UID 698 QQ 422317805 ھوقۇقى 1 ھەقىقىي ئىسمى ئابدۇرېشىت سۇلايمان يازما 218 نادىر 0 جۇغلانما 1737 تىزىملاتقان 2012-4-19 ئاخىرقى قېتىم 2013-9-7 توردا 622 سائەت
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: 698
ئەدۇنىس: ئادەم قىزىل گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرۇش كېرەك
3 {! ]6 T* F0 |& v$ s8 B3 q
ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى
1 n; G! D% M- I6 ` 5 r# ]% X8 V+ [3 \* Z/ f% l5 B. l' }
# \) R* {( |5 W1 D9 @, P يېقىندا، ئەرەب دۇنياسى شېئىرىيىتىدىكى گىگانت ئەدۇنىس بېيجىڭغا كېلىپ، خەنزۇ تىلىدىكى تۇنجى ئەسىرى «تەنھالىقىم-بىر گۈلزارلىقتۇر» نى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ھەمدە بىر نەچچە جۇڭگو شائىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. 7 a: U5 }' w1 _; u
ئەدۇنىس 1930-يىلى سۈرىيىدە تۇغۇلغان، ھازىرغىچە ئەرەب تىلىدا 20پارچىدىن كۆپرەك شېئىر توپلىمى ۋە ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ لىۋاندا ۋە فرانسىيىدە داڭقى چوڭ. كىچىك چېغىدا دېھقانچىلىق قىلغان، 17ياش چېغىدا ئەينى چاغدىكى سۈرىيە زۇڭتۇڭى شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان، 24يېشىدا دەمىشىقتە پەلسەپە ئىلمى بويىچە ئۇنۋان ئالغان. كېيىنكى يىلى «پان سۈرىيە» تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقتىن يېرىم يىل تۈرمىدە ياتقان، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئەدۇنىس لىۋاننىڭ بېيرۇتقا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇزىمايلا باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «شېئىرىيەت» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. ئەدۇنىس 1960-يىلى فرانسىيىگە بارغان، 20يىلدىن كېيىن فرانسىيىدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان، 70-يىللاردىن باشلاپ، ئەدۇنىس ئەرەب شېئىرىيىتىنىڭ ئاۋانگارتى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ ھازىرقى زامان شېئىرىيەت ئۇسلۇبى بىلەن ئەرەب ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىدىكى مىستىتىسىزم ئادىتىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بىر قىسىم شېئىرلىرى ئىنگلىز، فرانسۇز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەدۇنىس ئەرەب جەمئىيىتى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىينى چوڭقۇر تەنقىد قىلغان بولۇپ، ئەرەب دۇنياسىدىكى قىزغىن مۇنازىرە قىلىدىغان شەخسكە ئايلانغان.
9 Q4 a4 v9 ^9 u' p. J
1 H' _1 B( z' n4 L7 B
1 Q. G& D5 u# W& p4 P7 r تەرجىمە تېكىستى ھەققىدىكى تەسىرات ئۈستىدە توختالغاندا: قاراڭغۇ كېچىگە يوشۇرۇنغان قىز . j. ^: y& w5 B+ m4 E6 a
يېڭى بېيجىڭ گېزىتى: ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىز ساياھەت قىلغاندىمۇ كىچىك خاتىرىڭىزنى ئېلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى خاتىرلەيدىكەنسىز. & z' ? n9 _7 U) Z7 \$ j
ئەدۇنىس : ئاۋۋال رەتلىۋېلىپ، ئاندىن ئۇلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ، ئەرەب گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىمەن. ئەگەر مەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى بىر قىسىم نەرسىلەرنى ياخشى يازالمىسام خاپا بولماڭلار، مۇبادا مەن تەنقىد قىلىپ قالساممۇ شۇنداق، بىز يەنىلا دوست ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە، مەن دېمەكچى بولغان بىر قىسىم گەپلەر ۋاقتى كەلگەندە شېئىرلىرىمدا ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
$ X% R3 v( e$ ~# q( |6 _, g! P يېڭى بېجىڭ گېزىتى: ئەلۋەتتە، تۈنۈگۈن ئۆزىڭىزمۇ تىلغا ئالدىڭىز، كۆپلىگەن جۇڭگو شائىرلىرى دېكلاماتسىيە قىلغان شېئىرلىرىڭىزنى ئاڭلىدىڭىز، ئۆز شېئىرلىرىڭىزغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش بولغاندۇ، سىز نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭىز؟
0 o. M+ w/ G" ^% z4 }9 z* X+ A ئەدۇنىس: شېئىر ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىن، شائىر ئۆز شېئىرىنى كۆرگەندىن چاغدا بەلگىلىك ئارىلىق بولسا ئاندىن ئېنىق كۆرەلەيدۇ. تۈنۈگۈن مەن شېئىرلىرىمدىن ئەسلىدە ئۆزىدە بولۇپ باقمىغان مەنىلەرنى كۆرگەندەك بولدۇم. " U: g" p9 A3 [) j1 B
يېڭى بېيجىڭ گېزىتى: مەسىلەن قانداق؟
3 l, O& H& F2 p ئەدۇنىس: يېڭى مەنە بايقىدىم دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا يېڭى نەزەرلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، بىر قىزنى كۆرسىڭىز، ئۇ قاراڭغۇدا بولسا ياكى پۈتۈنلەي چىراغ يورۇقىدا بولسا، ياكى يېرىمى قاراڭغۇچىلىقتا، يېرىمى يورۇقچىلىقتا بولسا قارىماققا ئوخشاش كۆرۈنمەيدۇ. ئوخشاشلا، بىر ئايال كىيىملىرىنى تولۇق كىيسە ياكى پەقەت نېپىز ئىچ كىيىملىرىنى كىيسە يەنىلا شۇ قىز بولسىمۇ، ئەمما تەسىرات ئوخشاش بولمايدۇ، تولۇق يالىڭاچ بولسا يەنە باشقىچە بولىدۇ. ئادەم شۇ ئادەم، ئەمما سىزگە بولۇۋاتقان ئىشارە ئوخشاش بولمايدۇ، شېئىرمۇ شۇنداق. شېئىرغا بولغان ھەر بىر چۈشەندۈرۈش، ئىزاھات شېئىرنى بىر قېتىم يېڭىدىن يېزىپ چىققانغا باراۋەر بولىدۇ. 1 b2 T$ F, n# U6 k. ~+ o/ h
يېڭى بېيجىڭ گېزىتى: سىز ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنكى شېئىر، شېئىرنىڭ ئۆزى بولۇپلا قالماستىن، «شائىرنىڭ ئۆزى بىر ماددىي ئىسپاتقا ئايلىنىدۇ» دېگەنتىڭىز. بۇ ئىككى كۈندە بېيجىڭدا تۇرۇش جەريانىدا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئېنىقلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ياكى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ رەتلىك كىيدۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟
" ?. j/ \( e7 X8 p+ P* g7 N ئەدۇنىس: مۇبادا مەن خەنزۇ تىلىنى بىلگەن بولسام، سىزنىڭ بۇ مەسىلىڭىزگە جاۋاب بەرگەن بولاتتىم. ھازىر ماڭا نىسبەتەن، خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرىم قاراڭغۇلۇقتىكى ئايالغا ئوخشايدۇ، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن. لېكىن مەن بۇ ئايالنى تەسۋىرلىگەن رەسساممەن، بۇ ئايالنىڭ بىر قىسمىنى كۆرەلەيمەن، ھازىر بۇ ئايالنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن، بۇ رەسسام دەل تەرجىماننىڭ ئۆزىدۇر. ; m( @+ ?5 S- V b- w% D- ]3 g
غەربلىكلەر ھەققىدە توختالغاندا ئۇلارنىڭ كىملىكى يوق
% c$ s; q i7 R يېڭى بېيجىڭ گېزىتى: سىز پارىژدا تۇرىسىز، بىزگە فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرىڭىزنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ 3 [" K6 f2 ~7 C/ Y# k& Z
ئەدۇنىس: بەزىلەر شېئىرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ دېيىشىدۇ، تەرجىمان «قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئۇرۇنۇپ كۆرۈنىدۇ». شېئىرنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، بۇ تەرجىماننىڭ سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. فرانسىيىدە ئوخشاش بولمىغان تەرجىمانلار شېئىرلىرىمنى تەرجىمە قىلدى، بەزىلىرىنىڭ تەرجىمىسىدە ئىنتايىن سادىقلىق ئىپادىلەندى. بىراق، ئادەم ئەينەككە قارىغانغا ئوخشاش ئارىلىق بەك يېقىن بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، مېنىڭچە، شېئىر تەرجىمىسىدە تەرجىمان خەتمۇ-خەت ئەسلى تېكىستكە يۈز پىرسەنت سادىق بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. - f' b, K/ x+ f) ]1 O" v% K
يېڭى بېيجىڭ گېزىتى: سىز غەربتە ناھايىتى ئۇزاق تۇردىڭىز، سىزنىڭچە غەربنىڭ سىزگە بولغان قىزىقىشى ياكى سىزنىڭ غەربكە بولغان قىزىقىشىڭىز ھازىر قايسى ھالەتتە بولۇۋاتىدۇ، ياكى قىزىقىش يوقمۇ؟ + y/ l# k% K3 ^7 F& w% N6 X
ئەدۇنىس: بۇ مەسىلىنىڭ مەنبەسى ئەمەلىيەتتە كىملىككە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇبادا سىزنىڭ بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ئۇچ قېرىندىشىڭىز بار دەيلى، ئۇلارنىڭ چىراي-تۇرقىدىن تارتىپ تاكى مىجەز-خۇلقىغىچە بىر بىرىگە زادىلا ئوخشاشمايدۇ. ئوخشاش بىر ئائىلىدە شۇنچە چوڭ پەرق بولغانىكەن، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرقىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇھىمى غەربنى شەرققە سىڭدۈرۈش ياكى شەرقنى غەربكە سىڭدۈرۈش بولماستىن بەلكى ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئېچىۋېتىشى بولۇپ، ئادەم خۇددى ھاۋادەك، ئەتىرگۈلدەك، ئۇپۇقتەك ئېچىلىپ تۇرۇشى كېرەك. بىر بۇلۇڭدىلا تۇرسا بولمايدۇ، مەن بىر جۇڭگولۇق بولسام ھېچنېمىنى بىلمەي، قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك ئۆتسەم بولمايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بۆلىدىكى ئادەمدە كىملىك بولمايدۇ، ئادەمنىڭ كىملىكى كېلەچەككە تەئەللۇق، ئادەم نارەسىدە كىچىك بالىلاردەك سىرتتىكى بوران-چاپقۇنلاردىن قورقۇپ يۈرسە بولمايدۇ. كىملىك كىتابقا ئۈزلۈكسىز يېزىلىپ تۇرىدۇ، ئادەم دەرەخكە ئوخشايدۇ، دەرەخنىڭ يىلتىزى يەر ئاستىدا بولسىمۇ، لېكىن شاخلىرى ھەر تەرەپكە ئۆسىدۇ.
+ k) z/ Q5 P6 s يېڭى بېيجىڭ گېزىتى: غەرب تىللىرىدىكى سۆز بىلەن ماددىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەرەبچىگە تازا ئوخشىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدىڭىز.
% ?( H+ c6 Y, U* U, U ئەدۇنىس: ئېچىۋېتىشتە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئوخشىماسلىقى يوقىتىۋېتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۆزۈمنى سىزگە ئېچىۋەتكەنلىكىم مېنىڭ سىزگە ئۆزگىرىپ قالغانلىقىم ئەمەس، ئادەم ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يادرولۇق نەرسىلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئامالسىز قالىدۇ. ھېقىقى ياخشى كۆرۈشكەن ئاشىقلار ئارىسى ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاشىقلار يەنىلا ئوخشاش بىر ئادەم ئەمەس.
; B- _' M% x, S% z: G يېڭى بېيجىڭ گېزىتى: سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئەرەب دۇنياسىدا «ئاسىي» نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇۋاتىدۇ، بۇ سىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللىشىڭىزمۇ ياكى پاسسىپ تاللىشىڭىزمۇ؟
9 b2 e% o/ F1 F F. d3 R& V! u ئەدۇنىس: ئاسىيلىق قىلىش مېنىڭ ئىرادە جەھەتتىكى تاللىشىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شېئىرنىڭ ئۆزى ماھىيەتتە تەنقىد نەزىرى بىلەن دۇنياغا مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزگىرىش، ئىسلاھ قىلىش، ئاسىيلىق قىلىش شېئىرنىڭ يىلتىزى، مەقسەت دۇنيانى ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ ياخشى قىلىشتىن ئىبارەت، بىر شائىرنى رېئاللىقنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق يېزىلغان شېئىرنىڭمۇ قىممىتى بولمايدۇ. كۆپ مەنبەئەلىك جەمئىيەتتە، مۇھىم بولغىنى سۆزلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. مەن ئەرەب جەمئىيىتىنى تەنقىد قىلدىم، ئوخشاشلا غەرب جەمئىيىتىنىڭ كەمتۈكلۈكىنىمۇ تەنقىد قىلدىم.
l; s; U3 u% e0 u: s( t سەنئەتنىڭ ماڭا بەرگىنى تاشلاندۇق نەرسىلەر3 P5 @; J# O% ^' w1 J ^- d+ ^2 u
يېڭى بېيجىڭ گېزىتى: ئەرەب ئالىمى سەئىد ۋە يەھۇدىي مۇزىكانتى بارۇنبويۇمى 20 يىل ئىلگىرى «شەرق غەربنى بىرلەشتۈرۈش» ئوركېستىرى قۇرۇپ، ئەرەب ۋە يەھۇدىي بالىلىرىنى بىرلىكتە ئورۇنداشقا سالغان....
% q8 S! E) f3 n' Z: S7 U9 I ئەدۇنىس: ئۇ ئىككىلەن مېنىڭ دوستلىرىم، مەن ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىنى ئىنتايىن قوللايمەن. ( T" @% x+ s7 f6 Y2 `
يېڭى بېيجىڭ گېزىتى: ئۆز تەسىراتىم جەھەتتە، مۇزىكا ئادەمنىڭ قەلبىگە بىۋاسىتە يېتىپ بارىدۇ، ئەمما، شېئىردا شائىر مەخپىي ئىپادىلەيدۇ، ئاددىي، قىسقا خەتلەر ھەمىشە مۇرەككەپلىككە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، كونكرېتنى مەدەنىيەت چۈشەنچىسى ئۇنى ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ.
' t! k+ N2 r/ ~& _3 O* U5 r ئەدۇنىس: سەنئەت بىلەن قانداق ئۇچرىشىش تەبىئىيكى شەخسىنىڭ ئۆز ئىشى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز خاسلىقى ۋە ئېستېتىكا كۆز قارىشى بولىدۇ. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر خىل سەنئەت شەكلى يەنە بىر خىلنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. مەن گۈزەل سەنئەتنىمۇ ۋە مۇزىكىنىمۇ ياخشى كۆرىمەن، مەن شېئىرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن، شېئىردا مۇزىكىمۇ، ئوبرازمۇ بار، يەنە تېخى بىنانىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. يەنى بىر پارچە شېئىر ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇڭا ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېھتىمال، شېئىرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن بولىدۇ. مەنمۇ باشقىلارنىڭ تاج مەھەل مەقبىرىسىدە مۇزىكىمۇ، گۈزەل سەنئەتمۇ، قۇرۇلۇشمۇ، سەنئەتنىڭ گۈزەللىكىمۇ بار دېگەنلىكىنى يەنە بەزىلەرنىڭ «بېتخوۋىن دۇنيانى كىچىكلىتىۋەتتى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، بەختكە يارىشا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئوخشاش قاراشتا ئەمەس. , G) G4 d. v$ q+ Q/ `
يېڭى بېيجىڭ گېزىتى: ئېسىمگە كەلدى، سىز رەسىممۇ سىزىسىز، شېئىر بىلەن باشقا سەنئەت شەكىللىرىگە باراۋەر قارامسىز؟ % P9 U- X4 u) m! c
ئەدۇنىس: مەن رەسسام ئەمەس، قەلەم ۋە سىيا ئىشلەتمەيمەن، ئەمما تاشلاندۇق نەرسىلەرنى، ئەھمىيىتى يوق تاشلاندۇق قەغەز ۋە ياغاچنى ئىشلىتىپ، «قۇراشتۇرۇش»-- collage ئېلىپ بارىمەن، بۇ سۆز ئەرەب تىلىدا يوق، مېنىڭ قىلىدىغىنىم ئۇلارغا يېڭىۋاشتىن مەنە بېرىش. تاش، پەي، ياغاچ پروبىركا، قارىماققا بىر-بىرى بىلەن زادىلا مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن گۇرۇپپىلاش شەكلى ئوخشاش بولمىغان بۇ نەرسىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ سەنئەتكە ئايلاندۇرىدۇ، ئوخشاشلا، شېئىردىكى ئىماگمۇ ئىنتايىن چېچىلاڭغۇ بولسىمۇ لېكىن شېئىرنىڭ قۇرۇلمىسى بۇ ئوخشاش بولمىغان ئىماگلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. ياخشى شائىر ناھايىتى يۇقىرى تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. مۇبادا، مەن شېئىر ئىجاد قىلىشتا يالغۇز كاللامنىلا ئىشلەتتىم دەيلى، ئەمما، ئەمەلىيەتتە قولمۇ ناھايىتى زور ئېنېرگىيىگە ئىگە، قول بېسىمغا ئۇچرايدۇ، قولنى ئازاد قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى مېڭىدىكى تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
9 ]9 u( m- ^4 q مۇخبىر يازغان خاتىرە: ئارىلىقىمىزنى ئۆز-ئارا تەڭشىۋالايلى
كېيىن دېڭىز ساھىلىدا، شىلەپە كىيىپ، ئۇزۇن قىزىل شارپا ئارتىۋالغان شائىر يېنىمدا ئولتۇرۇپ مەن بىلەن بىر يېرىم سائەت پاراڭلاشتى. كەچ كىرىپ ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغان چاغدا بىز سۆھبىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق. شائىر بۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر قولىنى ماڭا سۇنۇپ، غەربلىكلەرنىڭ دوستلار ئارا دائىم قىلىدىغان تەبرىكلەش شەكىلدىكى “ high five ”نى قىلدى. ئەرەبلەردىن كەلگەن ئاقساقال ئەدۇنىس بىز بىلەن نىمىنى تەبرىكلىمەكچى بولدىكىن؟
! @$ O, E. W" ^3 y0 f u «تەنھالىقىم-بىر گۈلزارلىقتۇر»نى ئەدۇنىس يازغان، بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ گېزىتلەرنىڭ باش ئىستونىدا، توردا ئېلان قىلىندى.
% G. `6 t+ x4 I0 g4 w- A( q2 E تەنھالىقمۇ تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. ئاقساقال ئەدۇنىس مەسىلىلەرگە ناھايىتى تەپسىلىي جاۋاب بەردى، تۇرۇپ-تۇرۇپ كۈلۈپ قويدى، بۇ پىخىلداپ كۈلۈشكە ئوخشاپ قالاتتى، يەنە كومېدىيە كۆرگەن چاغدىكى خوش بولۇشقا ئوخشاپمۇ قالاتتى. ئۇ ھەي ھازىر شېئىر ئوقۇيدىغانلار ئازلاپ كەتتى، بۇ شېئىرنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى ئادەملەر قالاقلىشىپ كەتتى دېدى.
% O0 e, a* Y' F# T7 i دۆلەت ئىچىدە ئەدۇنىسنى كەسپى خادىملار، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتىغاندا چەتئەل ئەدەبىياتىغا قىزىقىدىغان كىتابخانلاردىن باشقىلار ئانچە كۆپ بىلىپ كەتمەيدۇ، يېقىنقى يىللاردا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرگۈچىلىرى «پەرەز»لىرى ئىچىدە ئۇنىڭغا مەقسەتسىز نەزەر سېلىپ قويدى. چۈنكى «ئەدۇنىس» بىۋاسىتە مول تەسەۋۋۇر ئېلىپ كەلگەنلىكتىن ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايتتى. 60 نەچچە يىل ئىلگىرى بىر سۈرىيىلىك نامرات ئوقۇغۇچى ئەلى ئەھمەد سەئىد ئىسبېل ماقالە ئەۋەتىدىغان قەغەزگە قىزىقىشى سەۋەبىدىن غەربىي ئاسىيادىكى زىرائەتلەرنىڭ ھايات-ماماتىنى باشقۇرىدىغان مۇئەككىلىنىڭ ئىسمىنى تەخەللۇس قىلىپ، شېئىرىيەت مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق باسقان ئىدى. بۈگۈن، ئۇنىڭ شېئىرلىرى قولىمىزدا توم-تومى بىلەن تۇرۇپتۇ. شەرق، غەرب نېمە دەپ تەرجىمە قىلدى، تەرجىمە قىلىنىپ قايسى ھالەتكە كەلدى، ئاقساقال شائىر بىلەن بىز ئارىلىقىمىزنى تەڭشەشنى ئويلىشىۋاتىمىز، ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئوخشىمىغان پەيتلىرى بولىدۇ ئەلۋەتتە. 4 _8 U+ m' P5 w7 z% }/ S1 C3 j
! B/ `) M, Z# i: K4 W% q# i
بۇ ماقالە «جۇڭگو سەنئەت تەنقىد تورى» دىن تەرجىمە قىلىندى / Z0 h% Q3 b3 }