- UID
- 1
- ھوقۇقى
- 255
- يازما
- 85
- نادىر
- 10
- جۇغلانما
- 1119
- تىزىملاتقان
- 2012-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-6
- توردا
- 525 سائەت
|
|
|
|
|
''يېڭى قاشتېشى'' ژۇرنىلى
خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى 1979-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ھازىرغىچە 34 يىللىق نەشر تارىخىغا ئىگە. جەمئىي 186 سان ژۇرنال كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
«يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئاشكارە تارقىتىلىدىغان قوش ئايلىق ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، 96 بەت، چوڭ 16 فورماتلىق قىلىپ بېسىلىدۇ. ژۇرنالنىڭ سەھىپىلىرى رەڭدار، ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى كەڭ، ئاپتۇرلار قوشۇنى سەرخىل بولۇپ، تۈرلۈك ژانېردىكى نادىر ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىپ، كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى. ژۇرنالمۇ 2004-يىلى، 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشىرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن 2 قېتىم «ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى مۇنەۋۋەر ژۇرنال» مۇكاپاتىغا، 2011-يىلى يەنە مۇشۇ ئورۇنلار تەرىپىدىن 7-نۆۋەتلىك «ژۇرنال مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
بۇ ژۇرنالنىڭ ئادرېسى: خوتەن شەھەر غەربىي بېيجىڭ يولى 2-قورا.
和田市北京西路2 号
Udun2000@126.com
TEL:0903-2023792
ژۇرنالنىڭ مۇشتەرى قۇبۇل قىلىش پوچتا ۋاكالەت نومۇرى: 26-58
تۇرسۇنجان مۇھەممەت 1965-يىلى 2-ئايدا خوتەن ۋىلايەت چىرا ناھىيە گۇلاخما يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى كېرىيە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ ئومۇمى پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان. 1986-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1991-يىلى 8-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىغا يۆتكىلىپ كېلىپ مۇھەررىر بولغان. 2004-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە ژۇرنالنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە .
تۇرسۇنجان مۇھەممەت جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ قەرەللىك ژۇرناللار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى.
|
|
|
|
|
|
|