ئىگىسى: admin

''يېڭى قاشتېشى'' ژۇرنىلى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-4-19 14:12:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۇرنالنىڭ يېڭىدىن بېسىۋاتقان قەدەملىرى ناھايتى ياخشى بولىۋاتىدۇ . نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەسەر ۋە ئەدىپلەرنى بىز بىلەن تونۇشتۇرۇش يولىدا ئىزچىل يولباشچىلىق ئورنىدا تۇرىۋاتىدۇ . يېڭى ئەسىردىكى ژۇرنال سەھىپىلىرى تولىمۇ رەڭدار ، تولىمۇ ئۆزگىچە بولىۋاتىدۇ . بولۇپمۇ يىقىنقى بىر قانچە يىلدىكى سانلىرى ئادەمنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىدۇ . گەرچە تەھرىر بۆلىمىدە ئادەم ئاز بولسىمۇ ، ئاشۇ جاپاكەش ئەمما قەدىرلىك ، تالانىتلىق مۇھەرىرلىرىمىز  ژۇرنالنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتىدۇ . مەن مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تىخىمۇ يېڭى ، تېخىمۇ رەڭدار سەھىپىلەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىگە تىلەكداشمەن .

ۋاقتى: 2012-4-21 14:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
''ﻳﯧﯖﻰ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ'' ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ-ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﻠﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ۋاقتى: 2012-4-21 18:12:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىم دەريا  يۇرۇڭقاشنىڭ  دولقۇنلىرى مەڭگۈ ئۆزۈلۈپ قالمىغاندەك يىڭى قاشتېشىنىڭ  جۇلاسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
چۆنكى ئۇ يىڭى  قاشتېشى  خۇتەندىن ،ماھىر ئۇستىنىڭ  قۇلىدىن  چىققان،

تەھرىر بۈلۈمدىكى  جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ  مېھنەتلىرىگە كوپ تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2012-5-23 17:04:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹يېڭى قاشتېشى›› ژورنىلى مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ژورناللارنىڭ بىرى. تۇنجى ئەسىرىم بۇ ژورنالدا ئېلان قىلىنغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر بۇ ژورنال ماڭا ‹‹ئۆز ژورنال›› . شۇڭا ھەر دائىم ‹‹يېڭى قاشتېشى››غا دىققەت قىلىمەن، ھەر سانلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن، سەلگىنە ناباب ئەسەر چىقىپ قالسا ئوڭايسىزلىنىمەن، ياخشى ئەسەر چىقىپ قالسا خۇددى بۇ ئەسەرنى مەن يازغاندەك سۆيۈنۈپ كېتىمەن.
3- سان ژورنالغا ئابدۇكىرىم قادىرنىڭ ھېكايىسى بېسىلىدىكەن، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ‹‹3- سان يېڭى قاشتېشى ژورنىلىنىڭ بازارنى ئالدىراش قىلىۋىتىدىغانلىقى››نى پەملىدىم.

ۋاقتى: 2012-5-23 17:42:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «يېڭى قاشتېشى»بىزنىڭ ئانا ژۇرنىلىمىز. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ژۇرنىلى بولۇپلا قالماي، ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سالماق ئورۇن تۇتىدىغان بىر تۈ*ركۈم يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىمۇ تەربىيلەپ قاتارغا قوشتى. بۇ ژۇرنالنىڭ مۇساپىسى شانلىق مۇساپە....

ۋاقتى: 2012-5-23 18:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يېڭى قاشتېشى»ژورنىلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرى تېخىمۇ قۇتلۇق بولغاي ! ژورنال ئۈچۈن مېھنەتسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان مۇھەررىرلەرگە ئېھتىرام !

ۋاقتى: 2012-5-24 00:35:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنى  خوتەندە ئۇقۇۋاتقان چېغىمدىن باشلاپلا ياقتۇرۇپ ئۇقۇيتۇم.

ۋاقتى: 2012-5-25 13:57:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلى مېنىڭ ئانا ژۇرنىلىم!....تۇنجى ئەسىرىم مۇشۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان... مېنىڭ قەلبىمگە ئىجادىيەتنىڭ ھەۋەس ئوتىنى تۇتاشتۇرغانمۇ، پېشقەدەم مۇھەررىرلەردىن مەرھۇم ئاكام روزى سايىت ۋە مەتقاسىم ئابدۇراخمان  مۇئەللىملەر ئىدى...ئۇلار ھەرقېتىم ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ يېتەكلەيتتى.
مانا،ھازىرمۇ تۇرسۇنجان مۇھەممەت، مەتسېلىم مەتقاسىم، داۋۇت ئادىل قاتارلىق ياش مۇھەررىرلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يىتەكلىشى ،كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىمەن....
ئەزىزلەرنىڭ تېنى سالامەت، ئىجادىيەتلىرى بەرىكەتلىك بولغاي!... يېڭى قاشتېشىنىڭ جۇلاسى جاھاننى نۇرلاندۇرغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇھەممەدتوختى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 13:58  


ۋاقتى: 2012-5-25 14:48:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يېڭى قاشتېشى»ژۇرنلى يەرلىك ژۇرناللار ئىچىدە ئەڭ ياخشى چىقىۋاتقان، پۇتۇن شىنجاڭ دائىرسىدىن ئەسەر قۇبۇل قىلىشنى خېلى بۇرۇن باشلىغان بولۇپ،مەزگور ژۇرنالدىكى مۇھەررىر يولداشلار ئىسلاھات روھىغا باي بولغاچقا، ژۇرنالنى بۈگۈكىدەك سۇپەتلىك، ئوقۇشچانلىقى يۇقىرى ژۇرنالغا ئايلاندۇرغان. مەن بۇ ژۇرنالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىسىگە مۇۋەپىقىيەتلەر تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-5-28 11:07:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹يېڭى قاشتېشى›› مىنى يىتەكلەپ كەلدى. ھەرۋاقىت ژورنالدىكى جاپاكەش مۇھەررىرلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن! ئۇلار ژورنال تۈزۈشتىن تارتىپ ئاخىرى تارقىتىشقىچە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئاجايىپ جاپاسى بار ئەمما ھۇسۇلى كۆپ تەھرىرلەر ئۇ! ئىجادىيەتلىرىمۇ ئاجايىپ تېتىملىق! بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-6-3 17:09:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرتىمىزنىڭ بىردىن-بىر ئاشكارە تارقىلىدىغان نەشىر ئەبكارى بولغان بۇ ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى سەپىرىگە ئۇتۇق ،مۇھەررىرلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-6-6 10:27:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يىڭى قاشتىشى»مەن ئارىلاپ تاللاپ ئۇقۇيدىغان ژۆرنال ،كەلگۈسى ئىستىقبالىغا زور ئۇتۇقلارنىڭ ساھىبى بۇلۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن .....

ۋاقتى: 2012-6-15 13:51:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يىڭى قاشتىشى»مەن ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدىغان ئەدەبى ئەسەرلەر جەمگاھى بۇلۇپ ،مەن بۇ ژۇرنالنىڭ ھەقىقى خۇتەن قاشتىشىدەك جۇلالىنىپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن

ۋاقتى: 2012-6-15 23:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يىڭى قاشتىشى»ژورنىلى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان جاپاكەش مۇھەررىرلەرگەگۈزەل تىلەكلەر يار بولغاي .ژورنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2012-12-29 17:19:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژورنىلىنىڭ تېخىمۇ زور شان -شەرەپلەرنى قۇچىشىغا تىلەكداشمەن .ھەرقايسى  مۇھەررىر لەرنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش