ئەركىن نۇر شېئىر ئىجادىيتىگە قىسقىچە نەزەر
ھەزرەتئەلى ئەلى
شېئىرىيەت ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىمنى ۋاراقلىغىنىمدا كۆز ئالدىمغا كېلىدىغىنى يەنە شۇ مەنزىرە.ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم. بىر كۈنى تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ بىر سانىدىن «ئەنقا» تەخەللۇسلۇق بىر شائىرنىڭ «بارىڭغا ئال مېنى ئەبەدىل ئەبەد»ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى ئوقۇپ قالدىم . ئۇ شېئىردىكى ئازابلىق ھېسىيات، ئىچ، ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقان پىغان ،ئۆكۈنۈش مېنى ئاجايىپ تەسىرلەندۈردى،شۇندىن باشلاپ بۇ تەخەللۇستىكى شائىرنىڭ شېئىرلىرىغا قىزىقىپ قالدىم ،ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئىككىنچى يىللىققا چىقىپ سۇمرۇغ مۇنبىرىدە ئەسەر كۆرۈۋاتقان شۇ پەيتلەردە «ئەنقا » تەخەللۇسلۇق ئۇ شائىرنىڭ ئەركىن نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدىم . شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە دىققەت قىپ كەلدىم.
شائىر ئەركىن نۇرنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى ئىككى يۆنىلىشلىك. بىرى مۇھەببەت لىرىكىلىرى، يەنە بىرى دىن ۋە مەدەنىيەت بىلەن گىرەلەشكەن شېئىرلار . ئۇ مۇھەببەت لىرىكىلىرى بىلەن كىشىگە ياخشى بىر رومانتىزىمچىدەك تەسىر بەرسە، مەدەنىيەت، دىن-ئەپسانىلەرگە باغلانغان شېئىرلىرى بىلەن بىر مەدەنىيەت قازغۇچىدەك تۇيۇلىدۇ. لىكىن، ئۇ قازغان يىلتىز نوقۇل ئۆز مىللەتنىڭ يىلتىزى ئەمەس بەلكى شەرق-غەربنىڭ شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق يىلتىزىدۇر. مەسىلەن "يىلان " " ساھىبجامال بىلىق' قاتارلىق شېئىرلاردا بۇ نوقتا روشەن ئەكىس ئېتىدۇ.
ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە شېئىرىيەت سەھنىسىدە ئۈزلۈكىسز يېڭىلىق ياراتقۇچى تەرەپدارى سۈپىتىدە تۇرۇپ كەلدى. بۇ نوقتا بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ "تەڭرىتاغ" دىن ئىبارەت نوپۇزلۇق ژورنالنىڭ شېئىرىيەت مۇھەررىرلىكىدە تاللاپ ئېلان قىلغان شېئىرلاردا ئىپادىلەنسە ، يەنە بىر جەھەتتىن ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئىزدىنىشچان شېئىرلىرىدا ۋە شېئىرىيەت ئوبزورلىرىدا ئىپادىلەنمەكتە.
يېقىندا كۈسەن مەدەنىيتى ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 4-سانىنى كۆردۈم .ژورنال سەھىپىسىدە يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان ئادىل تۇنىياز ، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت ،چىمەنگۈل ئاۋۇت ، پەرھات تۇرسۇن ، ئەركىن نۇر ، رەخم ياسىن قاينامى ،مۇ تەللىپ ماڭسۇر ئوۋچى ، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ، ئابدۇرشىت ئېلى ، ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئىختىياسىز تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاۋانگارتلىق رولىنى يادىمغا سالدى. ژورنالدىكى مۇھەررىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئۇيغۇر ئاۋانگارت شېئىرىيتى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق سەھنە ھازىرلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. دېمىسىمۇ ژورنالدىكى شېئىرلار مەلۇم مەنىدە ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتاتتى. مەزكۇر ساندىكى ئەركىن نۇرنىڭ "كېچىدىن كېچىگە" ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرى ئۆزىدىكى يېڭى بىر يۈكسېلىش ئارقىلىق دىققىتىمىزنى تارتىدۇ . بۇ شېئىرلارنىڭ تىل ئۇسلۇبى يېڭىچە بولۇپ، بۇرۇنقى شېئىرلاردىن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ، لىكىن ئەستايدىل ئوقۇغاندا ئەڭ چوڭ يېڭىلىقنىڭ تىل ۋە شەكىلدە ئەمەس بەلكى ئىدىيە جەھەتتىكى ئۆزگىرىش ئىكەنلىك ئايان بولىدۇ.
ئەركىن نۇرنىڭ شېئىرى تىل ۋە شەكىل ئۇسلۇبى ئومۇمەن ئەركىن شەكىلنى ئاساس قىلىدۇ .ئۇنىڭ ۋەزىنلىك شېئىرلىرىنى ئۇچراتماق ئىنتايىن تەس. بۇ شېئىرلارمۇ ئوخشاشلا ئەركىن شەكىلدە يېزىلغان ئەمما شېئىرىي تىلنىڭ سىنتاكسېسلىق قۇرلمىسى ۋە لېكسىكا قاتلىمىدا زور ئۆزگىرىش بولغان . بۇرۇنقى شېئىرلىرىنىڭ جۈملە قۇرۇلمىسى بىرقەدەر ئادىي، تۈز، سىموۋۇللار تونۇش مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە ئىدى. ئەمما، بۇ شېئرلارنىڭ تىل ئۇسلۇبى مۇرەككەپ، ئىددىيەۋى قاتلىمى چوڭقۇر،كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە. ئەلۋەتتە، بۇ ئۆزگىرىش ھەرگىزمۇ تاسادبىي ئەمەس بولۇپ، روشەن تەرەققىيات جەريانى بار ئىدى.
1. شەكىل جەھەتتىن:
شائىر گەرچە شەكىل جەھەتتىن ئىزچىل ئەركىن شەكىلىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما، يېقىنىقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ شېئىرىيەت ئۇسلۇبىدا روشەن ئۆزگىرىشلەر بولدى، بولۇپمۇ ئەرەب شائىرلىرنىڭ پېشۋالىرىدىن بولغان ئەدنۇس ئۇنىڭ شېئىرىي تىل ۋە ئىدىيەۋى قارشىغا خېلى چوڭقۇر تەسىر قىلغاندەك ئىدى. بىز ئۇ تەرجىمە قىلغان ئەدنۇس شېئىرلىرى بىلەن شائىرنىڭ ھازىرقى شېئىرلىرىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق روشەن تەسىرىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ تەسىر بىر تەرەپتىن سىموۋۇل، ئېستىئارە ئىشلىتىشتە كۆرۈلسە يەنە بىر تەرەپتىن شېئىر مىسرالارنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېخمۇ ئەركىنلەشتۈرۈش، شېئرىي مىسرالىرىنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، شېئىرغا چوڭقۇر ئىدىيە سىڭدۈرۈش،شېئىرىي مەنىنى ئىستىرولۇقكقا ئىگگ قىلىش ۋە غۇۋا ئىپادىلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. بولۇپمۇ شېئىرىي تىل ھەققىدىكى ئىزدىنىشى گەۋدىلىكرەك. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان "تەڭرىتاغ" ، " ئىلى دەرياسى" قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان " ياخشى شېئىرنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ"، " شېئىرنىڭ نەسىرلىشىشى"، " شېئىرلاشقا ھېكايە"..قاتارلىق ماقاللىرىدىن ھېس قىلالايمىز.
2. ئىدىيە جەھەتتە:شائىر ئەرەب شائىرى ئەدنۇسنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى. بۇنى ئۇنىڭ شېئىرىيەت تەرجىمە پائالىيىتى شۇنداقلا ئەدنۇسقا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرگە بولغان ئالاھىدە قىزىقىشىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شائىر يەنە ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ باشلامچىللىرىدىن بولغان ئەخمەتجان ئوسماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى، مۇھىمى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئەدنۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شائىر بولۇشىدا ھىسابلىنىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئەركىن نۇر نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ھېچنىمىزىم شېئىريىتىنىڭ كۈچلۈك قولىغۇچىللىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇمۇ دەل ئەركىن نۇرنىڭ ئىددىيە قارشى بىلەن ھېچنىمىزىمنىڭ ئىددىيە ئاساسىنىڭ ئوخشاشلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. گەرچە ھېچنىمىزىم غەرب مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدىن كۈچلۈك ئوزۇق ئالغان بولسىمۇ، ئۇلار ئەدنۇس ۋە ئەخمەتجان ئوسمان قاتارلىق شائىرلارنىڭ تەسىرىدىنمۇ مۇستەسنا ئەمەس. ئەركىن نۇر بۇ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھېچنىمىزىم شېئىرىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندەك قىلىدۇ. بىز بۇ نۇقتىنى " كۈسەن مەدەنىيتى" دە ئېلان قىلغان بۇ بىر يۈرۈش شېئىرلىرى ئارقىلىق روشەن ھېس قىلالايمىز. ئۇ بۇ شېئىرلىرىدىكى ئىدىيەۋىي چوڭقۇرلۇق ، تىل ئۇسلۇبى ، شەكىل ئۆزگىچىلىكى ئارقىلىق يېڭى بىر يۆنىلىشكە ماڭدى. مەن شائىرغا بۇ يولدا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن ھەم ئۇ يولنىڭ شېئىرىيەت يولىدىكى تۇيۇق يول ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىك بۇرچۇم تۇپەيلى ئەسكەرتىپ قويىمەن.
كۈسەن مەدەنىيتىدىكى شېئىرلىرىنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسى :
forum.php?mod=viewthread&tid=15050&highlight=%D8%A6%DB%95%D8%B1%D9%83%D9%89%D9%86%2B%D9%86%DB%87%D8%B1