كۆرۈش: 6017|ئىنكاس: 45

ئىزدىنىش،تەتقىقات سەپىرىدىكى مەنسۇرجان(35)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


无标题.png

[ئاپتور ھەققىدە] مەنسۇرجان تۇرسۇن 1989 -يىلى 2-ئايدا ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، 2009-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتورا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ھازىر ئىلى پىداگۇگىكا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە باشلانغان بولۇپ، 2005- يىلى «ئاقسۇ گېزىتى»دە تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ، ئىجادىيەتتە بارغانسىرى تەرەققى قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ھازىرغا قەدەر «ئاقسۇ گېزىتى»، «شنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»،«تارىم غۇنچلىرى»،«ئىلى گېزىتى»، «ئىلى كەچلىك گېزىتى»، «ئاسيا كىنىدىكى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا  120 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانېرىدىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بىر تەرەپتىن كەسپى بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگەنسە يەنە بىر تەرەپتىن ئىنگىلىزتىلى ئۆگەنگەن. مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمسى ئىشلەپ تاماملىغان، ئۇ يەنە «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ پېداگۇگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمي ژۇرنىلى»، «كۈسەن مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «خوتەن پېداگۇگىكا ئالىي تېخنكومى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، «مىراس» قاتارلىق ژۇرناللاردا 8 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالسى ئېلان قىلدۇرۇپ، ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ۋە جەمئىيەتتىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇدا ئىككى يىل «دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى»غا، مەكتەپ بويىچە «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» ،«ئۈچتە ياخشى ئۈلگە» دىگەن شەرەپلىك نامغا نائىل بولغان، 2011-يىل 12-ئايدا «دۆلەت دەرىجلىك پىسخىكا مەسلھەتچىلىك كېنىشكىسى»گە ئېرىشكەن. 2013- يىلى1-ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە خەنزۇچە ماقالسىى ئىلى كەچلىك گېزىتى ئۇيۇشتۇرغان ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» بولۇپ باھالانغان. شۇ يىل 5-ئايدا مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ، ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى!» دېگەن تېمىدىكى نەق مەيداندا ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلانغان.
يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن مەنسۇرجاننىڭ كېيىنكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ تۆۋەندىكى ماقالىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
ــــ مەسئۇل مۇھەررىردىن

