ئىگىسى: ئارىيان

ئەركىن نۇر شېئىر ئىجادىيتىگە قىسقىچە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-27 18:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسئانغا:

1. ئەركىن نۇر شېئىرلىرى ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە خۇشپۇراق گۈل. مېنىڭچە، شائىر ئۆز تېكىستلىرىدە ئىزچىل بىرقەدەر ئوچۇق ئىستېتك بوشلۇق قوغلاشقۇچى،

شائىرنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىنى شۇنداق قاراشقا بولىدۇ. ئەمما كۈسەندە ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى ئۇنىڭ ئەمدى بۇنداق بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەم  شېئىرلىرىغا ئىدىيەۋى يۈكنى سىز دېگەنداك قاتتىق يۈكلىمىسىمۇ خېلى يۈكلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .  شائىرغا باھا بەرگەندە ئۇنىڭ شېئىرىيەت قاراشلىرىنى ئويلىشىشقا تامامەن بولىدۇ ،ئەمما شېئىر  يەنە كۆپ ھاللادا شائىرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن ، ئىجادىيەت قارىشىدىن ھالقىپ كېتىدۇ..ئۇنىڭ ئۈستتىگە ئەركىن نۇر ئەپەندىنىڭ  تور يازمىلىرىنى ئوقۇشۇمچە شېئىرى مەنىنى ئىستىرولۇققا ئىگە قىلىشنى تەكىتلىگۈچى . بۇ نوقتىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ شېئىردا ئېستىتىك بوشلۇقنىڭ ئوچۇق ئەمەس ، يوشۇرۇن ،كۆپ قاتلاملىققا ئىگە قىلىشنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن شېئىردىكى ئېستېتىك بوشلۇنىڭ ئوچۇق ياكى يوشۇرۇن بولۇشىنى شائىر ئەمەس ئوقۇرمەن تەرىپىدىنمۇ بەلگىلىنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىيان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-27 18:56  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-27 18:41:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2. ئەخمەتجان ئوسماننى ئەدۇنىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېگەن قاراش
بۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساس يوق. چۈنكى، بىز ھازىرغىچە ئۇچراشقان ئە. ئوسمان شېئىرلىرى بىلەن ئەدۇنىس شېئىرلىرى بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. ئەدۇنىس شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىدىيەۋىي ئىقرارچىلىقتا بولۇپ، شائىرنىڭ ھەربىر تېكىستىدە مەننىڭ قىممەت قارىشى، مەۋجۇدىيەتكە ئىشتىراك قىلىشتىكى ئىگىدارلىق ئۇسۇلى ناھايتى ئوچۇق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. يەنى، ئەدۇنىسنىڭ تىلى ئىدىيەۋىي تىل! ئەمما ئە. ئوسماننىڭ شېئىرلىرى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىدىيەدىن بەكرەك تىلنىڭ ئۆزىگە مايىل. تېكىست ياراتقان ئىستېتىك بوشلۇق ھەرقانداق ئوچۇق ئىدىيەنى بايقۇت قىلىپ ماڭىدۇ.

تەسىرگە ئۇچراش مەسىلىسى نوقۇل ئوخشىتىپ ئىجاد قىلىش ئەمەس . ئە ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنىڭ تىل يېڭىلاش ۋە ئېستىتىك قىممەتنى مەۋقە قىلغانلىقى ماڭىمۇ ئايان ، ،مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم قانداق ئىپادىلەش ئۈستىدە ئەمەس بەلكى ئۇلاردىكى ئىدىيەۋىي ئورتاقلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ھەم بۇ ئورتاقلىقتا تەسىرلىنىش مەۋجۇت دەپ قارىغانلىقىمدا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىيان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-27 18:58  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-27 18:47:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلبەدەنگە :

ئوبزۇرنى بەك ياخشى يېزىپسىز، تەكرار ئوقىۋەتتىم. بولسا ھېچنىمىزىم ھەققىدىكى  شېئىرىيەت يولىدىكى تۇيۇق يول دېگەن كۆز - قارىشىڭىزنى يەنىمۇ كەڭرى، ئەتراپلىق ۋە تەپسىلى شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان بولسىڭىزكەن دېگەن ئۈمۈدتە بۇ ئىنكاسنى يازدىم .

بۇ ھەقتە قارىشىم بار . لىكىن  ھېچنىمىزىمچىلارنىڭ  ھېچنىمىزىم شېئىرىيتىنىڭ  ئۇيغۇر شېئىرىيتىگە ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە زادى قانچىلىك نەپ بىرەلەيدىغانلىقى ، قانچىلىك ئەھمىيتى بار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزلىرىمۇ تېخى تۈزۈك بىر نىمە دېمىدى. ئاۋال ئۇلار  بىر نېمە دەپ باقسۇن . ئاندىن مەن ئۇ ئىزىمنىڭ ئەھمىيەتسىز بىر ئىزىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارىشىمنى دەيمەن،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىيان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-27 18:58  

ۋاقتى: 2014-3-27 18:50:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم ۋە دوستۇم ئەركىن نۇر شېئىرلىرى توغىرىسدىمۇ  بىر توختىلدىغان يەرگە كەلگەنتى، ئارىيان تۇنجى قەدەمنى بېسىپتۇ، ئىزدىنىشلەر ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-28 19:16  

ۋاقتى: 2014-3-27 20:48:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە ئەركىن نۇرنىڭ شېئىرى ئىجادىيىتگە  بالدۇرلا باھا بىرلىشى كىرەك ئىدى.ئۇ ھەققىقەتەن پىشقان بىر شائىر

ۋاقتى: 2014-3-27 21:16:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ‹‹ئەدەبىي غەيۋەت›› بەك تومتاق بولۇپ قاپتۇ، يولدا ئۆتۈشۈپ كېتىۋېتىپ:- نەگە؟-دېسە، -بازارغا،_دېگەندەكلا...

ۋاقتى: 2014-3-28 01:58:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن نۇر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى باھا بېرىش ئەدەبىياتىمىزدىكى بىرقەدەر تەس تېمىلارنىڭ بېرى. مانا مۇشۇنداق مۇشكۇل ۋە ئەھمىيەتلىك تېمىدا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ئېنىمىز ھەزرەتئەلىنىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن. داۋامىغا تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن...

ۋاقتى: 2014-3-28 02:41:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىيان يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 18:47
گۈلبەدەنگە :

ئوبزۇرنى بەك ياخشى يېزىپسىز، تەكرار ئوقى ...

بۇ پىكىرنى قوللايمەن.

ۋاقتى: 2014-3-28 12:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالەڭ ماڭىمۇ ياقتى. پىكىرلىرىڭ ئورۇنلۇق. ئەمما ئاخىرىقى يەكۈن جۈملەڭنى ئىسپات بىلەن كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ سۇئال نەزىرىمۇ شۇ جۈملىدە توختاپتۇ.
مېنىڭچە ھېچنىمىزىم قالپىقىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلىۋاتقان ئاشۇ بىر تۈركۈم شېئىرلاردا پىكىر چوڭقۇرلىقى بولسىمۇ، بەدئىيلىك يېقىدىن ئويلىغاندا «شېئىرىيلىق»دىن ئايرىلىپ قالغان. يەنى بەدئىيلىك سۇسلاپ، شېئىرغا ئەمەس خۇددى ئەبجەش يازمىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ.
بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭنى ئوتتۇرىغا قويساڭ، بولسا پاسئانمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئۆز قارىشىنى دەپ باقسا. بۇ  تېمىدا ياخشى بىر ئەدەبىي پىكىرلىشىش مەيدانغا كەلگۈدەك.  

ۋاقتى: 2014-3-28 14:28:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹شائىر ئەرەب شائىرى ئەدنۇسنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى. بۇنى ئۇنىڭ شېئىرىيەت تەرجىمە پائالىيىتى شۇنداقلا ئەدنۇسقا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرگە بولغان ئالاھىدە قىزىقىشىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شائىر يەنە ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ باشلامچىللىرىدىن بولغان ئەخمەتجان ئوسماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچى، مۇھىمى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئەدنۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شائىر بولۇشىدا ھىسابلىنىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئەركىن نۇر نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ھېچنىمىزىم شېئىريىتىنىڭ كۈچلۈك قولىغۇچىللىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇمۇ دەل ئەركىن نۇرنىڭ ئىددىيە قارشى بىلەن ھېچنىمىزىمنىڭ ئىددىيە ئاساسىنىڭ ئوخشاشلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. گەرچە ھېچنىمىزىم غەرب مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدىن كۈچلۈك ئوزۇق ئالغان بولسىمۇ، ئۇلار ئەدنۇس ۋە ئەخمەتجان ئوسمان قاتارلىق شائىرلارنىڭ تەسىرىدىنمۇ مۇستەسنا ئەمەس. ئەركىن نۇر بۇ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھېچنىمىزىم شېئىرىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندەك قىلىدۇ. بىز بۇ نۇقتىنى " كۈسەن مەدەنىيتى" دە ئېلان قىلغان بۇ بىر يۈرۈش شېئىرلىرى ئارقىلىق روشەن ھېس قىلالايمىز. ئۇ بۇ شېئىرلىرىدىكى ئىدىيەۋىي چوڭقۇرلۇق ، تىل ئۇسلۇبى ، شەكىل ئۆزگىچىلىكى ئارقىلىق يېڭى بىر يۆنىلىشكە ماڭدى. مەن شائىرغا بۇ يولدا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن ھەم ئۇ يولنىڭ شېئىرىيەت يولىدىكى تۇيۇق يول ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىك بۇرچۇم تۇپەيلى ئەسكەرتىپ قويىمەن.›› بۇ پىكىرنى ئاپتور بىلىپ دېدىمۇ ياكى قارىسىغىلا دەۋاتامدۇ بۇنى بىلمىدىم. ئەمما  بۇ يول ھەرگىزمۇ ئۇ ئېيىتقاندەك تۇيۇق يول ئەمەس. چۈنكى ھىچنىمىزىم شېرىيىتى ئىنساننى تەپەككۇرغا يېتەكلەيدۇ. بىر قىسىم ئاپتۇرلارنىڭ يېپىق تېكىستلىردەك ئىنسانغا تەپەككۇر جەھەتتە زورلۇق ئىشلەتمەيدۇ. ئۇ بىر ئەركىن دۇنيا. بۇ خىل شېرىلاردا ئاپتور ئوقۇرمەنلەرنى  پەيلاسوپلارچە پىكىر قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. لىروس بوشلۇقى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى چەكسىز تەپەككۇر بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بەزى شئېرىلاردا بولسا پۈتۈنلەي پىكىر ،ئىدىيە مۇستەبىتلىكى بار. شۇڭا ئاپتورنىڭ ئاۋال ھىچنىمزىمنى چۈشىنىپ ئاندىن گەپ قىلشىنى ئۈمىد قىلمەن. تەھرىرلەپ ئۆزگەرتىپ قوياي دېسەم بولمايدىكەن . بولسا ئاپتور ئۆزى ئۆزىگەرتىۋالغان بولسا ياخشى بولاتتى.

ۋاقتى: 2014-3-28 14:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-3-28 15:15:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى ئەركىن نۇرنى تەتۇر تاناسىپ شەكلىدە سۇكۇت بىلەن ئىغىر بىسىق ھالەتتە بايان قىلىشقا بولۇدۇ .ئۇيغۇر مىللىتىدە شائېر ئاتىلىش ماھارەتكە ۋە تالانتقا باغلىق بولۇپلا قالماستىن سەۋرگىمۇ مۇناسىۋەتلىك سۇزۇك ئۇقۇم .1986-يىللىرىدا ئەركىن نۇرنىڭ بىر تۇركۇم چاتما نەسىرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنىشقا باشلىغاندا ئوزىنىڭ ئەدەبىياتتىكى كىملىگىنىڭ ئۇل ئاساسىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىگىنى جاكارلاپ بولغان ئىدى.ئارلىقتىن 30 يىللار ئوتكەن مۇنۇ كۇنلەردە نەشىر قىلىنىۋاتقان شېئىر توپلاملىرى بىلەن ئەركىن نۇر شىئېرلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنىڭ چوڭ ئىكەنلىگىنى شېئىريەت كىتاپخانلىرى ،ئۇنۋىرسىتلاردىكى شېئىريەت ماگىستىرلىرى بىلىپ تۇرسىمۇ ئىلىم ساختىلىقلىرى ئالدىدا ھىچنىمە دىيەلمىگەن ئاتالمىش ئاسپارانىتلار بىلەن بىزدىكى شېئىريەت نەزىريەچىلىگىنىڭ سەپسەتىگە يىقىنلىغىنى ،ئۇيغۇر شېئىريىتىگە زادى كىملەرنىڭ قەست قىلىۋاتقانلىغىنى بىلىش تەسكە توختىمىسا كىرەك .80-يىللارنىڭ بىشىدا ھەر جەھەتتىن يىتىلگەن شېئىريەت ئاۋانگارتلىرى باسقان مۇساپىلەردىن شېئىريەتنىڭ سوبىكتېپتىن قانداق روھ كۇتىدىغانلىغىنى .چىدامچانلىقنىڭ ،سۇكۇتنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى ،ھەقىقى شېئىريەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى ئەسەرلىرىدە ئىسپاتلاپ تۇرىۋاتقان ئالدىنقى سەپ ئىستىھكام قوغدۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يېڭى شېئىريەت بايرىغىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرىۋاتقىنى 2000-يىللاردىن كىيىن يەنىلا ئەركىن نۇردۇر.ئۇ ئوزىنىڭ شېئىريەتتىكى كىملىگىنى جان-جەھلى بىلەن قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا 70-يىللاردىن كىيىن تۇغۇلۇپ شېئىريەت بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى بىر تۇركۇم شائېرنى ئىجادىيەتتە يىتەكلەپ ،ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە كورسەتمە بىرىپ كىلىۋاتقان كويۇمچان ژورنالىستۇر .ھەم يەنە «ئاسماننىڭ ئاخىرى»«دۇنياغا تەسىر كورسەتكەن 100 كىتاپ»قاتارلىق بىر تۇركۇم ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئىرىشكەن كىتاپلارنىڭ تەرجىمانىدۇر .ئەدەبىيات رىئاللىغىغا توغرا كوز بىلەن قاراپ باھا بەرگەندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىكى ئەركىن نۇردا 5 كىملىك (شائېر،يازغۇچى،ئاتاغلىق تەرجىمان ،ژورنالىست،مۇھاكىمە كۇچىگە باي شېئىريەت ئوبزورچىسى )تۇرغۇزۇلۇپ بولۇنغان بولۇپ ئۇنىڭ ئىجادىيتىنى ئىچكىرلەپ تەھلىل قىلغاندا نەچچە يۇز بەتلىك ماتىرياللارمۇ ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى تولۇق تەھلىل قىلىپ چىققانلىققا ئىسپات بولالمايدۇ .ھەزرەتئەلى ئىنىمىز ئەدەبىياتتىكى بىر بوشلۇقنى بىزگە ئىما قىلىپ تاشلاپ قويۇپتۇ .مۇشۇ تىمىدا ھەممە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئىزلىنىپ كورگەن بولسا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-28 15:17  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-28 17:26:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا ساۋۇتقا :

بۇ پىكىرنى ئاپتور بىلىپ دېدىمۇ ياكى قارىسىغىلا دەۋاتامدۇ بۇنى بىلمىدىم. ئەمما  بۇ يول ھەرگىزمۇ ئۇ ئېيىتقاندەك تۇيۇق يول ئەمەس. چۈنكى ھىچنىمىزىم شېرىيىتى ئىنساننى تەپەككۇرغا يېتەكلەيدۇ.

قانداق تەپەككۇرغا يىتەكلەيدۇ ؟  ئۇ قانداق تەپەككۇر ؟ تەپەككۇرغا يىتەكلىسىلە مېڭىۋىرىدىغان ئىش بامۇ ؟ مەن سىزنى بىر تەپەككۇرغا يىتەكلەپ قوياي ؟ ماڭامسىز ؟  

ئاپتورنىڭ ئاۋال ھىچنىمزىمنى چۈشىنىپ ئاندىن گەپ قىلشىنى ئۈمىد قىلمەن. تەھرىرلەپ ئۆزگەرتىپ قوياي دېسەم بولمايدىكەن . بولسا ئاپتور ئۆزى ئۆزىگەرتىۋالغان بولسا ياخشى بولاتتى.

رھىمەت . جاپا چىكىپسىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىيان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-28 17:39  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-28 17:37:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاللاتقا :

بۇ يازما پەقەت ئەركىن نۇرنىڭ  شېئىر ئىجادىيتىگە  قىسقىغىنە نەزەر ئىدى.  سىلەرنىڭ ئەستايدىل پوزىيسىيەڭلار ماڭا شائىرنىڭ شېئىرىغا مۇپەسسەل بىر قاراپ چىقىش مەجبۇرىيتىنى يۈكلىدى.  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-28 17:42:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rasheed يوللىغان ۋاقتى  2014-3-28 12:33
ماقالەڭ ماڭىمۇ ياقتى. پىكىرلىرىڭ ئورۇنلۇق. ئەمما ئاخىر ...

بۇ ھەقتە بىر نېمە دېيىش ئۇزاقتىن بۇيانقى ئويۇم ،،، ئالدى بىلەن ئۇلار « ھېچنىمىزىم ئارقىلىق ئۇيغۇر شېئىرېىيتىگە نېمە قىلىپ بىرەلەيدىغانلىقى»نى رەسمى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسۇن،   ئاندىن مەن رەدىيەمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقىمەن ،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش