TANGRIKUT يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 16:29
دوستۇم مەنسۇرجان تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇلغىنىدىن شۇنداق ...
دوستىڭىزنىڭ ئەمگىكىدىن تەسىرلەنگەنلىكىڭىز ياخشى لىكىن ھاياجاننىڭ تۈرتكىسدە بەزى چولتا قاراشلارمۇ يېزلىپ كېتىپتۇ. بىز بىر نەرسىنى ياكى بىرەيلەننىڭ ئەمگكىنى مۇئەييلەنلەشتۇرۇشتە ئۇنىڭغا باشقا تۈرلەرنى تۇخۇم سوقۇشتۇرغاندەك سوقۇرەك قىلىماسلىقىمىز بەلكى شۇ ماقالە تەۋە ساھە ئىچىدەتۇرۇپ يېڭى كۆز قاراشلار بارمۇ ياكى تەكرارلاش،ئەينەنلەش ئەھۋالى بارمۇ شۇ ئاساستا كەسىپى ئەھلى بولساق پىكىر بېرەيلى.بولمساق ياخشى،تىرشىڭ دېگەندەك ئىنكاس يېزىپ قۇيساق مۇۋاپىق.
تەتقىقات تېمسى ئۈچۈن پروزىنى ھاياجاننىڭ تۈرتكسدە مەيدانغا كەلگەن دېيىش قانداق گەپ؟
پروزا ئەدەبىياتنىڭ سەركسى،ئۇنى شۇنداق ئاددى تۈرمۇ؟
ئىلىمى ماقالىدە يېڭلىق ياراتقىلى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت بەزى قاراشلارنى مۇلاھىزە قىلدۇ،،،ئالدىقىلار يېزىپ قالدۇرغان كىتابلارنى ئوقۇپ شۇنىڭدىن ئالغان تەسراتنى يازىدۇ.تارىخمۇ يېڭى ۋەسقىلەرنىڭ تېپلىشى بىلەن قايتا يېزلىشى مۇمكىن لىكىن ئادەتتە تۇراقلپەقەت ئوقۇغان سېلشتۇرغان كىتابلار قانچە كۆپ بولسا باشقىچىرەك بىر پكىرنى ئېيتقىلى بولىدۇكى ھەرگىزمۇ ياراتقىلى بولمايدۇ.
بىزنىڭ رومانلىرىمىزنىڭ سەۋىيسى ئوقۇرمەنلەرنى پروزا ھەققىدىكى پۈچەك قاراشلارغا نائىل قىلغاچقا مۇشۇنداق قاراشلارغا كېلىپ قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن.بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر پاجىئە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-9 12:10