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازا ئېچىش ئادىتى توغرىسىدا

مەنسۇرجان تۇرسۇن

ئۆلۈم ــ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئاخىرقى قارارگاھى، تەبىئى ۋە مۇقەررەر يۈز بېرىدىغان، ساقلانغىلى بولمايدىغان رېئاللىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن قەدىمكى مىللەتلەر ئۆلۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى ۋە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان، قايغۇ-ھەسرەتلىك، سىرلىق ھادىسە دەپ قاراپ ئاخىرقى قېتىم ئۆلگۈچىنىڭ ئىنسانلىق ئىززەت-ئابرۇيىنى، ئۆزلىرى بىلەن مەڭگۈ جۇدالاشقانلىقىنى ئىپادىلەش ھەمدە ئۆزلىرىگە تەسەللىي تېپىش يۈزسىدىن تەنتەنىلىك ئۇزىتىش مۇراسملىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئادەت قىلغان. ئەمما ئۆلۈم ئۇزىتىش ئادەتلىرىنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، جەريانى ھەربىر مىللەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە. بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ  ھازا ئېچىش ئادىتنىڭ تارىخى، ھازا قوشاقلىرى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلار، ھازا ئېچىشقا ئائىت پەرھىزلىك قاراشلار  شۇنداقلا ھازا ئېچىش ئادىتنىڭ بۈگۈنكى ئۆزگىرىش ھالەتلىرى ئۈستىدە قىسقچە ئىزدىنشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.                                                      
«ھازا» ئەسلى ئەرەب تىلىدىن قۇبۇل قىلنغان سۆز بۇلۇپ ، ئۇيغۇر تىلدا: «ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن ئادەم ئۇچۈن قىلىنغان يىغا-زارە، ماتەم، تەزىيە»①دېگەن مەنىدە ئېستىمال قىلىنىدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان تارىم ۋادىسدىن ئىبارەت بۇ مەئىشەتلىك زىمىندا ياشاپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز ئۆلۈمنى تۇلىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە سىرلىق چۈشەنگەن، شۇ ۋەجىدىن ئۆز قەلبىدىكى كۈچلۈك ھەسىرەت-نادامەتلىرىنى ياكى شادلىقلىرىنى رېتىملىق ناخشا-قوشاقلار ئارقىلىق ئاشكارا بايان قىلىپ، باشقىلار  بىلەن قايغۇ-ئازاب ۋە خوشاللىقتىن تەڭ بەھرلىنىشنى ئۆگەنگەن. بۇلۇپمۇ ئۆلۈم- يىتىم، ماتەم–مۇراسملار دا قۇشاق قېتىپ، ھازا ئېچىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەدىردانلىرىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنش، ياد ئېتىش، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ئايرىلغانلىق ھەسرەت–پىغانلىرىنى ئىپادىلەش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
1.ھازا ئېچىش ئادىتىنىڭ تارىخى
   ھازا ئېچىش ناھايىتى قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئادەت. گەرچە غەربى يۇرتتا ياشىغان قەدىمكى قوۋملاردىكى ھازا ئېچىش ئادىتىنىڭ زادى قاچاندىن باشلاپ رەسمىي پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە بىزدە ئېنىق تارىخىي مەلۇماتلار يوق دېيەرلىك بولسمۇ ئەمما ھازا ئېچىش ئادىتىنىڭ ئىزنالىرىغا ئائىت بىرمۇنچە تارىخىي يازما ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىمىز. مەسىلەن: ئېلىمىزنىڭ مۇھىم تارىخى ھۆججە تلىرىدىن بىرى بولغان «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»نىڭ 247-جىلىدىدا: ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ:«قاغان ئۆلسە خوتۇنى بىلەن بىللە دەپنە قىلاتتى. مۇسبەت بولغاندا ئات، كالا ئۆلتۈرۈپ نەزىر چىراغ ئۆتكۈزەتتى. ئۆلۈك ياتقان چىدىرنى يەتتە قېتىم  ئايلىناتتى ۋە پىچاق بىلەن چىكىسىنى تىلىپ، قان-ياش ئاققۇزۇپ، ھازا قىلشاتتى»②دېيىلگەن بولسا،«كېينكى خەننامە»49-جىلىدىدا «گېڭ بىڭنىڭ تەرجىمىھالى»دا: «يۈڭيۈەننىڭ 3-يىلى (91-يىلى) ھونلار گېڭ بىڭنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پۈتۈن ئەلنى يىغا-زارە قاپلىدى. بەزىلەر يۈزلىرىنى تىلىشىپ قان ئاققۇزدى.»③خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا،  ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىدىمۇ يۈزىنى تىلىپ ھازا ئېچىش ئادەتلىرى بولغان، بۇ ھەقتە «كونا تاڭنامە»195-جىلىدا: «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە»دە: «چيەنيۈەننىڭ 3-يىلى (759-يىلى) كۆل بىلگە قاغان ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ خانىشى نىڭگو مەلىكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە يۈزىنى تىلىپ ھۆڭرەپ يىغلىغان.»④دېگەن خاتىرىلەر  قالدۇرۇلغان. «يېڭى تاڭنامە» 21- جىلددا: «تۇۋارلار ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ جەستنى ياغاچ ساندۇققا سېلىپ تاغ كامارلىرىغا قۇيۇپ قۇياتتى ياكى دەرخلەرگە ئېسىپ قۇياتتى. ئۆلۈمنى ئۇزاتقاندا ئۈن سېلىپ يىغلايتتى، ئۆلۈمنى. بۇ جەھەتتە تۈركلەر بىلەن ئوخششىپ كېتەتتى⑤دېيىلگەن.«مۇڭغۇل تاتار خاتىرلىرى»دە: مۇڭغۇللار «ئاتالمىش ئاق تاتارلاردۇر. ئۆزلىرى سىپايىرەك، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇشقا ۋە ۋاپادارلىققا ئادەتلەنگەن. ئاتا-ئانىسى قازا قىلغاندا يۈزىنى تىلىپ يىغلىشىدۇ.»⑥«بۈيۈك جىن دۆلتى تەزكىرسى» 39-جىلدىدا: جورجىتلار «يېقىن بۇرادەرلىرى ۋە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋاپات بولسا، پىچاق بىلەن پىشانىسىنى تىلىپ يىغلايدۇ، ياشلىرى بىلەن قانلىرى ئارلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار بۇنى قان ياشلىق ئۇزىتىش دەپ ئاتىشىدۇ.»⑦سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر خەنزۇ سەيياھ خۇي سېڭ يازغان «لوياڭدىكى ساڭراملار خاتىرسى»نىڭ 5-بابىدا ئۇدۇن (خوتەن) بەگلكىدە «ئۆلگۈچنىڭ جەستى كۆيدۈرۈلۈپ كۈلى يەرگە دەپنە قىلىنىدىكەن، ھازىدارلار ماتەم ھېسابىغا چېچىنى قىرقىپ، يۈزىنى مۇرلايدىكەن. پەقەت پادىشاھنىڭ جەستى كۆيدۈرلمەي تاۋۇتقا سېلىنىپ يىراق دالىلارغا دەپنە قىلىنىدىكەن. ھەمشە ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن قەبرە يېنىغا بۇتخانا سېلىنىدىكەن.»⑧دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ ھەقتە شۈەنجۇاڭمۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربى غۇزلارنىڭ «يۈزىنى ۋە قۇلىقنى تىلىپ، چېچىنى كىسىپ» ئۆلگۈچىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلارنى بەرگەن.⑨يۇقىرىقلاردىن باشقا يەنە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم ئېڭى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھازا ئېچىش ئادەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ جانلىق شاھىدى بولغان مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرىمزدىن ئېنىق كۆرۈپ ئالالايمىز. مەسىلەن،«ئورخون يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»دە: «تۈرك ئۈستىدە (ئولتۇرغان ئاتام) بىلگە قاغان (قازا تاپتى) (؟) ياز بولسا، ئۈستىمىزدىكى (تەڭرى) دۇمبىقى گۈلدۈرلىگەندەك، تاغدىكى بۇغىلار ۋاقىرىغاندەك (ھۆكىرەپ يىغلاپ) ھەسرەت چىكىمەن. ئاتام خاقان تېشنى ئۆزۈم ئورناتتىم»⑩دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ. تۈرك خاقانلىقنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى بولغان«كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى» شىمال تەرەپ10-قۇردا كۆلتېكىنىڭ جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېگىن تەرىپىدىن ئۇيۇلغان مۇنداق بايانلار كۆزىمىزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ: «...كۆلتىگىن بولمىغان بولسا ھەممىڭلار ئۆلگەن بولاتتىڭلار! ئىنىم كۆلتىگىن قازا تاپتى، ئۆزۈم ھەسرەت چەكتىم، كۆرەر كۆزۈم كۆرمەس بولدى. ئەقىل ھوشۇمدىن ئاداشقاندەك بولدۇم. زامان، تەڭرى ياشايدۇ (ئۆلمەيدۇ)، ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن (11) شۇنداق ئويلۇدۇم، كۆزۈمگە ياش كەلسە ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم،كۆڭلۈم بۇزۇلسا ئۆزۈمنى باستىم، مەن چەكسىز ھەسرەتلەندىم، ئىككى شاد ۋە ئىنلىرىم، بالىلىرىم، بەگلىرىم،خەلقىم يىغلاۋېرىپ كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالارمۇ دەپ ئويلۇدۇم. تەزىيە بىلدۈرۈش، ماتەم تۇتۇش ئۈچۈن قىتان ۋە تاتابى خەلقىگە (ۋاكالتەن) (12) ئۇدار سانغۇن كەلدى. تابغاچ خاقانىدىن ئيسى لىكەك كەلدى.» ⑾ ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى قەدىمكى قوشاقلارغا مۇراجئەت قىلىدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىر ىنىڭ كۈچلۈك ماتەم-قايغۇسىنى ھازا قوشاقلىرى ئارقىلىق تۇلىمۇ ئەينەن ۋە تەسرلىك بايان قىلغانلىقنى كۆرۈپ ئالالايمىز. مەسىلەن:                             
«ئاقلار بولىت ئۆرلەپ كۆكىرەپ ،  
ئالقۇقامۇ   قار  ياغررۇر.
ئاق بىر ساچىلىخ قارى ئانام ،
ئاچىيۇمۇ ياشلاردىن ئاقىدۇر.»
يەشمىسى: ئاق بۇلۇتلار ئۆرلەپ ،گۈكىرەپ،        
   ھەر تەرەپكە قار ياغدۇرار .
ئاپئاق چاچلىق قېرى ئانام،
ھەسرەتلىنىپ ياش ئاققۇزار.⑿
مۇتەپەككۇر  ئالىم ۋە شائىر  يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ  ئىلمىي ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك»داستانىدا:                                                            
6292.« بۇنى ئاڭلاپ ئۆگدۈلمىش ھۆكرەپ يىغلىدى
             تولغىنىپ، بىئارام بۇلۇپ، كۆز ياشلىرىنى ئېقتتى.
5029. دۇنيا قاپىغىنى تۈرۈپ، قۇللۇق توننى كىيدى،
ئاسمان شەيتان يۈزىدەك ئۆڭۈپ قارايدى.
6340. ئۆگدۈلمىش بىر نەچچە كۈن ھەسرەت چەكتى،
بۇ قايغۇلىرى ئۆتۈپ، چىرايى ئېچىلدى.»⒀                     
دەپ يېزىپ، ھازا ئېچىش ئادەتلىرى ھەققىدە بىزنى ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. دىمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن ھازا ئېچىش ئادىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۇمۇملاشقانلىقنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ.
2- ھازا قوشاقلىرى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلار
ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى دەۋرلەردە ھايات-ئۆلۈم ھەققىدىكى ساددا چۈشەنچىسى بويىچە ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئازابنى يىنىكلىتىش، ھاياتلىقتىكى ياخشلىقلىرىنى مۇئەييەنلە شتۈرۈش يۈزسىدىن يۇرت-جامائەت جەسەتنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، ساز چېلىپ ناخشا–قوشاقلار  ئارقىلىق مېيىت ئۇزىتىش ئادىتنى  ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا بۇ ئادەتنىڭ كېينكى دەۋرلەردە ماتەم قوشاقلىرى ئارقىلىق مەھرۇمنى ئەسلەش،  سېغىنىش، قايغۇسىنى ئىپادىلەش ۋاسىتىسغا ئايلانغانلىقى ئېنىق. بۇ ھەقتە خۇراساندا ياشىغان ئىرانلىق مەشھۇر تارىخچى مۇھەممەد ئىبن خاۋەند شاھ مىرخۇندى تەرىپىدىن  يېزىلغان يەتتە توملۇق «رەۋزە تۇسىسافا» ناملىق كىتابنىڭ 1-توم 23-بېتىدە:  «قەدىمكى دەۋرىدە  ناخشا-قوشاق ئۆلۈكلەرنىڭ ئازابىنى يەڭگىلىتىدۇ. ئوت بولسا ئۇنىڭ روھىنى ئېلىپ كېتىدۇ دېگەن قاراش بولغاچقا، ئۆلۈكىنى كۆيدۈرۈپ ئۇزىتىش ۋە  ئۇنىڭغا ناخشا،  ئۇسسۇل،  مۇزىكا  بىلەن جۆر بۇلۇش قاتارلىق  ئادەتلەر   تۈركىي  قەبىلىلەردە  ئۇزۇن مەزگىل ساقلانغان»لىقنى قەيىت قىلىدۇ.⒁ 19-ئەسىردە ئۆتكەن تارىخچى ۋە ئەدىب موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمىتۇللا مۆجىزىنىڭ 1854-يىلى يېزىپ قالدۇرغان«تارىخىي مۇسقىيۇن» ناملىق بىئوگرافىك ئەسىرىدە: « (كىشلەردە) ئول زامانلاردا (يافەس ئوغلى تۈرك زاماندا) ئاتا-ئانىسى، بالىلىرى ئۆلگەندە مۇسبەت– ماتەمدە تەمبۇر چېلىپ يىغلاپ، ئۆلگۈچنى كۆيدۈرۋىتىش رەسمىي (ئادىتى) بار ئىدى.»⒂دەپ مەلۇمات بېرىدۇ. يۇقىرىقى يازما تارىخى خاتىرلەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھازا ئېچىپ ئۆلۈم ئۇزىتىش ئادەتىنىڭ يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىلا شەكىللىنىپ، ئالاھىدە قائىدىلەشكەن ئۆرپ-ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بۇلىدۇ. ھازا قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋاپات بولغۇچى بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ھەر خىل بۇلىدۇ. بۇ ھال ھازا قوشاقلىرى مەزمۇننىڭ كۆپ خىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھازا قوشاقلىرى ئادەتتىن تاشقىرى مۇڭلۇق، ئاھاڭدارلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، قايغۇلۇق ھەم تەسرلىك، چوڭقۇر مەزمۇنغا  تۇيۇنغان بۇلۇپ، نەق مەيداندا تۇقۇلۇپ، ئۆزىگە خاس يىغا ئاۋازى بىلەن ئېيتىلىدۇ. يۈرەكنى ئىزدىنىدىغان مۇڭلۇق ھازا قوشاقلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن مىيتىنى ئۇزىتشقا  قاتناشقان ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنا، دوست–بۇرادەرلەر ۋە ئەل-جامائەت كۆزلىرىگە ئىختىيارسىز ياش ئالىدۇ.   
1)خەلق ئىچىدىكى قەھرىمان، باتۇر ۋە تۆھپىكارلارنىڭ ۋاپاتىغا بېغشلانغان ھازا قوشاقلىرى
ئەگەر ۋاپات بولغۇچى سەلتەنەت تەختىدە ھۆكۈم سۈرگەن  باھادىر شاھ،  سەركەردىلەر ياكى قانلىق جەڭلەردە ياۋ بىلەن ئېلىشپ، ئەل-يۇرتنى قوغدىغان  ئەزىمەتلەر بولسا، پۈتۈن يۇرت-مەھەللە  ئۇنىڭ ئېسل خاراكتىر–پەزىلىتىنى، شۇنداقلا مىللەت ۋە خەلققە قوشقان تۆھپە-ئۇتۇقلىرىنى قىزغىن مەدھىيىلەيدۇ. بۇ ھەقتە بىز ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»دا خاتىرلەنگەن مەرسىيەنامىلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ئىرانلىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى جان پىدارلىق بىلەن كۆرەش قىلىپ، ئۆز ئېلنى قوغداش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۇران شاھى ئالپ ئەرتوڭانىڭ ئۆلۈمگە بېغىشلانغان قايغۇلۇق مەرسىيە- نامىلەرنىڭ  (ھازا قوشاقلىرنىڭ) بارلىقنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.                                       
    ئالىپ ئەرتوڭا ئۆلدىمۇ؟
ئەرسىز ئاژۇن قالدىمۇ؟
ئۆزلەك ئۆچىن ئالدىمۇ؟
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر. ⒃
بەگلەر ئاتىن ئارغۇرۇپ،
قازغۇ ئانى تۇرغۇزۇپ.
مەڭزى يۈزى سارغارىپ،
كۆركەم ئاڭار تۇر تۇلۇر.⒄
  (يەشمىسى: خاقان ئەفراسىياپ ئۆلدىمۇ؟ بىۋاپا دۇنيا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدىمۇ؟پەلەك ئۇنىڭدىن ئۆچۈنى ئالدىمۇ؟ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامانغا نەپرەتلىنىپ، يۈرەكلەر پارە-پارە بولماقتا. بەگلەر ئېتنى ھارغۇزدى، قايغۇ ئۇلارنى تۇرغۇزدى، مەڭزى يۈزى سارغايدى، خۇددى زەپىران سۈركەلگەندەك بولدى.)                                                
    يۇقىرىقى قوشاقتا قەھرىمان شەخسلەرگە سېغىنىش، ئۇلارنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلۇقى ۋە ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ھېسياتى ئىنتايىن تەسرلىك ئىپادىلەنگەن بۇلۇپ ، قەبىلە كىشلىرىنىڭ ئالىپ ئەرتۇڭا ۋاپاتىغا بولغان ھەسرەت قايغۇسى خۇددى بەگلەرنىڭ ئېتى ھېرىپ، قايغۇدىن چىرايلىرى زەپىران سۈرتكەندەك سارغىيىپ كەتكەنلىكىگە ئوخشتىپ تەسۋىرلەنسە، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە چوڭقۇر ئېچىنغان ئەرلەرنىڭ قەلبىنى ۋەھىمە لەززىگە سالغانلىقى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:            ،              
ئۇلىشىپ ئەرەك بۆرلەيۇ،
يىرتىپ ياقا ئورلايۇ،
سقرىپ ئۇنى يۇنلايۇ.
سفتاپ كۆزى ئۆرتۈلۈر.⒅
(يەشمىسى: ئەرلەر ئافراسىياپنىڭ ئۆلىمگە ئېچىنىپ بۆرىلەردەك ھوۋلاشىتى، ئاھ
ئۇرۇپ، ياقلىرنى يىرتىشتى؛بەزىدە مۇڭلۇق نەغمىدەك ئۈن سېلىپ،پەرياد چىكىشىتى،)  
ئازادلىقتىن ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جاھالەتلىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ رەھمسىزلىكى، فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلۇمى تۈپەيلىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئېغىر كۈلپەت، خورلۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بۇلۇپمۇ خوتەن خەلقىنىڭ فېئودال تۈزۈمگە ۋە ئىستىبىدات مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى كۈرەشكە  ئاتلىنىپ مىللەت ۋە خەلق تەقدىرى ئۈچۈن ئۆز ھاياتنى تەغدىم قىلغان  قەھرىمان شەخس ئابدۇراخمان خان خوجا ھەققىدە خەلق تۆۋەندىكىدەك قايغۇلۇق مەرسىيە قوشاقلىرىنى تۇقۇغان:
ئىگىز چىنار يىقىلدى،
گۈلدۈرماما چېقىلدى.
نالە-پەريات ئۈستىگە،
قايغۇ-ماتەم قېتىلدى.
غازات قىلغان باتۇرنىڭ،
ئىڭەكلىرى چىتىلدى.
ھەر يۈرەكتىن غەزەپنىڭ،
ۋولقانلىرى ئېتىلدى.⒆
ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ خېلى كۆپچىلىكىدە  ئەكسيەتچىل ھۆكۈمرانلىقنىڭ قاتمۇ-قات مىللي، سىنىپى زۇلۇمىغا قارشى كۆرەشكە ئاتلانغان، خەلق ئىچىدە زور تەسىرىگە ۋە يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە مۆتىۋەر زات  ياكى قەھرىمان تارىخىي شەخسلەرنىڭ    قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇق نەتىجىلىرى بايان قىلنغان مەرسىيەنامىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن قەھرىمان تارىخىي ئابدۇراخمان خان غوجانىڭ شەنىگە بېغىشلانغان يۇقىرىقى مەرسىيەنامىدىن باشقا يەنە20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان پەرزەنتى سىيىت نوچى ۋە تۆمۈر خەلىپە توغرىسىدىكى مەرسىيە نامىلەر داستان تۈسىنى ئالغان بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئۆزىگە خاس ئاھاڭ بىلەن خەلق ئارسىدا ئېيتىلىپ كەلمەكتە.
2) ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپچى بولغان ئىجتىمائىي كۈچلەر، سىياسى موھىت ۋە تەبىئىي ئاپەت  قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان ھازا قوشاقلىرى
بۇ خىل ھازا قوشاقلىرىدا ئۆتمۈش كونا جەمئىيەتتە سىياسىي كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىككە  ئۇچرىغان  ئىلغار ئىدىيدىكى مەرىپەتپەرۋەر  زاتلارنىڭ ئۆزىنى بېغشلاش تۆھپە قۇشۇش، روھى بايان قىلىنغان ياكى ئادەتتىكى ئاددىي شەخسلەرنىڭ ۋاپاتىغا سەۋەب بولغان فېئوداللىق تۈزۈم ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئاساسىي ئوروندا تۇرغان. مەسىلەن: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى ئابدۇقادىر داموللام سۈيىقەستچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندە  ئۇنىڭ قولىدا  تەلىم  ئېلىۋاتقان  تالىپلىرى قوللىرىغا ھاسا تۇتۇپ، تۇماقلىرىنى تەتۈر كىيىپ «ئاھ ئىسىت»،«ۋادەرىخا» دەپ ئۇستازىدىن ئايرىلىش ئازابلىرىنى بەدىئىي تۈستە جانلىق، تەسرلىك، مەرسىيە نامىلار ئارقىلىق ئىزھار قىلىنغان.
ئېتىڭ بەكمۇ چىرايلىق،
ئابدۇقادىر     ئەمەسمۇ؟      
خەلقىمىزگە يول باشلاپ،
ئۆمرۈڭ ئۆتكەن ئەمەسمۇ؟
....................
ئاي تۇتۇلماس، دەپتىمىز،
كۈن تۇتۇلماس، دەپتىمىز.
داموللامغا دەيۈزلەر،
قەست قىلالماس، دەپتىمىز.⒇
................
كونا جەمئىيتە خوتەن كىرىيىلىك سەلىمەم دىگەن يىتىم قىزىنى بايلارنىڭ باللىرى ئۆز نەپسانىيتى ئۈچۈن تاللىشىپ، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرگەندە ئادالەتسىز فېئوداللىق قانۇن بىگۈناھ قىزنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن سەلىمەمنىڭ بىچارە ئانىسى قىزنىڭ جىنازىسى ئالدىدا نالە قىلىپ مۇنداق قوشاقلارنى توقۇغان.
سېنى ئاسقان ئېگىز دار
ئۆرۈلمىدى قېپ قالدى،
تەڭشەلمىگەن بۇ جاھان،
چۆرۈلمىدى قېپ قالدى.
ئاھ ھەسرىتا، ۋاھ ھەسرەت.
بىزگە كەلگەن بۇ قىسمەت(21)
.............
ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، يۇقىرىقى مەرسىيەنامىدە يېتىم قىز سەلىمەمنىڭ فېئودال-بايلار تەرىپىدىن بىھودە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بىچارە ئانىنىڭ قىزنى سېغىنىش،  ئۇنىڭ  ئۆلۈمگە ئېچىنىش، قايغۇرۇش ھېسياتى ئىپادە قىلىنغان.خەلقمىز ئارسىغا كەڭ تارقالغان«ئامىنەم» ناملىق قوشاقتا بولسا:
ئامىنەممۇ-ئامىنەم،  
لايغا پاتقان ئامىنەم.      
ئاناڭ يىغلاپ دەردىڭدە،
قوشاق قاتقان ئامىنەم.
....................
ھوشسىز بولۇپ يىقىلدىڭ ،
كۆز ئالدىمدا ئامىنەم.
سەلەپ سۇدا ئاققىنىڭ.
بار يادىمدا ئامىنەم.
كەچمىشلىرىڭ بولسۇن ئايان(22)
......................
يۇقىرىقى قوشاق ئازادلىقتىن بۇرۇنقى بىر قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىدە، ئاپەتكە ئۇچراپ، قازا قىلغان ئامىنەمنىڭ ئانىسى تەرىپىدىن تۇقۇلغان مەرسىيە قوشىقى بۇلۇپ، بۇ قوشاقتا ئانىسىنىڭ قەلبىدىكى ھەسرەت-پىغان كۈچلۈك ئازاب ئىچىدە يۇرۇتۇپ بېرىلگەن.
3) ئاتا-ئانىلارغا بېغىشلانغان ھازا قوشاقلىرى
ئاتا-ئانىلار ئائىلە باغچىسنىڭ باغۋىنى، ئىنسانىيەت ئالىمنىڭ نۇرلۇق قۇياشى، مېھر-مۇھەببەتنىڭ پۈتمەس-تۈگمەس بۇلىقى. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە سىڭدۈرگەن بىھېساب ئەجر-مېھنىتى، تۆلىگەن بەدەللىرىنڭ قىممىتىنى مال-دۇنيا بىلەن ئۆلچەپ بەرگىلى، تىل بىلەن تەرىپلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قىلىش ئۇلار ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى ئىنساننىڭ ئارزۇ ۋە ئىرادىسىگە باقمايدۇ. شۇڭا  ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى- مېھنىتىنى ۋە ئۇلاردىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى مۈشكۈلاتلىرىنى، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلالمىغانلىقىدەك پۇشايمان، ئۆكۈنۈشلىرىنى قوشاقلارغا قىتىپ ھازا ئېچىش ئارقىلىق  باشقىلارغا  ئاتا-ئانىلارنىڭ  قەدرىگە يېتىشكە بىشارەت بېرىدۇ. مەسىلەن:
ئاھ باغرى يۇمشاق، ئانام ،
ئۆزىڭىز ئاچ توق يۈرۈپ ،
بىزنى توق باققان ئانام ،
ئۆزىڭىز ھۆل يەردە يېتىپ،
بىزنى قۇرۇقداپ باققان ئانام ...!
ئۇلۇغ-ئۇلۇغ كەلگەن سۇ ،
ئاقىدۇ تارام- تارام .
كۆز يېشىم دەريا بولدى ،
نەگە كەتتىڭىز ئانام ؟ (23)
..............
3) پەرزەنتلەرگە بېغىشلانغان ھازا قوشاقلىرى         
پەرزەنت ئائىلنىڭ شادلىقى ۋە بەختى. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمىدى، كەلگۈسى، يۈرەك پارىسى، شۇنداق بولغاچقىمۇ ئىنسانىيەت جەمئىيتىدە ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت مۇناسۋىتىدەك يېقىن مۇناسىۋەت بولمايدۇ. پەرزەنىتلەر يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپلا ئاتا-ئانىلار پەرزەنت ئۈچۈن ياشايدۇ. پۈتۈن ئارزۇ-ئارمانلىرى پەرزەنت ئۈچۈن بۇلىدۇ. ناۋادا ئەنە شۇ نارەسىدىلەر تەبئىي ئاپەتلەر ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەختىسزلىككە ئۇچرىسا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىق جۇدالىق ھەسرەتلىرىنى، ئارزۇ -ئۈمىدلىرىنى كۈچلۈك ئازابلىق ھېسيات ئىچىدە  ئوبرازلىق بايان قىلىدۇ،
يۈرىكىمنىڭ پارىسى بالام
ھاياتىمنىڭ پانۇسى بالام
ئېچىلماستىن توزىدىڭ غۇنچە ،
ئاناڭ قانداق قىلغۇسى بالام.
......................
پىراقىڭدا جان قوزام
ئاتاڭ تىنماي ئاھ ئۇرار
ئاخىرەتتە خۇدايىم
مۇرادىڭىغا قاندۇرار. (24)
   نەق مەيداندا تۇقۇلغان، يۈرەكنى ئىزدىغان بۇنداق ھازا قوشاقلىرى ئۈزۈلمەي بىر قانچە كۈن ھەتتا قىرىق نەزىرىسىگچە داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن مەھرۇمنىڭ
ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئەل-جامائەت ئېغىر مۇسبەت تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدۇ.               
4) قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققانلارغا بېغىشلانغان ھازا قوشاقلىرى
قان-قېرىنداش،ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارانلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ئازاب. شۇڭلاشقا خەلقىمىز ۋاقتىسىز ئايرىلغان قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققانلارنى سېغنىش، ئەسلەش ۋە ھىجران ئازابلىرىنى يىغا-زارە شەكلىدە كونكرىت ۋە تەسرلىك بايان قىلشنى ئۇمۇمىي ئادەتكە ئايلاندۇرغان.
دەل-دەرەخ قۇرۇپ كەتسە قايتا سالغىلى بولار قېرىندىشىم!
كىچىك بالا ئۆلۈپ كەتسە يەنە تۇغۇلار قېرىندىشىم!
ۋاي ئاكا(ئاچا)جانجىگەر قېرىندىشىم!
سىز كەتتىڭىز ئۇ ئالەمگە، نەدىن تاپىمەن قېرىندىشىم!(25)
   يۇقىرىقى ھازا قوشاقلىرىدا ئۇمۇمەن مەھرۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ياخشى خاراكتېر، خسلەت-پەزىلەتلىرى، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا بولغان چەكسىز قايغۇ-ئەلەم، ئېچىنش ھېسياتى، شۇنداقلا مەھرۇمدىن ئايرىلىپ قېلىش تۈپەيلىدىن ئۆزلىرى ئۇچرايدىغان قىينچىلقلىرى ئىخچام بايان قىلىنغان.
3- ھازا ئېچىشقا ئائىت پەرھىزلىك ئادەتلەر
ئۇيغۇرلاردا بىر ئائىلىدە ئاتا-ئانا، بىرەر پەرزەنت، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم- قېرىنداش، ياكى يار–بۇرادەرلىرى قازا قىلسا، شۇ ئائىلنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مېيتىنى ئۇزىتىشتىكى بارلىق تەييارلىقلارنى تەرتىپلىك ئورونلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مەھرۇمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا قاتتىق قايغۇرىدۇ. ئۆلگۈچىدىن ئايرىلششقا قىيالماسلىق، ئۇنى سېغىنىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسنى ئىزھار قىلىشىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ ھازا ئاچىدۇ. بىراق ھازا ئېچىشتا ئالدى بىلەن ئۆلۈمنىڭ ۋاقىتىغا قارايدۇ. ئەگەر مەھرۇم ئەتىگەندە ياكى چۈشتە قازا قىلغان بولسا، ئۆلۈم بولغانلىق خەۋىرىنى دەرھال يىراق-يىغىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلەرگە يەتكۈزىدۇ. ھازىدارلار قۇلۇم–قوشنا، مەھەللىدىكىلەرگە ئايرىم خەۋەر قىلماي، ھەممەيلەن ھويلىغا چىقىپ يىغا-زارە قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر ماتەم-قايغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان قوشنلار شۇ ھامان ئۆلۈم بولغانلىقدىن خەۋەر تېپىپ ئۆز ئىختيارلىقى بىلەن پەتىگە كىرىشكە باشلايدۇ. ئەگەر مەرھۇم كەچقۇرۇن ياكى يېرىم كېچىدە قازا قىلغان بولسا، ھازىدارلار كېچنى-كېچە دېمەي  يىراق-يېقىندىكى ئۇرۇق- تۇغقانلارغا ۋە مەھەللە-يۇرتتكى جامائەتكە  قايغۇلۇق ئاۋازدا خەۋەر يەتكۈزىدۇ. ئاندىن ئايال ھازىدارلار چوڭراق بىر ئۆيگە ياكى ھويلىغا يىغلىپ، قارىلىق كىيملىرى بىلەن قاتار ئولتۇرۇشوپ، قايغۇلۇق ئاھاڭدا تەسرلىك قوشاقلارنى قېتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئازابلىق ھېسياتنى بايان قىلشىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ھازىدارلار ۋە مەھرۇمنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مەھرۇمغا بولغان چوڭقۇر قايغۇسنى ۋە ھۆرمەت ھېسياتنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ياش پەرقى ۋە مەلۇم تەرتىپ بويىچە ئىشىك ئالدىدا ياكى ھويلىدا قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ، پەتىگە كېلىۋاتقانلارنى يىراقتىن كۆرۈپلا  قوشاق قېتىپ يىغلاپ ھازا ئېچىشقا باشلايدۇ. بىرەر يېقىن كىشنىڭ قارىلىق كىيمى كېيىپ ھازىدارلار بىلەن يىغلاپ كۆرۈشىشى بىلەن ھازا ئېچىش باشلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سورون كەيپىياتى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.  قوشاق قېتىپ ھازا ئېچىش مېيتىنى دەپنە قىلشقا ئېلىپ ماڭغاندا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا يىغا-زارسىز ئۆلۈم ئۇزىتىشنىڭ قىزىقى بولىمغان تويغا ئوخشىتىلىشى بىر خىل ئۇمۇمىي كەيپىيات تۈسىنى ئالغان بۇلۇپ، ئۆلۈم–يېتىم، نەزىر-چىراقلاردا مەھرۇمغا «ھۆ تارتىپ يىغلىمىغانلار كۆيۈمى يوق،باغرى تاش»دەپ قارىلىپ ئەيبلىنىدۇ. شۇڭا خەلقمىز ئارىسىدا«توينىڭ يارشىقى نەغمە-ناۋا، ئۆلۈمنىڭ يارشغى يىغا-زارە» ،«تىرىكنىڭ ھۆرمىتى، ئۆلۈكنىڭ ئىززىتى» دېگەن ماقال تەمسىللەر كەڭ تارقالغان.
شەرىئەتتە مېيتنى يەرلىككە قۇيۇشقا پەقەت ئەرلەرنىڭلا بېرىشى مۇۋاپىق ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن، شۇ سەۋەبلىك ياش قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر ياكى مەھرۇمنىڭ يېقىنلىرى مېيىتنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، جىنازىنى بەس–بەس بىلەن كۆتۈرۈپ قەبرىستانلىققا ئېلىپ ماڭىدۇ. ھازىدارلاردىن بىر نەچچە كىشى(ئاساسەن ئەرلەر ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن قىزلار) تاۋۇتنىڭ  ئالدىدا :« ۋاي دادام (ۋاي ئانام)...»دەپ  يىغلاپ مېڭىش شەكلى بىلەن ئۆلگۈچى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدۇ. يولدا كىتىۋاتقان كىشلەر جىنازا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرگەندە مىڭىشتىن توختاپ، مەھرۇمنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت بۇلۇشنى تىلەپ ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا  قىلىدۇ. ئولتۇرغانلار ئۆرە تۇرۇپ خوشلىشىدۇ.
ئۆلۈم-ئىنسان ھاياتلىقىدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ھەم ۋەھىمىلىك تەشۋىشنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەر يىراق قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپلا ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق سىگىنالغا ئالاھىدە ئىتبار بىلەن قارىغان. گەرچە قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئۆلۈمنىڭ مۇقەررەر تەبئىي ھادىسە ئىكەنلىكنى تۇنۇپ يەتكەن بولسمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى يېڭىشكە ئۇرۇنغان، ئۆلۈم ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى كۆچمە مەنىدە ياكى يوشۇرۇن مەنىلىك سۆز-ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار ئۆلۈم خەۋىرىنى باشقىلارغا  بولۇپمۇ  يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارغا، ئېغىر كېسەل بولۇپ يىتىپ قالغانلارغا تۇيۇقسىز يەتكۈزىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. 40كۈنگىچە ئۆلۈم بولغان ئۆينىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلمەيدۇ. 40-كۈنى جامائەتكە نەزىر بېرىپ ئەرلەر ساقاللىرىنى ئالدۇرىدۇ، ئاياللار چاچلىرىنى يۇيۇپ، تارايدۇ، چۈنكى، مۇشۇ قىرىق كۈن ئىچىدە ساقال ئېلىش،چاچ تاراش،رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىش، نەغمە-ناۋا، كۈلكە-چاقچاق بار يەردە تۇرۇشتىن ساقلىنىدۇ.بۇ ئۆلگۈچىگە ئېچىنىشنىڭ بەلگىسى سانىلىدۇ، ئەكسچە بولغاندىكەن مەھرۇمغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ياكى شۇ كىشنى كۆزگە ئىلمغانلىق بۇلىدۇ.
ئۇيغۇرلار «ئۆلۈمدىن قاتتىق كۈن يوق» دەپ قاراپ، ھازىدارلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن بەختىسىزلىك، قايغۇ-ئەلەملىرىگە تەسەللي بېرىشنى زۆرۈر مەجبۇرىيەت ھېسابلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىراق-يېقىندىن كەلگەن پەتىچلەر، ئەتراپتكى قۇلۇم-قوشنىلار ھازىدارلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشپ كۆرۈشۈپ، مۈرىلىرىنى تۇتۇپ، قۇچاقلاپ «ھەممىزنىڭ بېشىدا بار كۈنلەر»، «قازاغا رىزا، سەۋر قىلسلا...» دەپ، ئۇلارنىڭ قايغۇلۇق كەيپىياتنى پەسەيتىپ، ئەسلىدىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە كىرىشپ كېتىشكە مەدەت بېرىدۇ.بىراق مۇسبەتكە كەلگەن پەتىچىلەر ھازىدارلارنىڭ يېنىدا ئۇزاق ئولتۇرۋېلىپ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقىلىنىدۇ.
ئادەتتە ئۈچ نەزىرسى تۈگمىگۈچە (بەزى ئائىلىلەردە يەتتە نەزىرىسى تۈگمىگۈچە) ئۆلۈم بولغان ئۆيدە  تازلىق قىلىش، تاماق ئېتىش پەرھىز قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ  40 كۈنگىچە شۇ ئۆيدە لەغمەن ئېتىش قاتتىق چەكلنىدۇ. چۈنكى خەلق ئارىسىدا «40 كۈن ئىچىدە شۇ ئۆيدە لەغمەن ئېتىلسە، كۆڭۈلسىز ئىشلارمۇ لەغمەندەك ئۇزىراپ كېتىدۇ.» دېگەندەك خۇراپىي كۆز قاراشلار مەۋجۇت. شۇ سەۋەبلىك  ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن قۇلۇم-قوشنا ۋە دوست-بۇرادەرلەر يەتتە نەزىرگىچە ئۆز ئۆيدە تاماق ئېتىپ كېلىپ، شارائىتنىڭ يار بېرىشچە ھازىدارلاردىن ھال ئەھۋال سوراپ تۇرىدۇ.
دىمەك،خەلقىمىز ھازىدارلارنى يوقلاش، بىر-بىرىنى قوللاش، بىر–بىرىگە يار-يۆلەك بۇلۇش ئارقىلىق ئۆم-ئىناقلقنى، ئۇيۇشۇشچانلىقنى ھاياتلىققا قىلبنامە قىلىپ، ياخشى كۈنلەردىلا ئەمەس، بەلكى مۇسبەت كەلگەن ئېغىر كۈنلەردىمۇ بىر-بىرىنىڭ قايغۇسىغا يىغلايدىغان، شادلىقىغا ئورتاقلىشالايدىغان، غەمكىن كۆڭۈللىرىگە تەسەللىي بېرىپ، مۇسبەتكە سەۋر-تاقەت قىلىشقا ئۈندەيدىغان بىر قاتار ئېسل ئادەت-ئەنئەنىلەرنى يىتىلدۈرگەن. شۇڭا خەلق ئارىسدا: «ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ»، «ئۆلمىگەنگە سۆز چۆچەك، ئۆلگەنگە ماتەم»، «ئۆلۈككە يىغلا،تىرىكنى ئاسرا»،«ئۆلگەندە يىغلىغۇچە، ئۆلمەستە سەۋر قىل.» دېگەندەك ماقال- تەمسىللەر كەڭ ئۇمۇملاشقان.
4. ھازا ئېچىش ئادىتنىڭ بۈگۈنكى ئۆزگىرىش ھالەتلىرى                     
ھەممىزگە مەلۇم، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوخشمىغان تارىخى دەۋرلەردە ئىپتىدائىي دىنلارغا (تەبئەت ئىتىقادچىلىقى، تۇتېم ئىتىقادچىلىقى)،  شامان دىنى، زوروئاسستىر دىنى، نىستۇرىيان دىنى، بۇددا دىنى، مانىي دىنى، خرستيان دىنى ۋە ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغان. بۇ دىنلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، تەرەققىي قىلىپ، ھازا ئېچىش ئادەتلىرىگە زور تەسرلەرنى كۆرسەتكەن. بۇلۇپمۇ ئىپتىدائىي دەۋرلەردە كىشلەرنىڭ ئېڭىدا ھايات-ئۆلۈم قارشىنى چۈشىنىشى قىيىن بولغان. شۇڭا «ئۆلۈم»نىڭ ۋەھملىك، سىرلىقلىق ئالامەتلىرىنى ساددا ئانىمزىلىق   قاراشلارغا مۇجەسسەملىگەن، يەنى، ئادەم ئۆلسە چىرىيدىغىنى تەن، قايتا تىرىلىپ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغىنى روھ ، تەن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ دۇنيادا ئادەم قايتا تىرىلىپ، روھىي ئەبەدىي ياشايدۇ. ئەۋلادلىرىنىڭ ھەرىكتىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.  ئۇلارنىڭ روھىي ئەۋلادلىرى ياخشى ئىشلارنى قىلسا ئۇلارنى يۆلەيدۇ، يامان ئىشلارنى قىلسا ئۇلارنى «ئۇرىدۇ» ياكى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ شۇ خىل قىلمىشلىرىدىن«روھىي قۇرىندۇ» دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقان. شۇ ۋەجىدىن كىشلەر ئۆلۈم بولغاندا ئەجدادلارنىڭ روھىي قۇرۇنمىسۇن دەپ مەھرۇمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا يۈزلىرىنى تىلىپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ، قۇلاقلىرىنى كېسىپ، قان چىقىرىپ، ھۆكرەپ يىغا- زارە قىلىش، چاپاننى تەتۈر كېيىپ، ھاسا ياكى تاياق تۇتۇپ ھازا قۇشاقلىرىنى ئېيتىپ ئۆز قايغۇسىنى ئىپادىلەش ئادىتى بولغان. ئىسلامىيەتتىن كېيىن يۇقىرىقى ھازا ئېچىش ئەنئەنىلىرى قىسمەن ئۆزگىرىپ،ئىسلام يېپنىچىسى ئاستىدا مۇئەييەن دەرىجىدە ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن، ئازادلقتىن ئىلگىرى قۇشاق قېتىپ، ھازا ئاچىدىغان يېشى بىر قەدەر چوڭ «ھازىچى ئاياللار»بولغان. ئەگەر شۇ يۇرتتا بىرەر كىشى قازا قىلسا ئۇنىڭ پەرزەنىتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ئالدى بىلەن ئەنە شۇ ھازىچى ئاياللارنى تەكلىپ قىلغان. ھازىچى ئاياللار  مۇسبەت بولغان ئۆيگە دەرھال يىتىپ كېلىپ،  ئۇزۇن توننى تەتۈر كېيىپ، بىر قوللىرىغا ھاسا (تاياق) تۇتۇپ، ئۆلگۈچنىڭ شەنىگە بېغشلانغان ھازا قوشاقلىرىنى ئۆزىگە ئاھاڭدا ئېيتپ. ئۆلۈم ئۇزىتىشقا  قاتناشىقانلىقى مەلۇمدۇر.
    ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھازا ئېچىش ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەپنە ـ مۇراسىملىرىدا ئۇزاق ئەسرلەر داۋام قىلغان قۇيۇق مىللىي تۈس ئالغان فولكلورلۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئادەت ئەجدادلارنىڭ ئىپتدائىي دەۋرلەردىن تارتىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان ئۆلۈمگە ئىتبار بىلەن قارىشنىڭ ،تەن ۋە روھ چۈشەنچسىنىڭ بەدىئىي مەھسۇلدۇر. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، شەھەرلىشش دولقۇنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھازا ئىچىپ ئۆلۈم ئۇزىتىش ئادىتنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، دائىرىسى مەلۇم دەرىجىدە تارايغان بولسىسمۇ، لېكىن خەلقمىزنىڭ «ئادەم ھايات چېغىدا ھۆرمەتكە ئېرىشش، ئۆلگەندە ئىززىتنى قىلىپ ئۇزىتىش كېرەك»،«ئۆلۈم يىغىسى بىلەن توي كۈلكىسى بىلەن» دېگەن ئەقىدە-چۈشەنچلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە  مەھرۇمغا ھازا ئېچىش ئادىتى تاكى بۈگۈنگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى، ھازا ئېچىش مەيلى قايسى شەكىللەردە ئىپادىلىشتىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭدا ھازىدارلارنىڭ مەھرۇمنى سېغىنش، ياد ئېتىش، ئۇنىڭغا بولغان يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ۋاپادارلىقنى ئىپادىلەش، ئۆزلىرىنىڭ بۈنىڭدىن كېينكى قىسقا ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ياخشى ئويلىنىشتا بەلگىلىك ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە بۇلۇپلا قالماي،يەنە ھازا ئېچىش ۋاپات بولغۇچىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇلىرىنى ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايات-ئۆلۈم ھەققىدىكى ئەڭ ساددا روھىيەت قاراشلىرىنى، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ قەدىرلەشكە، داۋاملاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئېسل ئەنئەنىمىز. شۇڭا بۇ تېما ھەقىقىدە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلشقا ۋە تەتقىق قىلشقا توغرا كېلىدۇ.
--------------------------------------------
ئىزاھاتلار:
①ھەمدۇللا ئابدۇراخمان، ئەسقەر ئابدۇقادىر، ئابدۇزاھىر تاھىر «ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001. يىل5. ئاي1.نەشرى 615.بەت
②ئابدۇكېرىم راخمان: «ئۇيغۇر فولكلوردىن ئۇمۇمىي بايان»،شىنجاڭ ئۇنىۋسىتېتى نەشىرىياتى1991.يىل نەشرى. 391.بەت
③④⑥⑦سەي خۇڭشېڭ: «تاڭ دەۋرىدىكى توققۇز غۇزلار ۋە تۈرك مەدەنىيتى»( قۇربان تۇران تەرجىمە قىلغان) ،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى.2008. يىل1.نەشىرى، 47-،48-بەتلەر
⑤ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:«ئورخون ئۇيغۇر خانلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2005.يىل 11.ئاي 1.نەشىرى 378-بەت
⑧ئەخمەد سۇلايمان قۇتلۇق:« يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» ،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2010.يىل 10.ئاي1. نەشرى64-بەت.
⑨⑩تۇرسۇن ھۇشۇر ئىدىقۇتى:« قەدىمكى زامانىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «يۈزىنى تىلش ئۆرپ-ئادىتى توغرىسدا»،«شىنجاڭ پىداگۇكىكا ئۇنىۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2002. يىل2.سان. 74-،75-بەت
⑾مىھراي مەمتېلى: «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر دەپنە مۇراسملىرىدىكى يۈزىنى تىلىپ ھازا تۇتۇش ئادىتى توغرسىدا »، «مىراس»ژۇرنىلى، 1995.يىل 4.سان،40-بەت
⑿ئىسمايىل تۆمۈرى:‹‹ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيتى››،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1998.يىل12. ئاي نەشرى.87-بەت
⒀يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇبىلىك» (نەسىرىي يەشمىسى) مىللەتلەر نەشىرىياتى، بېيجىڭ، 1991. يىل11. ئاي1.نەشرى.887-،717-،895-بەتلەر
⒁⒂ ئاينۇرە دولات: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم پەرھىزى توغرسىدا»،«شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 2004.يىللىق4.سان.61-بەت  
⒃⒄⒅بايمەتھاجى راخمان:« ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىكى ئەدەبىي مىراسلار »،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998.
يىل4.ئاي 1.نەشىرى 43-،44-بەت
⒆مەخمۇد زەيدى، نىياز مەخمۇت، ئۆمەر سايىم قاتارلىقلار توپلاپ رەتلىگەن: «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» ‹6 › ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984.يىل8-ئاي1.نەشىرى 68-بەت
⒇«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى»تەھرىر ھەيئىتى نەشىرگە تەييارلىغان،«ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» (1) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2006.يىل 2.ئاي نەشرى،46-بەت.
(21) ئابدۇكېرىم راخمان: «ئۇيغۇر فولكلوردىن ئۇمۇمىي بايان»،شىنجاڭ ئۇنىۋسىتېتى نەشىرىياتى1991.يىل نەشرى.408.بەت
(22) سەلەي قاسىم نەشىرگە تەييارلىغان:«ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى(4)، شنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1983.يىل 1.ئاي نەشرى، 84-85-بەت.
(25) (24) (23) ئابدۇللا سۇلايمان: «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتوسۈرەت نەشرىياتى، ئىلكترون ئۈن-سىن نەشىرىياتى2011-يىل8-ئاي 1- نەشىرى 548-بەت  
---------------------------------------------
پايدىلانغان ماتىرىياللار:                                                            
⑴ئابدۇكېرىم راخمان: «ئۇيغۇر فولكلوردىن ئۇمۇمىي بايان»،شىنجاڭ ئۇنىۋسىتېتى نەشىرىياتى 1991-يىل نەشرى.                                         
⑵ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا:«ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993- يىلى 4-ئاي نەشرى.319-بەت                                                               
⑶ئەنۋەر سەمەد قورغان: «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2007- يىلى 12- ئاي نەشرى331-بەت                                                               
⑷ئابدۇكېرىم راخمان،رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، شېرىپ خۇشتار قاتارلىقلار تۈزگەن: «ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى»، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى،1996- يىل 8-ئاي نەشىرى.
⑸ئابدۇللا سۇلايمان: «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» (ئۆرپ-ئادەتلەر) ، شىنجاڭ گۈزەل- سەنئەت فوتو-سۈرەت نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئىلكترون ئۈن-سىن نەشىرىياتى، 2008- يىلى 8-ئاي 1- نەشىرى


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-2 11:55:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنسۇرجان تۇرسۇن دېسە يوغانلا بىر ئادەممىكىن دەيتتىم، يازمىلىرى ئوقۇپ. كىچىكلا بىر بالىكەنغۇ.
سىزگە مۇبارەك بولسۇن ئۇكام. سىزنى مۇشۇنداق قەلبى ئويغان تەربىيىلىگەن ئاتا - ئانىڭىزغا سىزنىڭ ئۇتۇقلىرىڭىزنى كۆرۈش مەڭگۈ نىسىب بولسۇن.

ۋاقتى: 2013-8-2 12:06:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ ئىلىم تەتقىقات يولىدا تېخىمۇ تىرىشىپ،باشقىلار بايقاپ بولالمىغان ساھەلەرگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ،مول نەتىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2013-8-2 12:32:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


      سىزگە زور شان-شەرەپ ۋە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!
      ئىلمىي تەتقىقات ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدا تېخىمۇ ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزە قىلىشقا... توغرا كېلىدۇ.

ۋاقتى: 2013-8-2 13:15:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغۇسى!چۈنكى ئۇ تولىمۇ سەمىمى، تىرىشچان يىگىت.
ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىش،ئەجرىگىمۇ ھۆرمىتىم ۋە  قايىللىقىم بار. ھارمىغايسىز.

ۋاقتى: 2013-8-2 13:16:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلىم سەپىرىڭىزگە نۇسرەتلەر تىلەيمەن ئىنىم! شىجائىتىڭىز تېخىمۇ زور بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-8-2 13:34:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز مەنسۇرجاننىڭ ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىگە يەنىمۇ زور نۇسرەتلەر يار بولغاي.

ۋاقتى: 2013-8-2 13:35:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال مەنسۇرجانغا مەدەتلەر يار بولسۇن. ئاندىن مەندەك ھورۇن، لايغەزەل كىشىلەرگە ئۆزى ھەققىدە سىلىشتۇرما ئويلىنىش يار بولسۇن. ل.مۇتەللىپ... لەرنىڭ يىشىغا يىتىپمۇ ئۇلار چىققان چوققىغا شەپكىمىز چۈشۈپ قالغۇدەك ھالدا قاراپ بىزىرىپ تۇرۇش- ئەلۋەتتە نۇمۇسلۇق ئىش.  ئۆزىمىزنى زەرەتلەپ تۇرايلى كەسىپداشلار!

ۋاقتى: 2013-8-2 13:36:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمى قىممەتكە ئىگە ئىجادى ئەمگىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم. سىزدەك بىر ياشنىڭ تەتقىقات،ئىزدىنىش روھىدىن تەسىرلەنمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك. ئەدەبىياتىمىز، تارىخىمىز،مەدىنىيىتىمىز دىن ئىبارەت تەگسىز ئوكيان سىلەردەك ياش،ئىجتىھاتلىق غەۋۋاسلىرىمىزنىڭ شۇڭغۇپ كىرىشىگە مۇھتاج...تېخىمۇ تىرىشىڭ...

ۋاقتى: 2013-8-2 13:44:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇ سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

mesnewiy بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2013-8-2 15:41:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-8-2 16:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇلغىنىدىن شۇنداق سۆيۈندۈم. ئۇنىڭ قولغا كەلگەن كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ياشلارغا ئۈلگە بولالايدۇ دەپ قارايمەن. ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزۈش ماقالىسىنى باشقىلارغا يازدۇرىدىغان كۈنگە قېلىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە ئىلمىي ژۇرناللاردا 10 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىش ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس. بۇنى ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قەلەمكەشلەر ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدۇ. ئىلمىي ماقالە بىرەر كېچە ئولتۇرۇپلا 5-10 پارچە يازغىلى بولىدىغان شېئىر ياكى نەسىر ئەمەس. (بۇنداق دېگەنلىكىم شېئىر ۋە نەسىرنى كەمسىتكەنلىكىم ئەمەس، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئورنى بار).  ئىلمىي ماقالە قانداقتۇر بىرەر ھاياجاننىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان پروزا ئەسەرلىرى ھەم ئەمەس. بىر پارچە ئىلمىي ماقالىگە كۆپىنچە نەچچە ئايلىق ئەقلىي ئەمگەك ۋە مەنىۋى جۇغلانما سىڭگەن بولىدۇ. شۇنداقلا، ئىلمىي ماقالە تىل- ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TANGRIKUT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-2 16:40  


ۋاقتى: 2013-8-2 16:32:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنسۇرجان تۇرسۇندەك ياش تەتقىقاتچىلار قانچە كۆپىيىدىكەن، ئەلبەتتە بۇنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئۈچۈن پايدىسى تولىمۇ زور. مەن مەنسۇرجان تۇرسۇن، ئىمىن تاجى تۈرگۈن، ئابدۇمىجىت مۇھەممەت، ئابدۇغېنى ئوسمان، ئابدۇسالام مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن. شۇنداقلا،  بۇ ياشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ، ياش تەتقىقاتچىلار قوشۇنىنىڭ شەكىللىنىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TANGRIKUT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-2 16:42  


ۋاقتى: 2013-8-2 17:09:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئىنىم، مۇندىن كىيىنكى تەتقىقات ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇغلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-8-2 17:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تېرىشىڭ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش