gayrat يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 18:04
ئەدەبىياتنىڭ تۈر ژانىرى ئاللىقاچان مۇقۇم بۆلۈنۈپ، دۇن ...
سىزچە مىڭ يىلدىن بويان سىز دېگەن شەكىل ساقلىنىپ،مۇكەممەلىشىپ كەتكەن بولسا ئۇ يېڭىلانسا،ئىنساندىكى مۇرەككەپ روھىي قاتلاملارنى باشقىچىرەك شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلسە خاتاكەندە، سىز دىگەن ئاشۇ شەككىلەرنىمۇ ئىدىيسى ئويغاق،كىشلەرنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى زىددىيەتلەرنى سەگەك كۆزى بىلەن بايقىيالىغان شۇ دەۋىردىكى يىتۈك پەيلاسوپلار ئىجاد قىلغان بولغۇيتى....؟ئۇلارنىڭ يولىنى ئەتمەيلى ،ئاۋۋال مېڭىپ باقسۇن، بەلكىم يېڭى بىر شېئرىيەت ئىدىيە ئىسلاھاتىنىڭ مۇقەددىمىسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىپ قېلىشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن، يەنە بىرى سىز شېئرىنىڭ سىز دەۋاتقان شەكلىنىڭ مەڭگۈ ساقلىندىغانلىقىنى نەدىن بىلدىڭىز؟ ئىنساننىڭ بىلشى چەكلىك.ئۇ ھېلىغۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان قانۇنىيەت ئىكەن،بىر مىنۇتتىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ بولدىغانلىقىنى بىلىشكىمۇ قادىر ئەمەس. ئەدەبىياتىكى خىلمۇ-خىل ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى ئايرىلىپ بولسا نېمە بوپتۇ...،ژانىرلار يېڭىلانسا ،ئىسمى ئۆزگەرسە نېمە يامىنى بار. سىز ئاۋۋال قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋىردىكى بىر قىسىم شېئرىلارنى شەكىل جەھەتتىن كۆزىتىپ بېقىڭ. شۇ شېئرىلارنى كۆرگەندىن كېيىنلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۇقارىقى پىكرىنى ئويلانمايلا ئىنكار قىلسىز.