغان تورداشلار  ئىزدەپ يۈرۈپ بىر-بىرلەپ ئۇرۇپ  توردا يوللىغان مەن  پىقىر ئۆزۈم بىر ھۆججەت قىلىپ بىر قوللۇق يىغىپ تەييارلىغان  ئىدۇق.  بەزى ماقالىلىرى مەرھۇمنىڭ بۇزۇق دىسكىسىدىن ۋە يۇمشاق دىسكىسىدىن چىققان.  باشقا رۇمان قاتارلىق ئەسەرلىرىنى قاتتىق ۋە يۇمشاق دىسكىدىن تېخنىكىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇتقۇزۇۋالغان.   
   مەرھۇمنىڭ قىزى نازىنەنى يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ شۈجىسى ئەركىن ئاۋۇت ئەپەندىمنىڭ بالا ئورنىدا ھەر ئايدا ئىقتىسادىي ۋە باشقاجەھەتتىن پەۋەدارچىلىق قىلىشى ۋە باشقا ئاكاشلىرىنىڭ ياردىمى  بىلەن  بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ .  لىكىن مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ خانىمى  ئوغلى قۇتلۇق باتۇر( ئەسلى ئىسمى تەڭرىقۇت باتۇر ) نى داۋالىتىدىغانغا   ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنىڭ قاتمۇ-قات ئىسكەنچىسىدە تۇرۇۋاتقاندا  كىتابلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ نامىدا ئىلان قىلىنىشى ئەقەللى ۋىجدان بىلەن قەلەم تۇتقانلار غا  ماس كەلمەيدۇ.  بىلىشكە تىگىشلىككى تۇل خوتۇن يىتىم بالىنىڭ رىسقى سۇدا ئاقمايدۇ، ئوتتا كۆيمەيدۇ.  ئاللا  باشقىلارنىڭ رىسقىنى يىگۈچىنىڭ گۇناھىدىن مەڭگۈ ئۆتمەيدۇ.  رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى كىم شۇنداق قىلىۋالغان بولسا شۇ كىشى يۈرىكىغە قولىنى سېلىپ بېقىشى كىرەك.  
     مەن مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا يەنە كەسكىن ئەسكەرتىدىغىنىم ، ئەمدى ئۆز ھوقۇقىڭلارنى قوغدايدىغان ۋاقتى كەلدى. جىم يېتىۋەرسەڭلەر  نەشىردىن چىقىپ كەتتىمۇ  يوق بولدى دېگەن گەپ.  مەرھۇمنىڭ ھەققى ھۆرمىتى يۈزىسىدىن بولسىمۇ بىرەر قېتىم مىدىرلاپ قويۇڭلار.  نازىنە سىز ئۈرۈمچىدە نەچچە يىل ياشىدىڭىز ، ئەجىبا بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بىرەرسى بىر نەرسە دەمتى.  لىكىن سىڭلىم بىلىپ قېلىڭكى ئەگەر سوتقا چۈشىدىغان ئىش بولسا مەن ۋە باشقا گۇۋاھچىلار  گۇۋاھلىق بىرەلەيمىز.  
     مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغىنىغا  7  يىل بوپتۇ.  مەرھۇمغا مۇناسىۋەتلىك  ئەستىلىكلەر  شۇنچە كۆپ .  ھەر قېتىم مەرھۇمنى ئەسلىگىنىمدا   قاغىلىقتا بىرگە ئۆتكەن  1996-يىلىدىن تاكى 2006-يىلغىچە بولغان 10 يىللىق ھايات كارتىنىسى كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ ۋە يۈرىكىم قاتتىق مۇجۇلۇپ ئىچ ئاغرىقتا قالىمەن. ھەر قېتىم بىرەر ئەسلىمە يېزىپ قويۇش ئۈچۈن قەلەمنى قولۇمغا ئالغىنىمدا  خۇددى مۇشۇ ئەسلىمىنى يېزىپ بولسام يۈرىكىمدە ساقلانغان ئەستىلىكلەر  ئازلاپ قالىدىغاندەك ھىسقا كىلىپ  يېزىشقا  قولۇم  بارمايدۇ. يازالماي قالىمەن. ئىچ ئاغرىق  يامانكەن.
   ئەمدى بۇ ئەسەرلىرىنىڭ نەشىرگە تەييارلاش ۋە نەشىر قىلىنىش توغرىسىدىكى ئىش ئاخىرى تور يۈزىگە چىقىپتۇ. مەنمۇ يۇقارقىلارنى  دەپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.  
    كىشىلەر  ئىنساپ قىلايلى... ئەگەر  يۇقارقى مەسىلىلەر تۈزۈتىلمىسە مەن بارلىق ئەسەرلىرىنى توردا ئىلان قىلىۋېتىمەن. نەشىرىيات ئورۇنلىرى قاتتىق زىيان تارتىپ كىتىدۇ.  شېئىرلار  ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر توپلىمىنىڭ نەشىرگە تەييارلىغۇچىسى كەمىنە مۇختارقۇربان ۋە نازىنە باتۇر. باشقا رۇمان ۋە ئەسەرلەرنىڭ نەشىرگە تەييارلىغۇچىسى نازىنە باتۇر دۇر.   باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى مەن  تولۇقلاپ تەييارلىدىم ،  كەم ئەسەرلىنى تېپىپ   تولۇقلىدىم دېگەن ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى نۆل. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-4 23:15  


ۋاقتى: 2014-4-4 10:01:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ جۇۋىسى دەماللىققا تېنىمىزنى ئىسسىتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ۋىجدان-غۇرۇرىمىزنى توڭلىتىدۇ، شۈركەندۈرىدۇ. ئىلمىي ئىشتا ئىلمىي، ئەمەلىيەتچان بولۇش-ئادەمىيلىك جۈملىسىدىندۇر.

ۋاقتى: 2014-4-4 10:21:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



         بۇ ئىشلار ئۆز ئىزىغا چۈشكەي، ئىلاھىم!

ۋاقتى: 2014-4-4 10:27:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 03:10
غەم يىمەس نازىنە سىڭلىمنىڭ  كىچىكىپ ئويغىنىپ قالغان ...

مەن مۇختەر قۇرباننىڭ بايانلىرىنى ئوقۇپ مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنى توردا ئېلان قىلىۋېتىشنى توغرا تاپتىم.چۈنكى:توردا ئېلان قىلىش بىلەن نەشىر قىلىش ئىككىسى ئىككى مەسىلە.توردا ئېلان قىلىۋېتىش ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقوقىنى بىكىتىش ۋە ساقلاپ قىلىشقا پايدىلىق بولىشى مۈمكىن.بۇنى مەرھۇمنىڭ ئائلە-تاۋابىئاتىنىڭ ئويىلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.ھەم بارلىق گۇۋاھچى-شاھىدلارنىڭ بۇ تېمىغا ھەقىقى ئەھۋالنى ،ھاتتا ئەسەرنىڭ ئىسمىدىن تارتىپ بايان قىلىشىنى ھەم كىيىنكى كۈنلەردىمۇ بۇ بايانلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
كامالى ئىھتىرام بىلەن: غازى ئوغلى.

ۋاقتى: 2014-4-4 10:28:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بۇ تېمىغا گۇۋاھلىقىنى يوللىغان گۇۋاھچىلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-4-4 10:41:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوشاشماڭ نازىنە ، يەكەندە  ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، شۇنداقلا ئەدەبىيات ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان دادىڭىزنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرىدىن ياسىنجان سادىق چوغلان، ئەركىن ئاۋۇت، ئۆمەر ئوسمان قاتارلىقلار بار، ئۇلار شۇنداقلا مۇشۇ ساھەدىكى ھەققانىيەتنى ياقىلىغۇچىلار ئىشلارنىڭ ئاستىن -ئۈستۈن بولۇنۇپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ. غەيرەت قىلىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇڭلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-4 10:41  


ۋاقتى: 2014-4-4 11:04:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم   شائىر   باتۇر  روزىنىڭ  ھەقىقەتەنمۇ  ئۇيغۇر   ئەدەبىياتىغا  قوشقان تۆھپىسى  زور .  ئۇنىڭ خەلق  قەلبىگە  سىڭىپ  كەتكەن  سىماسىنى  خۇنۇكلەشتۈرۈش  مۇمكىن ئەمەس . باتۇر  روزىنىڭ  مۇشۇنداق  ئوت  يۈرەك  بىر  قىزىنىڭ  بولغانلىقىدىن  تولىمۇ  سۆيۈندۈم  .  قولىڭىزغا  قەلەم  ئېلىڭ  سىڭلىم  !!!!  

ۋاقتى: 2014-4-4 11:50:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازىنە سىڭلىمنىڭ  بۇشاشماي تىرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-4-4 12:01:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇر تەڭرىقۇت دىگەن رومانىنىڭ پەن تېخنىكا نەشىرياتىدىن نەشىرقىلىنىدىغانلىقىنى ئادىل مۇھەممەدنىڭ ئاي دالا دىگەن كىتابىدىن ئوقىغان ئىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش