تۇران يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 18:27
تەڭرىقۇتنىڭ ئىلمى تەتقىقات ماقالىلىرى ھەققىدە ئېيقا ...
مەن باشتىلا بۇ ھەرگىزمۇ شېئىر ياكى نەسىرنى تۆۋەن كۆرگەنلىكىم ئەمەس دەپ ئېيىتقان ئىدىم. مەن پەقەت شېئىر ياكى نەسىر يېزىقچىلىقى ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىغا قارىغاندا ئوڭايراق دەپ قارايمەن. چۈنكى، مەن شېئىرىيەتتە ئىزچىل ئىزدىنىپ شېئىر يېزىۋاتقانلارنى تولىمۇ ئاز كۆردۈم. ئىلگىرى شائىر تاھىر ھامۇت بىر لېكسىيەدە مەن چۇپەي بولغاچ ھەر بىر پارچە شېئىرنى بەك تەستە يازىمەن. مەن بىر شېشە ئىچىۋالسا، بىر كېچە ئولتۇرۇپ 38 پارچە شېئىر يېزىۋاتقان نوچى شائىرلاردىن ئەمەس دېگەن ئىدى. ھازىرقى شائىرلار باشقا ئەللەرنىڭ ئەمەس، كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقسىلا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ. كىتابخانىلاردىكى شېئىر كىتابلىرىغا قاراپ باقساق، كىتابلار ئىچىدىكى ئەڭ بىچارە كىتابلارغا ئايلىنىپ قالدى. پېقىر كىتابخانا خوجايىنلىرىدىن ئىگىلىشىمچە شېئىر كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئەڭ كاسات ئىكەن. ئۇيغۇرلار شېئىر ئوقۇمايدىغان بوپكەتتىمۇ ياكى شېئىرلارنىڭ تايىنى قالماي، كىتابخانلارنىڭ ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن رايى قايىتتىمۇ؟ بۇ ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TANGRIKUT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-11 17:21