ئىگىسى: abdurexit eli

ئىزدىنىش،تەتقىقات سەپىرىدىكى مەنسۇرجان(35)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-8-2 22:07:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنىمىزنىڭ ماقالىلىرىدىن ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزغا كۈچ بېرەلىگۈدەك دېگەن قاراشقا كەلدىم ۋە شۇنداق بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ئىزدىنىش ۋە مۇۋاپىقىيەت يار بولسۇن، ئىنىم!

ۋاقتى: 2013-8-2 22:36:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   «ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا» ، دەپتىكەن ئەجداتلىرىمىز؛ مەنسۇرجاننىڭ ئىزدىنىشلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەتىجە ھەم ئەڭ ياخشى ئۈنۈمنىڭ يار بۇلىشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2013-8-3 00:28:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمىي تەتقىقات ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئوخشىمايدۇ، دېمەكچى مەنكى ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق جاپا-مۇشاقىتى بار. ئەلۋەتتە، ئويلىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىشتىنمۇ جاپالىق ئەمگەك يوق. ئىنىمىز مەنسۇر ياخشى ھەم جاپالىق بىر قەدەمنى بېسىپتۇ ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور غەيرەت تىلەيمەن.
  مۇنبىرىمىزنىڭ «ياش قەلەم» سەھىپىسى كوزىر سەھىپە شەرتنى ھازىرلىدى، بۇ سەھىپە ھەقىقەتەن ياخشى باشقۇرلىۋاتىدۇ. تونۇشتۇرىدىغان ياشلىرىمىزنىڭ ساھەسىنى ئەدەبىياتقا يانداشقان ھالدا مانا مۇشۇنداق ئۈزلىكسىز كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

ۋاقتى: 2013-8-3 09:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى دېگەندە بىزنىڭ ئەدەبىيات بوستانىمىزدا تەتقىقاتچىلار بەكلا كەم ئىدى. مەنسۇرجاننىڭ مۇشۇ مۇشەەققەتلىك يولنى تاللىۋالغانلىغىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. كەلگۈسىدە زور شان-شەرەپلەر نېسىپ بولغاي.

ۋاقتى: 2013-8-3 17:35:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆلجەرى يوللىغان ۋاقتى  2013-8-3 09:52
راستىنى دېگەندە بىزنىڭ ئەدەبىيات بوستانىمىزدا تەتقىق ...

سەمىمىي ئىنكاستىن بىرنى يېزىپسىز.

ۋاقتى: 2013-8-3 18:39:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزئۈزۈلمىسۇ ئىنىم، ئۇتۇق سزگە يار بولسۇن !

ۋاقتى: 2013-8-4 20:52:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن ئۇكام. ئۈزلىكسىز ئىزدىنىپ تۇرۇڭ، سىز قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار باردەك قىلىدۇ؟ (باشقا گەپلەرنى كوت-كوتتا دىيىشەيلى! )

ۋاقتى: 2013-8-5 11:34:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن مەنسۇرجان، ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرى بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىزگە چەكسىز ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەر تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2013-8-7 14:17:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ تېمىدىكى ئىنكاسىم نېمە ئۈچۈن ئۆچۈرۈلدى؟ سەۋەبىنى بىلسەم بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2013-8-7 18:27:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TANGRIKUT يوللىغان ۋاقتى  2013-8-2 16:29
دوستۇم مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇلغىنىدىن شۇنداق  ...

تەڭرىقۇتنىڭ ئىلمى تەتقىقات ماقالىلىرى ھەققىدە ئېيقانلىرى سەل توغرا بولماي قاپتۇ . ئاۋال ساۋاقدىشىم مەنسۇرجاننى مۇبارەكلەيمەن . ئۇنىڭدىن كېيىن دوستۇم تەڭرىقۇتقا دەپ قويىدىغىنىم شېئىر، نەسىرمۇ ئولتۇرۇپلا يازىدىغان قەدىرسىز نەرسە ئەمەس...

ۋاقتى: 2013-8-7 19:09:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنسۇرجان .سىزبىلەن يۈرتلۇق ،شۇنداقلا بىر قورۇدا بولغىنىمدىن تۇلىمۇ پەخىرلەندىم .ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ،تارىخى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز مول نەتىنجە بەرگەي .يەنە ئىنگىلىس تىلىنى ئۈگەنگىنىڭىز بەك ياخشى بۇلۇپتۇ .ئاخىرىدا مۇشۇ بەتتكە بىرىلگەن ماقالىڭىزدىكى "ھازا ئېچىش ناھايىتى قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئادەت. گەرچە غەربى يۇرتتا ياشىغان "دىگەن ئابزاستىكى "«غەربى يۈرت»دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «تەڭرىتاغ ئەتراپىدا ياشىغۇچى خەلقىمىز ....»دىگەندەك ئېلىشقا بۇلامدۇ يوق ئويلىنىپ باقسىڭىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-7 19:12  


ۋاقتى: 2013-8-11 17:08:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇران يوللىغان ۋاقتى  2013-8-7 18:27
تەڭرىقۇتنىڭ ئىلمى تەتقىقات ماقالىلىرى ھەققىدە ئېيقا ...


مەن باشتىلا بۇ ھەرگىزمۇ شېئىر ياكى نەسىرنى تۆۋەن كۆرگەنلىكىم ئەمەس دەپ ئېيىتقان ئىدىم. مەن پەقەت شېئىر ياكى نەسىر يېزىقچىلىقى ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىغا قارىغاندا ئوڭايراق دەپ قارايمەن. چۈنكى، مەن شېئىرىيەتتە ئىزچىل ئىزدىنىپ شېئىر يېزىۋاتقانلارنى تولىمۇ ئاز كۆردۈم. ئىلگىرى شائىر تاھىر ھامۇت بىر لېكسىيەدە مەن چۇپەي بولغاچ ھەر بىر پارچە شېئىرنى بەك تەستە يازىمەن. مەن بىر شېشە ئىچىۋالسا، بىر كېچە ئولتۇرۇپ 38 پارچە شېئىر يېزىۋاتقان نوچى شائىرلاردىن ئەمەس دېگەن ئىدى. ھازىرقى شائىرلار باشقا ئەللەرنىڭ ئەمەس، كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقسىلا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ. كىتابخانىلاردىكى شېئىر كىتابلىرىغا قاراپ باقساق، كىتابلار ئىچىدىكى ئەڭ بىچارە كىتابلارغا ئايلىنىپ قالدى. پېقىر كىتابخانا خوجايىنلىرىدىن ئىگىلىشىمچە شېئىر كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئەڭ كاسات ئىكەن. ئۇيغۇرلار شېئىر ئوقۇمايدىغان بوپكەتتىمۇ ياكى شېئىرلارنىڭ تايىنى قالماي، كىتابخانلارنىڭ ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن رايى قايىتتىمۇ؟ بۇ ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TANGRIKUT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-11 17:21  


ۋاقتى: 2013-8-12 10:44:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى مۇبارەكلەيمەن ئۇكام! سۆيۈنۈش ئىچىدە بۇ ئىلمىي ئەمگىكىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم . سىزنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئىزدىشىڭىز ھەم كەمتەرلىك بىلەن تەكلىپ- پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىشىڭىز ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. نەسىرلىرىڭىزنىمۇ ياختۇرىمەن .
ئامەت ،مۇۋاپىقىيەت تىلەپ ھەدىڭىز نىڭ قولى دۇئادا .

ۋاقتى: 2013-8-12 16:29:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىگە مۇۋاپىقىيەت يار بولغاي!

ۋاقتى: 2013-8-12 18:20:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش يوللىرىغا مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن ئىنىم!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش