يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: نازىنە.ب

نازىنە باتۇر روزى: «كاچۇڭ توققۇز مۇقامى»توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-4-4 12:03:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

... بۈگۈندۈن باشلاپ ئاشۇ  ناكەسلەرنى  سۈرۈشتۈرۈشنى باشلايمەن...ۋاقتىدا ئۆزىنى سورىمىسا،يېتىم ھەققىگە چاڭ سالغان نىجىسنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇپ،بىر پاي ئوقتا ئېتىلىشقا رازىمەن...!!!

ۋاقتى: 2014-4-4 12:17:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنىڭچە شۇ ئۆز نامىدا  نەشىر قىلغۇچىنىڭ قىلمىشى ئېنىق، باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ تۇل خوتۇن يىتىم ئوغۇلنىڭ ھەققىنى يىيىشكە ئۇرۇنغىنى راست بولسا ئۇنى ئاياپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇشۇ يەردە-نەق مەيداندا ئۇنىڭ كىملىگىنى ئاشكارىلاش كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ تۇمشۇقىغا تەپكىلى، يەنە شۇنداقلارنى چىقىشىغا ئبرەت قىلغىلى بولىدۇ..
شۇنداق قىلغاندا يەنە ئۇ كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆز قىلمىشىنىڭ شۇنداق ياكى ئەمەسلىگى، باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى ئوغرىلىغانلىغى ياكى ئوز تەتقىقات نەتىجىسى ئىكەنلىگى توغرىسدا چۈشەنچە بىرىشكە مەجبۇر قىلغىلى بولىدۇ.

كىمدۇ زادى شۇ ئىككى يۈزلۈك كىشى! ؟...

ۋاقتى: 2014-4-4 12:19:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بارلىق دەلىل ـ ئىسپاتلار تولۇق بولسا، قىلچە ئىككىلەنمەي سوتقا ئەرز قىلىپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداش يولىغا ماڭغۇلۇق، كىچىكتۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ يەردە قۇرۇق  تالاش ـ تارتىش قىلغۇچە ياكى ئويۇن كۆرگۈچە  قانۇننى بىلىدىغان ياكى قانۇن ساھەسىدە تۇنۇشلىرى بارلار نازىنەگە يول كۆرسىتىڭلار، قانۇن جەھەتتە ياردەم بېرىڭلار، مانا بۇ مەرھۇم باتۇر روزىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت. نازىنە، سىزمۇ ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملار ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلغايسىز، پەقەت قانۇنلا سىزنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدۇ. سىزگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-4-4 13:19:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازىنە سىڭلىمنىڭ غەيرىتىگە بارىكاللا! مۇشۇنداق ئوت يۈرەك قىزنىڭ بىزنىڭ سېپىمىزگە قۇشۇلغانلىغىدىن پەخىرلەندىم!

ۋاقتى: 2014-4-4 13:39:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوشاشماي شۇ دەييۈزلەر بىلەن ئاخىرغۇچە قەتئىي كۈرەش قىلىڭ نازىنە سىڭلىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-4 13:43:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ماڭا مەدەت بەرگەن، يول كۆرسەتكەن ئاكا-ھەدىلەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن! مەن ئىلگىرى يېشىم كىچىك، جەمئىيەت تەجرىبەم كەمچىل بولغاچقا، نۇرغۇن مەسىلىلەرگە بەكلا ئاددىي قاراپتىكەنمەن، ئالدى بىلەن مۇختەر قۇربان ئاكامنىڭ ماڭا ئىزچىل مەدەت بېرىپ، ماڭا توغرا يول كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت، دېمىسىمۇ، دادام ۋاپات بولغان يىلى (يەنى 2007-يىلى يازدا) مەن مۇختەر ئاكام، ئابدۇرۇسۇل ئاكام ۋە ھاجى قاۋۇل ئاكاملارنىڭ ياردىمىدە كۇتۇبخانىلاردىن ، ھەرخىل مەتبۇئاتلاردىن دادامنىڭ ھايات چېغىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى يىغىپ توپلاپ، كومپىيۇتىردا بېسىپ تەييارلىغان، بۇ جەرياندا بۇ نەچچەيلەن ئاز بولمىغان جاپالارنى چەككەن ئىدۇق، بىراق ھەممىسى ئەرزىيدۇ. ئەڭ كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغىنى ، ئۆزى يوقنىڭ يۈزى يوق دېگەندەك قىلىپ، بىز مىڭ بىر جاپادا يىغىپ تەييارلىغان، نەشىرگە سۇنغان كىتابلىرى ئۇنىڭ قولىدىن بۇنىڭ قولىغا، ئۇ نەشرىياتتىن بۇ نەشرىياتقا ئۆتۈپ ، (ئارىلىقتا ئادىل تۇران دادامدىن ئاڭلىسام بەزى ئەسەرلىرىنىڭ بەلگىلىك مەزمۇنلىرى تولۇق ئەمەسكەن، نەشىرگە تەييارلىغان چاغدا كەم تەييارلىنىپ قالدىمۇ ياكى قولدىن قولغا ئۆتۈش جەريانىدا بىخۇتلۇق قىلىنىپ قالدىمۇ بىلەلمىدىم، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم) ، نەشىردىن چىقىپ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى كەينىگە سوزۇلۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن كۆپ خۇرسەنمەن. بۇ يەردە ئادىل تۇران دادامغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ دادامنىڭ كىتابلىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ ئەجر قىلدى. ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي!
  ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان دادامنىڭ ئەسەرلىرى توغۇرلۇق بىر كەسكىن پىكىر بېرىپ، بۇ ئىشلاردا ئارىلاشماسلىقىم ھەرگىزمۇ مېنىڭ يۇۋاشلىقىمدىن ئەمەس، مەن پەقەت يېشىم تېخى كىچىك، مەن ئۇ ئىشلارنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمەن، چوڭلار بولغاندىكىن مەن ئارتۇقچە گەپ قىلماي دېگەن ئىدىم، بىراق بەزىبىر توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلايدىغان كىشىلەر مېنى جۈملىدىن ئۆيدىكىلىرىمنى بوزەك كۆرۈپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇنداق خەقنىڭ ئەمگىكىنى تەپ تارتماي ئۆزىنىڭ نامىدا چىقىرىۋالىدىغان ئىش بولسا ھەممە ئادەم يازغۇچى شائىر، پەيلاسوپ بولۇپ كەتمەمدۇ؟ مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈچىلىكىم بار. دادامنىڭ قايسى ۋاقىتتا قانداق ئەسەرنى يېزىپ پۈتتۈرگەنلىكىنى بىلمىسەممۇ، بىراق قانداق ئەسەرلىرى بارلىقىنى، نېمىلەرنى يازغانلىقىنى بەش قولدەك بىلىمەن. مەندىنمۇ بەكرەك دادامنىڭ دوستلىرى ساۋاقداشلىرى ئېنىق بىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىش مۇشۇ پېتى بېسىقماي،  ئاشۇ كىشىلەر يەنە داۋاملىق يامان غەرەزدە بولسا ئۇنداقتا بارلىق ئىسپاتلار تولۇق! مەن نەگە بارسام بېرىپ ، بۇ ئىشنى ھەل قىلىمەن! مەرھۇم دادامنىڭ روھىنى ھەرگىز قورۇندۇرمايمەن ! ئۆزىنى بىلەلمىگەن شۇ ناكەس كىشىلەرنى قانۇن ئارقىلىق باپلايمەن!
  مېنى قوللىغان ، دادامنى ھۆرمەتلەپ كەلگەن كىشىلەرگە كۆپ رەھمەت، شۇنداقلا كاچۇڭ توققۇز مۇقامى توغۇرلۇق ئاڭلىغان بىلگەنلىرى بار كىشىلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولساڭلار. مەن كۈندە مۇنبەردە بولىمەن.

ۋاقتى: 2014-4-4 13:44:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر بەندىدە مۇشتۇمچىلىك بىر گۆش بار، ئۇ گۆش ساغلام بولسا ھەممە نەرسە ئەسلى ھالىتىدە ساپ بولۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئاشۇ گۆش بۇزۇلسا ھەممە نەرسە بۇزىلىدۇ. ئۇنىڭ كېرىكى قالمايدۇ... ئۇ بولسىمۇ قەلب!

نۇمۇس...نۇمۇس... نۇمۇس... يەنە نۇمۇس...
شۇنداق قىلغۇچە ئاستا ئىشتان بېغىغا ئۆزىنى ئېسىۋالسىچۇ؟

ۋاقتى: 2014-4-4 13:46:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ ئىشنى نازىنە قىزغىلا ئىتتىرىپ قويماي، يەكەن ناھىيىلىك، قەشقەر ۋىلايەتلىك، ھەتتا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىمۇ ئارىلىشىشى ھەم ھەق - ئادالەتنى ياقلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ جەمئىيەتلەر تەشكىل. ئەگەر بۇ ئىشتا بۇ جەمئىيەتلەر ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇر روزى ئۈچۈن لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئادالەتنى ياقلىمىسا، مەزكۇر ئورۇنلاردىن گۇمانلانماي بولمايدۇ. بىزگە نازىنە ئائىلىسىگە ۋە مەرھۇم باتۇر روزىغا ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس، بەلكى ھەق مەيداندىكى ئەمەلىي ھەرىكەت لازىم. تەشكىل بۇنىڭ ئۈچۈن سۈكۈت قىلسا بولمايدۇ. ئارتتېكىن ئەپەندىدەك ھەققانىيەتچى كىشىلەر قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى.
مېنىڭچە باتۇر روزى ئەسەرلىرىنى تورغا ئالدىراپ چىقارماسلىق لازىم. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئاشۇ ۋىجدانسىز كىشىلەر ئالدىدا باش ئەگكەنلىك بولۇپ قالىدۇ.
باتۇر روزى كېتىپ قالدى. بىزگە بىر سۇئالنى، ئۈمىدىنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى. بىزگە ئارتۇقچە ھاياجان ئەمەس، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى لازىم. دەۋرنىڭ ۋىجدانى بولغان يازغۇچىلار ھەم شۇ يازغۇچىلارنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتى بولغان يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى مىسلىسىز قىيىنچىلىقتا قالغان باتۇر روزى ئائىلىسىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلالارمۇ؟

ۋاقتى: 2014-4-4 14:53:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇراننىڭ پىكرىگە مەنمۇ قوشۇلىمەن، تورغا چىقىرىش كىتاپنىڭ مەرھۇمنىڭ نامىدا چىقىشىدىن ئۈمىد ئۈزگەنلىك بولۇپ قالامدۇ قانداق؟
10يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە بالۇ مېھمانسارىيىدا ئېچىلغان بىر ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنىدا بىر ياش يازغۇچىنىڭ «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى ئەزاسى » دېگەن كىنىشكىنى قولىمىزغا بەردى، بىراق ھىچ ئەمەلىي پايدىسىنى كۆرمىدۇق، مۇشۇنداق يىغىنلارغا قاتناشتۇرغاننى دېمىگەندە ئاددىيسى ئاپتۇبۇسقا چىقماقچى بولۇپ بىر سوم يوق، كىنىشكامنى گۆرۈگە قويۇپ تۇراي، پۇلنى ئەتىلا بېرىۋىتەي، دېسەكمۇ بۇ كىنىشكىنىڭ شۇ بىر سومىغمۇ دېلى يوق، شوپۇرلار چەكچىيىپ ، نېمە نەرسە بۇ، پۇل چىقىرىڭ، پۇل دېگەن . خالاغا  كىردىغان ئىككى موغىغۇ ئەسلا دال بولالمايدۇ... دېگىنى ئېسىمدە . بەلكىم ھازىر يازغۇچىلار جەمىيتىمىز بۇرۇنقىدىن كۆپ مۇكەممەللىككە ئىگىدۇ...
مەن نازىنەنىڭ تىمىسىنى كۆرۈۋېتىپ كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىپ كەتكەن ئىدى، مۇختار قۇربان ئاكىنىڭ ئىنكاسىدىن سۆيۈنۈپ ، ئبنۇرى ئاكىنىڭ ئىنكاسىدىن كۈلۈپ، نازىنەنىڭ ئىنكاسىغا كەلگەندە يەنە كۆزۈمدىن ياش ئەگىدى. ئاللا مەرھۇمغا شۇنداق بىر ياخشى قىز ئاتا قىپتىكەن........بەردەم بولۇڭ نازىنە ! سىزگە مەدەتلەر يار بولسۇن .

ۋاقتى: 2014-4-4 16:34:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ مۇشۇنداق بىر قىزىنىڭ بارلىقىدىن سۆيۈنۈپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. مۇختەر قۇربان قاتارلىقلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم خېلى خاتىرجەم بولدى.‹‹ھەقىقەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ››نازىنە، بەردەم بولۇڭ! بۇ ئىشلار ئۇزۇنغا قالماي ئېنىق ئايرىلىپ ،دادىڭىزنىڭ قەبرىسىگە خۇشاللىق،غەلبە ياشلىرىڭىزنى تۆكۈپ تۇرۇپ تاتلىق كۈلىسىز ئوماق قىزىم!

ۋاقتى: 2014-4-4 16:41:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا نازىنە ھەققانىيەت ھامان ئاقلىنىدۇ ئىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-4-4 16:56:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، مەن ئۆزۈمنى باتۇر روزىنىڭ يېقىن دوستى دەپ قارايمەن(مەڭگۈ شۈنداق) باتۇرنىڭ كىتابىنىڭ ئىشلىرىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەھۋالنى ئۇقۇشۇپ تۇرىۋاتىمەن، ھازىرغىچە بىر كىمنىڭ بۇ كىتابنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم ( باتۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلېفونلىشىپ تۇرساممۇ، بۇ گەپنى دېمىگەنتى) مېنىڭ بىلىدىغىنىم، بۇ كىتاپنى باشتا يەكەن ناھىيەسىنىڭ مەبلىغى بىلەن چىقىرىش پىلان قىلىنغان، بۇ ئىش يەتتە يىلدىن بىرى ئەمەلىيلەشمەي كەلدى، شۇنىڭ بىلەن شائىر ئابلىكىم ھەسەن، ئەركىن ئىبراھىملارنىڭ تەۋسىيىسى، باتۇرنىڭ ئايالىنىڭ قوشۇلۇشى ئېزىز ئاتاۋۇللا ئەپەندىنىڭ مەبلەغ سېلىشىبىلەن چىقىدىغان بولغان، كېيىن نېمە سەۋەپتىندۇر بۇ ئىشمۇ توختاپ قالغانكەن، يېقىندا پەن - تېخنىكا نەشىرىياتى بۇ كىتابنى رەسمىي پىلانغا ئاپتۇ، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژوررنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئومەرجان ئىمىن تەھرىرلىكىنى خالىس ئىشلەپ بىرىش توغرىسىدا ئادىل تۇران بىلەن كىلىشىم تۈزۈپتۇ.( ھېچقانداق كىشى نەشىرگە تەييارلىغۇچى بولمايدىكەن. بارلىق قەلەم ھەققى ئائىلىسىدىكىلەرگە بېرىلىدىكەن. بۇ گەپنى ئۆمەرجان ئىمىننىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدىم)
كىتاب چىققاندىن كېيىن سېتىش ئىشىدا يەكەندىكىلەر قاراپ تۇرمايدۇ. چۈنكى ئەسەر باتۇرنىڭ بولغىنى بىلەن كاچۇڭ سەنەملىرى پۈتكۈمل ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، جۇملىدىن يەكەننىڭ يەرلىك مەنىۋىي بايلىقى،
نازىنە قىزىمنىڭ بۇ ھەقتە قانداق گەپلەرنى اڭلىغانلىقى ماڭا نامەلۇم،
ئەگەر ھەقىقەتەن باشقىلار ئىگەللەپ كېتىشنى خام خىيال قىلغان بولسا بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك خام خىيال، چۈنكى بۇ كىتابنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى بىر نەچچىمىزدە بار. ھەم قانۇنلۇق نەشىرىياتقا ئاللىقاچان تاپشۇرۇلۇپ بولغان.  ئەگەر ناشقىلار يەنە مۇشۇ تېمىدا تەتقىقات يۈرگۈزۈپ كىتاب يېزىپ نەشىرگە تاپشۇرغان بولسا ئىككى ئەسەرنى سېلىشتۇرۇپ چىقىپ ئوغرىلىغان، قىسمەن كۆچۈرگەن، تەقلىد قىلغان ياكى ئىجادىي يازغانلىقىغا قارپ ھۆكۈم قىلساق بولىدۇ. بۇنى ئايرىش ئانچە تەس ئەمەس.
مەيلى قانداقلا ئەھۋال بولمىسۇن باتۇرنىڭ كىتابىنى باشقىلارنىڭ ئىگەللەپ كېتىشىگە جامائەتچىلىك ھەرگىز يول قويمايدۇ.  نازىنە قىزىم بەزى كونكىرىت ئەھۋاللارنى بىزگە ئايرىم ئېيتسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزنى ھەرگىز يالغۇز قويمايمىز.

ۋاقتى: 2014-4-4 17:00:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا نازىنە قىزىم...!مەرھۇم دادىڭىز باتۇرنىڭ روھىي سىزدىن ھەم ئۇنى قوللايدىغان،ئۇنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان،سىزنى بۇ جەھەتتىن تولۇق رازى قىلىدىغان،ئىلىم سۆيەر دوستلىرىدىن ئۇ ئالەمدىمۇ مەمنۇن بولىدۇ...توغرا قىلىپسىز...جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ«ئاپتورلۇق قانۇنىي»نى بار.ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇشقا،ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋىتىشقا
قەتئىي بولمايدۇ.«ژىلان زەھەرىنى چاچقىچە،ئۇنىڭ تىلىنى كىسىپ تاشلاش كېرەك.بولمىسا
ئۇ زەھەردىن نۇرغۇن خەۋپلىك ھادىسە تۇغۇلۇپ قالىدۇ....»جۈرئىتىڭىزگە بارىكاللا...!باتۇرنىڭ قىزىغا خاس سەزگۈرلۈكىڭىزگە بەك قايىل بولدۇم...ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەڭ-ھە...!؟

ۋاقتى: 2014-4-4 17:04:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايام ئالدىراشچىلىقتا ئىنكاسنىڭ ئىملاسىنى تۈزەتمەيلا يوللاپ ساپتىمەن، كېيىن تەھرىرلەشنى بىلەلمەي قالدىم، باشقۇرغۇچىلارنىڭ مالال كۆرمەي تەھرىرلەپ قويۇشىنى، تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن

ۋاقتى: 2014-4-4 18:27:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 03:10
غەم يىمەس نازىنە سىڭلىمنىڭ  كىچىكىپ ئويغىنىپ قالغان ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئارتتېكىن ئەپەندى، گېپىڭىز شۇنداق جايىدا بوپتۇ.لېكىن، ‹قۇرئان كەرىمنىڭ نەزمى شەكلى› دېگەن گېپىڭىزدە مەسىلە بار.مېنىڭچە، ‹قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنىڭ نەزمى شەكلى› دېسىڭىز توغرا بولۇرمىكىن. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ‹قۇرئان كەرىم› ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغان.ھېچبىر كىشى ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ تىلىنى ئەسلىدىكىدىنمۇ گۈزەل ھالدا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەرسۆزۈم خاتا بولسا ئىزاھات بېرەرسىز، رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TANGRIKUT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-4 18:28  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش