jallat يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 15:15
ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى ئەركىن نۇرنى تەتۇر تاناسىپ شەكلى ...
جاللات ئەپەندى،
يۇقارقى پىكىرلىرىڭىز ئىچىدە ئەركىن نۇرنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ۋە ئۇيغۇر ئاۋانگارت شېئىرىيىتى ئۈچۈن قوشقان ئۈنسىز تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىڭىزنى مەنمۇ چىن دىلىمدىن قوللايمەن.
دەر ھەقىقەت، ئەركىن نۇر بىزدىكى بەدئىي دىتى بار، يېڭىلىققا مايىل شائىر، نەزىرى ئۆتكۈر تەرجىمان ۋە مەسئۇلىيەتچان ژۇرنالىست. ئۇنىڭ ھەققىدە ھەزرەتئەلىنىڭ بۇنداق بىر ئوبزۇر خاراكتېرىلىك ماقالىنى باشلاپ، پىكىرلىرىمىزگە ئوت يېقىشى، ئۇنى ئېسىمىزگە سېلىشى ياخشى بولدى.
بېراق، سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىز ئىچىدىكى دەبىدەبە بىلەن دېيىلگەن مۇنۇ جۈملىلەرنى قايتا ئويلىنىپ باقارسىز، بولۇپمۇ ئاخىرىقى قىزىلغا بويالغان جۈملىلەر:
«ئارلىقتىن 30 يىللار ئوتكەن مۇنۇ كۇنلەردە نەشىر قىلىنىۋاتقان شېئىر توپلاملىرى بىلەن ئەركىن نۇر شىئېرلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنىڭ چوڭ ئىكەنلىگىنى شېئىريەت كىتاپخانلىرى، ئۇنۋىرسىتلاردىكى شېئىريەت ماگىستىرلىرى بىلىپ تۇرسىمۇ ئىلىم ساختىلىقلىرى ئالدىدا ھىچنىمە دىيەلمىگەن ئاتالمىش ئاسپىرانىتلار بىلەن بىزدىكى شېئىريەت نەزىريەچىلىگىنىڭ سەپسەتىگە يىقىنلىغىنى ،ئۇيغۇر شېئىريىتىگە زادى كىملەرنىڭ قەست قىلىۋاتقانلىغىنى بىلىش تەسكە توختىمىسا كىرەك .»(جاللاتنىڭ سۆزى)
كىم، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قەسىت قىلغۇدەك؟!!
بۇ جۈمىلىلىرىڭىز بىرىنچىدىن لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس. جۈملىنىڭ مەقسىتى ئەركىن نۇر ئىجادىيەت ھاياتىغا بېرىلگەن باھانىڭ 30 يىللىق يېڭىلىنىشنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاۋانگارتلار ئالدىنقى سىپىگە قويۇلىشى بولسا بۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى جۈملىڭىز بىلەن نېمە دېمەكچىسىز؟!
ئەجىبا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئەدەبىيات ئاسپىرانتىلىرى
(سىز جۈملىڭىزدە ‹شېئىرىيەتنىڭ ئاتالمىش ماگىستىرلىرى، ئاسپىرانتىلىرى› دەپ ئىشلىتىپسىز. بىلىۋىلىڭ، دىيارىمىز ئۇنۋېرسىتېتلىرىدا شېئىرىيەتتىن ماگىستىر ئاسپىرانت تەربىيلەنمەيدۇ.) توپى ئۈستىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىنى يېقىتماقچىمۇ؟!!
ئەجىبا ئاشۇ ئاسپىرانتلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قەست قىلىۋاتقانمىدۇ؟!!
ئاشۇ خېلى كۆپ قىسمى تولۇق كۇرۇسنى ھەر خىل كەسىپلەردە تاماملىغان، ھەر خىل مەقسەتلەردە تىل ئۆگىنىپ، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئەدەبىيات بوسۇغىسىغا ئەمدىلەتتىن كىرگىلىۋاتقان ئەدەبىيات ئاسپىرانتلىرى سىز دېگەندەك شۇنچە چوڭ يۈكنى ئۈستىگە ئالالامدۇ؟!
ئۇلارغا باتناش، ئۇلارغا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قەسىت قىلغان» دېگەن قالپاقنى كېيدۈرۈش مېنىڭچە قىلچە توغرا ئەمەس.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغىنى مېنىڭچە يەنىلا ئۆزىنى ئەدەبىياتنىڭ ئاشىقى،ئاتالمىش ئەدەبىيات داھىيلىرى، ئەدەبىيات پەيلاسوپلىرى، ئەدەبىيات ھەۋەسكارى دەپ قارىۋىلىپ، ئارقىسىدىن ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇيغۇسى، قىيىداش - باتناشلىرى، پىشمىغان قاراشلىرى بىلەن ئەدەبىيات سىپىمىزنى جۈملىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سىپىنى قاملاشمىغان داۋراڭ، ئايىغى چىقماس تالاش - تارتىش، ئۆزى بىلمەيدىغان مەزھەپ، ئۆزى چۈشەنمەيدىغان نىزا، ئۆزى ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرالمايدىغان داۋالارغا باشلاپ قويىدىغان «چالا موللا»لار ياكى ئۆزىدىن باشقىنى ئىتىراپ قىلمايدىغان، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئەخلەت، ئۆزىنى ئاشۇ ئەخلەتلەر ئارىسىدىكى گۆھەر سانايدىغان ئاز بىر قىسىم ئاشقۇن، رادىكال، پىيەنچۈك، ئەدەبىياتنىڭ روچېۋىنلىرى.
بۇ بىر كوللىكتىپ يۈك. بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي يۈكى. ئومۇمىي مەسئۇلىيىتى. چوقۇم ئاسپىرانتلار ھەل قىلىدىغان، ھەل قىلالايدىغان ئىش ئەمەس.
يەنە كىلىپ خېلى كۆپ مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى تۈزۈلمىگە ۋە جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي ئىلمىي كەيپىياتقا بېرىپ تاقىلىدۇ.
شۇڭا پىكىرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن تازا بىر ئويلىنىۋىتىپ، ھاياجانلىرىمىزنى بېسىۋىلىپراق ئاندىن بارماقلىرىمىزنى كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدە ئويناتساق.
كەچۈرۈڭ ئاكا! سىزنىڭ ئاشۇ بىر جۈملىڭىز تۈپەيلى مەنمۇ ئۇزاقتىن بىرى ئويلاپ يۈرگەنلىرىمنى دەۋاپتىمەن. بۇ سۆزلەرنىڭ بەزىلىرى سىزگە، ئەمما زور كۆپچىلىكى كومپىيۇتېر ئالدىدا چەكچىيىپ ئولتۇرۇپ بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر تور زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان.
خەيىر، ئامان بولۇڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-28 18:41