كۆرۈش: 10375|ئىنكاس: 61

''يېڭى قاشتېشى'' ژۇرنىلى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

''يېڭى قاشتېشى'' ژۇرنىلى

5.a.jpg

a1.JPG


3.1.jpg


خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى 1979-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ھازىرغىچە 34 يىللىق نەشر تارىخىغا ئىگە. جەمئىي 186 سان ژۇرنال كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
«يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئاشكارە تارقىتىلىدىغان قوش ئايلىق ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، 96 بەت، چوڭ 16 فورماتلىق قىلىپ بېسىلىدۇ. ژۇرنالنىڭ سەھىپىلىرى رەڭدار، ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى كەڭ، ئاپتۇرلار قوشۇنى سەرخىل بولۇپ، تۈرلۈك ژانېردىكى نادىر ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىپ، كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى. ژۇرنالمۇ 2004-يىلى، 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشىرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن 2 قېتىم «ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى مۇنەۋۋەر ژۇرنال» مۇكاپاتىغا، 2011-يىلى يەنە مۇشۇ ئورۇنلار تەرىپىدىن 7-نۆۋەتلىك «ژۇرنال مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
بۇ ژۇرنالنىڭ ئادرېسى: خوتەن شەھەر غەربىي بېيجىڭ يولى 2-قورا.
和田市北京西路2 号                     
Udun2000@126.com
TEL:0903-2023792
ژۇرنالنىڭ مۇشتەرى قۇبۇل قىلىش پوچتا ۋاكالەت نومۇرى: 26-58




IMG_6327.JPG

تۇرسۇنجان مۇھەممەت 1965-يىلى 2-ئايدا خوتەن ۋىلايەت چىرا ناھىيە گۇلاخما يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى كېرىيە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ ئومۇمى پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان. 1986-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1991-يىلى 8-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىغا يۆتكىلىپ كېلىپ مۇھەررىر بولغان. 2004-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە ژۇرنالنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە .
تۇرسۇنجان مۇھەممەت جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ قەرەللىك ژۇرناللار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-18 00:42:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يېڭى قاشتىشى»مەن سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ژۇرناللارنىڭ بىرى. بۇ ژۇرنالنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغاي!

ۋاقتى: 2012-4-18 00:43:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹يىڭى قاشتېشى ›› ژورنىلىنىڭ  قەلەمكەشلەرنى ئىتپاقلاشتۇرۇپ ، ياش كۈچلەرنى ئەتراپىغا تېخىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىڭى يۈزلىنىشىگە پۇختا ئاساس سېلىشىشنى چىن دېلىمدىن ئومىد قىلىمەن.

باھا سۆز

بەرھەق .  ۋاقتى: 2014-2-16 07:58 PM
ۋاقتى: 2012-4-18 00:46:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى قاشتېشى ژورنىلىنىڭ تېخىمۇ زور شان -شەرەپلەرنى قۇچىشىغا تىلەكداشمەن .ھەرقايسىز مۇھەررىر لەرنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن .  ئۇستاز تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ ئىجادىيىتىگىمۇ ئۇتۇقلار يار بولغاي!

ۋاقتى: 2012-4-18 00:49:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە پۇختا ئاساس سېلىۋاتقان  ‹‹يىڭى قاشتېشى ›› ژورنىلىنىڭ  يەنىمۇ چېچەلەپ مىۋە بىرىشىگە تىلەكداشمەن. ھەمدە بۇ پۇرسەتتە ‹‹يىڭى قاشتېشى ›› ژورنىلى ئۈچۈن زېھنىنى ئايىماي سەرىپ قىلىۋاتقان جاپاكەشلەرگە ئامەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-18 02:16:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹يېڭى قاش تېشى› ژۇرنىلى  رەڭدار سەھىپە، سەرخىل ئەسەرلەرنى تالاپ بېسىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ئىناۋەتكە، ھۆرمەتكە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ژۇرنال.
تەھرىر بۆلۈمدىكى مېھنەتكەش، جاپاكەش مۇھەررىرلەرنىڭ  ھازىرقىدەك  تىرىشچانلىقى ئاستىدا بۇ ژۇرنالنىڭ تەرەققىياتى  ۋە ئىناۋىتى تېخىمۇ ئاشقۇسى.

ۋاقتى: 2012-4-18 09:46:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« يېڭى قاشتېشى » ژۇرنىلىنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇساپىسىگە  تېخىمۇ زور يۈكسىلىش تىلەيمەن !  ئاپتورلار قوشۇنىنى  يىتەكلەپ ، سەرخىل ئەسەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

ۋاقتى: 2012-4-18 09:50:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« يېڭى قاشتېشى » ژۇرنىلىنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇساپىسىگە  تېخىمۇ زور يۈكسىلىش تىلەيمەن !  ئاپتورلار قوشۇنىنى  يىتەكلەپ ، سەرخىل ئەسەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

ۋاقتى: 2012-4-18 09:59:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سۈيۈپ ھەم ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ژۇرناللارنىڭ بىرى دەل « يېڭى قاشتېشى » ژۇرنىلىدۇر.
ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشگە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسنى قۇشۇپ كىلۋاتقان « يېڭى قاشتېشى » ژۇرنىلى ژۇرنىلىنىڭ تېخمۇ يۈكسىلىپ، نادىر سەھىپلەرنى ئۆزىدە مۇجەسەملەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ رەڭدار سەھىپلىرى ئارقلىق كىتاپخانلارنى تېخمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا تەھرىر بۈلمىدىكى يولداشلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-18 10:48:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى قاشتېشى ژورنىلىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى مۇساپىسىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. مۇھەررىرلەرنىڭ تېنىگە ساقلىق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-18 11:32:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ يېڭى قاشتېشى ›نىڭ مەڭگۇ جۇلالىنىپ تۇرشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2012-4-18 11:44:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى مەن سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ژۇرناللارنىڭ بىرى، بۇ ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ يەنىمۇ نۇسرەتلىك بولۇشىغا، تۇرسۇنجان ئاكىمىز باشلىق ژۇرنالدىكى تەھرىر-مۇھەررىر ئۇستازلارنىڭ مىننەتسىز ئەجىر-مېھنەتلىرىنىڭ يەنىمۇ قەدىرلىنىشىگە سەمىمىي تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2012-4-18 13:51:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يېڭى قاشتېشىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن.ژورنالنىڭ كىتاپخالارنىڭ قەلبىنى سۈيۈندۈرگەن تەرەپلەرنى ھەقىيقەتەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

ۋاقتى: 2012-4-18 14:07:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ژورناللارنىڭ بىرى، بۇ ژورنالنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ۋاقتى: 2012-4-18 14:16:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى قاشېشى ژورنىلى تارىمدىن قالسىلا مېنىڭ نەزىرىمدىكى ياخشى چىقىۋاتقان ژورنال دەپ قارايمەن. ژورنالنىڭ بۇن كېيىنكى سانلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش