«يازغۇچىلار(يېڭى)مۇنبىرى» توغىرسىدا ئەزىز ھېيت كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2080
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 61
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 04:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشونداق ئىشلارمۇ يازبۇچىلار مونبىرىدا بار دەيلى ؟ ھەق گەپ قىلغان ئادەمنى تىرىك تورغۇزۇپ ئۆلتۇر مەكچىمۇ بىز؟
بولسا يازغۇچىلار مۇنبىرى ئىنكاسلارنى تەسىقلاش ئارقىلىق چىقارغان بولسا.
ئىناق -ئىتىپاق بولغان ئەدىبىيات مۇھىتى بەرپاقىلىش ئۇچۇن تىرىشايلى؟

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 13:52:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىزدىنىشنىڭ جانلىق مۇنبىرى

«يازغۇچىلار مۇنبىرى » نىڭ رولى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئىككى خىل رولى گەۋدىلىك بولماقتا. بىرى : يېڭى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ يېتىلىش سەھنىسى بولۇش.يەنە بىرى: ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىزدىنىشنىڭ جانلىق مۇنبىرى بولۇش.ئالدى بىلەن يېڭى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ يېتىلىش سەھنىسى بولۇش رولى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىش مۇۋاپىق.مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا تۇنجى ئىجادىيەت مىۋىلىرىگە مەزكۇر مۇنبەردە بەلگىلىك ئورۇننىڭ بېرىشلىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.چۈنكى ھەر قانداق بىر ئەدەبىيات ئىستىدات ئىگىسى تۇغۇلىشىدىلا ئەدىپ بولۇپ تۇغۇلمىغان.پىشقان بىر قەلەم ساھىبىنىڭ يېتىلىشىگە بىر جەريان كېتىدۇ.يېڭى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ خام-پىشمىغان (بەدىي سۈپىتى تۆۋەن) ئەسەرلىرىگە ئىنكار قىلىش نەزرىدە ئەمەس يېتەكلەش نەزرىدە قاراش كېرەك.يەنى يېڭى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ سۈپىتى تۆۋەن ئەسەرلىرىگە يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن سۈپەت جەھەتتە ئىلگىرلەش تەلىپىنى قويۇش كېرەك.ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەھۋالغا قارىغاندا خېلى كۆپ يېڭى قەلەم ئىگىلىرى خام-پىشمىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىشتىن خېلى سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىپ ئېلان قىلىش ئىلگىرلىشىگە ئېرىشتى.بۇ ياخشى ئەھۋال.ئەمما يەنە بەلگىلىك نىسبەتتىكى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدە سۈپەت ئۆزگىرىشى بولمايۋاتىدۇ.ئىجادىيەتكە قەدەم قويغىلى ئون يىلدىن ئاشسىمۇ يەنە خام-پىشمىغان ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىپ كېلىۋاتقانلاردىن باشقىلار ئەمەس ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆزلىرى گۇمان قىلىپ بېقىشى ئورۇنلۇق...يېڭى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ خام-پىشمىغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشىنى ئەلۋەتتە كەچۈرۋېتىش كېرەك.ئەمما ئىجادىيەتكە قەدەم قويغىلى خېلى مەزگىل بولغان قەلەمكەشلەر يەنى «كونا –پېشقەدەم ھەۋەسكار» لارنىڭ خام،سۈپەتسىز ئەسەرلىرىنى كەچۈرمەسلىك،تەنقىد قىلىش،مۇنبەردە ئىلان قىلماسلىق مۇۋپىق.يۇقۇرقى ئىككى خىل ئۇسۇل «مۇنبەردە سۈپەتسىز ئەسەرلەر كۆپۈيۈپ كېتىش»نى تىزگىنلەشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىردۇر.ئۇنداقا سۈپەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟ بۇ ئۆلچەم ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى،سەھىپىسىنىڭ ئۇزۇن –قىسقىلىقى،ھەجمىنىڭ چوڭ –كىچىكلىكىگە قارىتىلغان ئەمەس.شۇنداقلا ئېقىمغا،يۈزلىنىشكە،ئۇسلۇپقا،ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا قارىتىلغان ئەمەس بەلكى ئوبرازلىق تەپەككۈر ،ئوبرازلىق تىلنى ۋاستە قىلىپ،ھەققىقىي ئىستىتىك زوق بېرەلەيدىغان ئىستىتېك قىممىتى بار ئەسەر ئىجات قىلىشقا قارىتىلغان.مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ سۈپەتلىك ئەسەر ئىجات قىلىشتىكى ئەڭ ئونۋېرسال ئۆلچىمى ھېساپلىنىدۇ.بەدىي سۈپەت مەسىلىسىدە ئەسەرنىڭ قانداق ژانىردا ،مەزمۇندا،ئېقىمدا،يۈزلىنىشتە،ئۇسۇلدا ،ئۇسلۇپتا يېزىلىشى موھىم ئەمەس.موھىمى ئوبرازلىق تەپەككۈر بىلەن ئوبرازلىق تىلنى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلغان –قىلمىغانلىقى،ئىستىتېك قىممەتكە ئىگە بولغان بولمىغانلىقى،ئوقۇرمەنلەرگە ئىستىتېك زوق بېرەلەيدىغان –بېرەلمەيدىغانلىقىدۇر.بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئىپتىدائى جەمىيەتىمۇ،قۇللۇق جەمىيەتتىمۇ،فېۋداللىق جەممىيەتتىمۇ،كاپتالىستىك جەمىيەتتىمۇ،سوتسىيالىستىك جەمىيەتتىمۇ ئۆزگەرمىگەن قانۇنىيىتىدۇر.شۇنداقلا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان قانۇنىيىتىدۇر.شۇڭا ئەدەبىيات «تىل سەنئىتى »دەپ ئاتالغان . بۇ ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتتىن تىلنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق پەرقلىنىدىغان سەنئەت ئىكەنلىكىنى،پەنلەردىن بولسا ئوبرازلىق تەپەككۈرگە تايىنىش ئارقىلىق پەرقلىنىدىغان سەنئەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان تەپەككۈر قانۇنىيىتىدۇر.ئەقلىي تەپەككۈر-پەننىي تەپەككۇردۇر.
ئوبرازلىق تەپەككۇر،ئوبرازلىق تىل،ئىستىتىك قىممەت ،ئىستىتېك زوقلىنىشنى يۇقۇرى كۆتىرىش -ئەدەبىياتنىڭ يادرۇسى.ئۆتكۈر نوقتىسى.پەنلەر،ساھەلەر ۋە كەڭ جەمىيەت،ماددى ئالەم،روھى ئالەم –ئەدەبىياتنىڭ كېسىشمە نوقتىسى.شۇڭا پەلسەپە،تارىخ،ئېتىكا،پىسخولوگىيە،پىداگوگىكا....قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەدەبىيات ئەمەس.گۆدەك،قالاق ئىپتىدائى جەمىيەتتىمۇ،يۈكسەك تەرەققى قىلغان كەلگۈسى جەمىيەتتىمۇ ئوبرازلىق تەپەككۈرغا،ئوبرازلىق تىلغا،ئىستىتېك قىممەت يارىتىشقا،ئىستىتېك زوقلىنىشنى يۇقۇرى  كۆتىرىشكە تايىنىشتىن ئىبارەت ئەدەبىياتنىڭ «تۆت  يادروسى» ئۆزگەرمەيدۇ. يۇقۇرقى تۆت  يادرۇ ئوخشىمىغان ئېقىم،يۈزلىنىش،ئۇسۇل،ئۇسلۇپ،ژانىر،ھەجىمدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان ئورتاق ئۆلچەمدۇر.ئەدەبىياتتىكى بەدىي –ئىستىتىك يۈكسەكلىك ۋە ئۇ ئارقىلىق يورۇتىلىدىغان ئىدىيۋىي يۈكسەكلىكمۇ شۇ يادرۇ ئاساسىدا  بۈيۈكلىشىدۇ،چوڭقۇرلىشىدۇ،چەكسىزلىشىدۇ...ئەسلى گەپكە كەلسەك مەزكۇر مۇنبەردىكى سۈپەتسىز ئەسەرلەر كونكىرېتلاشتۇرغىلى بولىدىغان مەسىلە.مەن باشتا بۇ مەسىلىنى ئىككى جەھەتتە كونكىرېتلاشتۇردۇم.چۈنكى «سۈپەتسىز ئەسەرلەر كۆپىيىپ كەتتى » دەپ ۋايساش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ.مۇنبەر رىئاللىقىدا مەۋجۇت مەسىلە بولغانكەن كونكىرېتلاشتۇرۇپ كۆرۈش كېرەك.كونكىرېت نوقتىلاردىن تەھلىل قىلىش كېرەك.
   ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىزدىنىشنىڭ جانلىق مۇنبىرى بولۇش- مەزكۇر يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ ئەڭ يارققىن،ئەڭ گۋدىلىك،ئەڭ تىپىك ئالاھىدىكىلىدۇر.بۇ ئاساسى ئالاھىدىلىكنى بىز « ياش قەلەم» «ئىزدىنىش،سىناق،يېڭىلىق» سەھىپىلىرىدىكى ئەسەرلەردىنلا ئەمەس شئېىريەت،پىروزا،نەسىر  سەھىپىلىرىدىكى سەرخىل ئەسەرلەردىن بولۇپمۇ ئىجادىيەتتە ئىپادىلەش ئۇسۇلى،ماھارىتى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىزچىل كۈچەۋاتقان ئىجتاھاتلىق،تالانتلىق قەلەم ئىگىلىرىنىڭ بەس-بەستە ئىزدىنىۋاتقان،ئىزدىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۋاتقان يۈزلىنىشىدىن،ئەسەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئۆزگىچە ،خاس يولغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن كۆرۈپ ئالالايمىز.مەزكۇر مۇنبەردە شئېىريەت سەھىپىسى مۇنبەر جانلىقلىقنىڭ،جەلپكارلىقىنىڭ،سېھرى كۈچىنىڭ يادرۇسى بولۇپ كەلدى.شۇنداقلا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىزدىنىشنىڭمۇ يادروسى بولۇپ كەلدى.
بەدىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى يېڭىلاش،يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەيلى كىلاسسىك شئېىرىي شەكىللەردە يېزىلغان شئېىرلاردا بولسۇن مەيلى يېڭىچە شئېىريەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان شئېىرلاردا بولسۇن يارقىن ھالدا گەۋدىلەندى.بولۇپمۇ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپتا شئېىر ئىجات قىلىش كۆپلىگەن ياش قەلەم ئىگىلىرى تاللىۋالغان يول بولۇپ قالدى.ئون يىل ئىلگىركى ئەمەس تۆت-بەش يىل ئىلگىرىكى شئېىرلارغا قارىغاندا شئېىرىي تەپەككۈر،شئېىرىي تىل،شئېىرىي رىتىم،شئېىرىي مۇھىت،شئېىرىي قۇرۇلما (يۇقۇرقى بەش ئامىلغا شئېىرىي تۇيغۇ سىڭدۈرۈلىدۇ.ئۇلارنىڭ يۇغۇرۇلىشىدىن شئېىرىي مەنا سەزدۈرۈلىدۇ)  جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش يارقىن بولدى.يېڭىلىق،ئىزدىنىش –يېڭىلىق تىپىدىكى شئېىرلارنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى جەھەتتە ھەرقانداق ئەدەبىي ژورنال ۋە گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىي بەتلىرى مەزكۇر مۇنبەرگە يەتمەيدۇ.مەزكۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان ئىزدىنىش،يېڭىلىق تىپىدىكى شئېىرلار كۆپ قىرلىق،كۆپ قاتلاملىق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.شئېىريەتنىڭ رەڭدارلىقى،كۆپخىللىقى ئۇ خىل شئېىرلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.ئۆتكەن يىلى مەزكۇر يېڭى مۇنبەر ئېچىلغاندا پاسىئاننىڭ «غەزەللىرى» خېلى غولغولا قوزغىدى.مەن دەسلەپتە ئۇ «غەزەللەر» توغرا تاپمىغان بولساممۇ كېيىن نەزەر-دائىرەمنى كېڭەيتىشنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ھېس قىلدىم.يەنى ئىزدىنىش،سىناق،يېڭىلىق يارىتىش نوقتىسىدىن قارىغاندا ئىجادىيەتچىلەرنىڭ سىناق ئېلىپ بېرىشىغا،خاس يول تۇتىشىغا،ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇپ بېقىشىغا يول قويۇلىشى كېرەككەن.پاسئان «غەزەل» دەپ تونىغانكەن.ئۇ پاسىئاننىڭ چۈشەنچىسى.پاسىئاننىڭ نەزرىدە توغرا.كۆپچىلىك تەرپىدىن،ئەدەبىياتنىڭ يۈزلىنىشى نوقتىسىدىن ئېتراپ قىلىنماسلىقى ئايرىم ئىش.گەرچە پاسىئاننىڭ شۇ «غەزەللەر» ئى ئېتراپ قىلىنىش جەھەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ لېكىن تەھدىتكە ئۇچرىغان غەزەل تۈرىنىڭ يېڭىدىن جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.كىلاسسىك شئېىريەتنىڭ ئېسىللىقىنى قوغداش ئېڭى كۈچلۈك قەلەم ساھىبىلىرى ھازىرقى زامان ۋە يېڭى دەۋر شئېىريىتىمىزدە غەزەلنى يۈزەكىلەشتۈرۈش،ئابستراكىتلاشتۇرۇش،ئۇقۇملاشتۇرۇش،ۋەزىن قاپىيەلىك گەپكە ئايلاندۈرۈش پاتقىغا پاتتۇرۇپ،غەزەلنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرگەن،خۇنۈكلەشتۈرگەن...پاسىپ ئەھۋاللارغا قارىتا سەزگۈرلۈك بىلەن مەسۇليەت تۇيغۇسىغا كېلىپ كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ غەزەللىرىنىڭ بەدىي سەۋىيىسىگە يېقىنلاشقۇدەك دەرىجىدە ،تۇيغۇنى ئىپادىلەش جەھەتتە بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ سەزگۈ چوڭقۇرلۇقىنى نەپىس ھالەتتە يورۇتۇپ بېرىدىغان نادىر غەزەللەرنى بارلىققا كەلتۈردى.بۈگۈنكى كۈندە مۇنبەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان نادىر غەزەللەر ئوقۇرمەنلەر سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرگە ئايلاندى.بۇ جەھەتتە ئېسىل غەزەللەرنى يېزىۋاتقان شائىرلارنىڭ تۆھپىسىنى نەزەرگە ئېلىش بىلەن بىرگە پاسىئاننىڭ بۇ جەھەتتە بەلگىلىك تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينىغانلىقىنىمۇ ئۇنۇتماسلىققا توغرا كېلىدۇ.نورمال ئىجادىيەت ئەندىزىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن بىرگە ئىجادىيەتتە خاسلىق يارىتالماي بىر قېلىپ ئىچىگە بېكىنىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.شۇنداقلا خاسلىق يارىتىشقا ئىنتىلگەندە بارلىقىنى خاسلىق يارىتىشقىلا ئاتىۋىتىپ ،شۇ خاسلىقنىڭ ئەدەبىياتنىڭ ئونۋېرسال قانۇنىيىتى بىلەن،سەنئەت،پەن،ساھە،ئوقۇرمەنلەر،جەمىيەت بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە باغلىنىشقا ئىگە قىلىنماي ،ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمگە مەنپەت-مەنىۋىي نەپ يەتكۈزەلمەيدىغان خاسلىق بولۇپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.پاسىئاننىڭ «غەزەللەر» ئى ئوبرازلىق تەپەككۇر ،ئوبرازلىق تىلدىن ئىبارەت ئەدەبىياتنىڭ «ئىككى يادروسى»غا ئۇيغۇن بولسىمۇ ئىستىتېك قىممەت يارىتىش ئوقۇرمەنلەر ئىستىتېك زوق ئېلىشنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت ئەدەبىياتنىڭ يەنە «ئىككى يادرۇسى» دىن ئايرىلىپ قالغان.ئەشۇ «غەزەللەر»دە يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرىقىدەك ئىنتايىن ئاز ئىستىتىك قىممەت يارىتىلغان بولۇپ بىر –ئىككى % ئوقۇرمەن زوق ئالالايدۇ.ئۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ يەنى بەلگىلىك نىسبەتتىكى -20-30-% نىسبەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستىتېك زوق ئېلىشىنى يېتەكلەش قانداق مۇمكىن بولسۇن؟مېنىڭچە پاسىئاننىڭ «غەزەللەر»ىنىڭ مەغلۇبىيىتى «غەزەللەر » دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىدا بولماستىن بەلكى ھېچ بولمىغاندا 20-30% نىسبەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ئىستىتىك زوق ئالىدىغان ئىستىتېك قىممەتنىڭ يارىتىلمىغانلىقىدا.شۇنداقلا شۇنچىلىك نىسبەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوق ئېلىشىغا ئىمكان-يىپنىڭ قالدۇرۇلمىغانلىقىدا.
   ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىزدىنىشنىڭ جانلىق مۇنبىرى بولۇش ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغاندا ئارتۇقچىلىقنى تىلغا ئېلىش بىلەن يېتەرسىزلىككە كۆز يۇمۇپ ئالغىلى بولمايدۇ.گەرچە ئىزدىنىش،يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بەدىي ئىپادىلەشتە يېڭىلىق يارىتىش،بەدىي ئىپادىلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش كۆڭۈللەرنى خوشال قىلىدىغان ئەھۋال بولسىمۇ يەنە بىر موھىم نوقتىغا سەل قارىلىۋاتىدۇ.يەنى شۇ خىل شئېىرلارنىڭ بەدىي سۈپىتى بارغانسىرى ياخشى بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ سالماق-ۋەزنى چوڭقۇر،ئېغىر بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىنمايۋاتىدۇ.بۇ ئىدىيۋى سۈپىتى تۆۋەن دېگەنلىكتۇر.ئەسەرنىڭ ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدا يۈكسەك بەدىي سۈپەت بولۇشتىن باشقا شۇ يۈكسەك ئىدىيۋى سۈپەت يوشۇرۇنغان بولىشى كېرەك.گۈل ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ جەلپ قىلالىغىنى بىلەن پۇرىقى بولمىسا ھوزۇرلاندۇرالمايدۇ.ئوبرازلىق تەپەككۈر،ئوبرازلىق تىل،ئىستىتېك قىممەت،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىستىتېك زوقلىنىشنى يېتەكلەش،يۇقۇرى كۆتىرىش-ئەدەبىياتنىڭ يادروسى-ئۆتكۈرلۈكى،تۈپ قانۇنىيىتى دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە مەنا يوق بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.بەدىيلىك –ئەدەبىي ئەسەرنىڭ سەنئەتلىك ئالاھىدىلىكى.مەزمۇن بولسا  پەننىيلىك ئالاھىدىلىكىدۇر.سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىشنىڭ پەرقى بولىدۇ.سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئىستىتېك دۇنيا ھوزۇر بېغىشلايدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە بولسا ئىستىتىك دۇنيا ھوزۇر بېغىشلاشتىن باشقا ئىدىيە،-مەنا گۈزەللىكىمۇ ھوزۇر بېغىشلايدۇ.
    ھازىرچە مۇشۇنچىلىك توختىلىپ تۇراي.  

  ئەسكەرتىش: ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات.كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇش،كىم نىمە دېدى دەپ دە-تالاش قىلماسلىق كېرەك.يۇقۇرقى تېمىنىڭ ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئايدىڭلاشقانكەن.ۋە يۇقۇرقى تېما مەزكۇر مۇنبەرگە قارىتىلغانكەن ئىكەن.بۇ ئىنكاس بوشلۇقىغا يۇقۇرقى پىكىرنى يوللاپ قويدۇم.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 19:02:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەۋھۇم دۇنيا

ئەزىز ھېيت كۈن

يۈزىگە نىقاپ تاقىۋالغاندەك نىقاپلىق تانسا ئەھلى
باشقا نامى بار كەلگەنلەرنىڭ مەۋھۇم دۇنيادا .
شۇ دۇنياغا كېلىش-ھەركىمنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىدۇر،
ئەركىندۇر يەنە كېتىشنى جەزىم قىلسا مۇبادا.

ئورتاق تەلپۈنۈش-ئۇندا جەم قىلىدۇ رىشتىلىكلەرنى.
ئورتاق سوۋۇش-ئۇندا توزىتىدۇ رىشتىسى ئۈزۈلگەنلەرنى.
قۇتلۇقلاش يوق شۇ دۇنياغا يېڭى كەلگەنلەرنى.
ئەسلەش ھەم يوق ئۇندىن ئىلگىرى-كېيىن يۈتكەنلەرنى.

قىزىقىش ۋە ۋاقىت ناملىق ئىككى ئىمكان يولى
بارغۇزىدۇ ئىشتىراكچىلارنى ئەشۇ دۇنياغا.
ئۆز مەۋجۇتلىقىنى شۇ دۇنيادا نامايەن قىلىش
ئايلانغان ئىشتىراكچىلار قەلبىدىكى ئوت-سەۋداغا.

ئۇندا ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق.
ھەركىم ئۆز گېپىنى دېيىش بىلەن ئالدىراش.
ئاڭلىغۇچىلار سۇ يۈزىدىكى رەڭدار كۈپۈككە بەنت،
كەمدىن-كەمدۇر چوڭقۇردىكى دۇر-سەدەپكە قاراش.

شۇ دۇنيانىڭ كەڭ  دېڭىزىدا ئۈزەر بىلىجانلار،
لەھەڭ،كىت،ئاكۇلالار  چوڭقۇرغا مۆككەن .
كېلىدۇ ئۇلار كۆپۈنچە «سەيياھ » نامى بىلەن
قالىدۇ سۇ يۈزىدە ھەتتا غىل-پال كۆرۈنۈپ بەزەن.

ئاۋاتلاشتۇرار شۇ دۇنيانى تۈركۈم-تۈركۈم بېلىجانلار،
قىلار گاھى –گاھى لەھەڭ،كىتلارنى جەلپ.
ئوخشىمايدۇ سالاھىيەت ،نوپۇز بىلەن،نام،شانسىزلىق،
ئوخشىسىمۇ ئوتلۇق تەلپۈنۈشتە جىمى قەلب.

داۋام قىلار ئەشۇ تۈستە كەڭ مەۋھۇم دۇنيا.
چىققىدۇ بېلىجانلار ئىچىدىنمۇ بىر كۈن ئاكۇلا، لەھەڭ.
ئۈنسىز ئېيتىدۇ يېڭى بېلىجانلانلار يېڭى لەھەڭلەرگە
« بىزلەرگە ئورۇن بوشىتىش بولىدۇ سېنىڭ ئەتەڭ.»

مەۋھۇم دۇنياغا تۈرلۈك تۈمەن سىرلار مۈكۈنگەن.
كۆرىدۇ شۇ دۇنيانى كەلگۈچىلەر بەلەن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 12:59:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇرمەن بولۇش-ھوزۇرلۇق ئىش. ئوقۇرمەن بولۇپ باققاندىلا يېزىشقا ئىنتىلگۈچى ئۆزىنى ئوقۇرمەننىڭ ئورنىغا قويالايدۇ. ئەمما ئوقۇرمەن بولۇش بىلەن سىنچى (تاللىغۇچى ) ئوقۇرمەن بولۇشنىڭ يارقىن پەرقى بار.تاللىغۇچى ئوقۇرمەن ئوقۇلدىغان ماتىريالنىڭ يۈزلىنىش ئىمكانىيىتى
گە ئەمەس،ماتىريالنى ئۆزىنىڭ تاللاپ ئوقۇش يۈزلىنىشىگە بويسۇندۇرىدۇ.يەنى ماتىريال يۈزلىنىش ئىمكانىيىتى ئادەمنى تاللىماستىن ئادەم ماتىريالنى تاللايدۇ!
    تور ئەسەرلىرى بىلەن مەتۇبات ئەسەرلىرىنىڭ سېلىشتۈرۇلمىسىدا قولاي بولۇش جەھەتتە گەرچە تور ئەسەرلىرى يېزىلىش،ئېلان قىلىنىش،ئوقۇلۇش جەھەتتە كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ  سۈپەت جەھەتتە تور ئەسەرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ناھايىتى تۆۋەن ئورۇندا تۇرماقتا.مەسىلەن نەشىرياتلار تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنى ئالايلى.كىتاپ قايتا-قايتا ئوقۇلۇشتىن باشقا تېخىمۇ موھىمى ئۇ توغۇرلۇق ئوقۇرمەننىڭ ئويلىنىش ئىمكانىيىتى بار.تور ئەسەرلىرىنىڭچۇ؟ تور  مۇنبەرلىرىدە ئارىلاپ-ئارىلاپ ناھايىتى ئېسىل ئەسەرلەر كۆزگە چېلىقىپ قالىدۇ.قايتا كۆرەي دېگەندە ناھايىتى تىزلا سەھىپىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.يىتۈرۈپ قويماسلىقنى كۆزلىگەندە ئەڭ ياخشىسى ئايرىم ساقلىۋالغانغا يەتمەيدۇ...تورنىڭ يۈزلىنىشى شۇنداق.ئۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
تورنىڭ تىزلىك يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتكىلى بولمىغاندىكىن نەپ ئالىدىغان ئوقۇرمەن بولۇشنى ئويلىغاندا تاللىغۇچى ئوقۇرمەن بولۇش يولىنى تۇتۇپ،مۇنبەر يۈزى بويىچە ئەمەس.سەھىپىلەر (يەنى ئەنئەنىۋى مۇندەرىجە كۆرۈش ئادىتى ) بويىچە ئەسەر ئوقۇش يولىنى تۇتۇش كېرەك.شۇنداق بولغاندا ئۆزىگە ياقىدىغان ئەسەرلەرنى «يېڭى تېمىلار»«يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار» «ئاۋات تېمىلار» دىن تەشكىل تاپقان تور مۇنبەر ئېكرانىدىن ئەمەس،سەھىپىلەر مۇندەرىجىسىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ.ئونىڭ ئۈستىگە ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇش خەۋەر،ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇش،خەۋەردار بولۇشقا ئوخشىمىغاندىكىن  مۇنبەر ئېكرانىنى ئاتلاپ  سەھىپىلەر مۇندەرىجىسىگە ئۆتۈپ كېتىش خاتا ئىش ئەمەس.دەرۋەقە ئەدەبىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش جەھەتتە مۇنبەر ئېكرانىنىڭ موھىملىقى بەرھەق.لېكىن ئەدەبىي نەپ،-ھوزۇر كۆرسەتمىسى بېرىشتە مۇنبەر ئېكرانلىرى سەھىپىلەر مۇندەرىجىسىنىڭ قولىغا  سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.ئېسىل ئەسەرلەرنى توردىن ئىزدەپ كۆرىدىغانلار  مۇنبەر ئېكرانلىرىنى ئاتلاپ،سەھىپىلەر مۇندەرىجسىگە كۆز يۈگۈرتىدۇ.
      مەيلى يېزىشتا،ئوقۇشتا،ئويلىنىشتا ئۆزىنى تۇتىۋېلىش،سالماق بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس.تور مۇنبەرلىرىگە نىسبەتەن يېزىش-ئىككى تۈرلۈك بولۇپ بىرى: ئەسەر يېزىش.يەنە بىرى: ئىنكاس يېزىش. مېنىڭچە تىز،ئىتتىك تەستىقلىنىدىكەن دەپ يازغان ئەسەرنى پىششىقلاپ ئىشلىمەيلا يوللىۋېتىش بىرىنچىدىن ئۆزىنىڭ پۇچەك ئەسەر ئېلان قىلىشىغا يول قويغانلىق،ئىككىنچىدىن: تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلغانلىق،ئۈچۈنچىدىن تور ئەدەبىياتىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرگەنلىكتۇر...ئىنكاس يېزىشمۇ بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.بىر توپ ساپاسىزلارنىڭ بىر توپ ساپاسىزلار بىلەن بەس-بەستە ئىنكاس يېزىشقا چۈشۈپ كېتىشى ئەقىل ئىگىلىرىنى ئېچىندۇرىدۇ.   ئىنكاسنىمۇ  ئويلاپ بېقىپ يازغۇلۇق.
    قىزغىن يازغانغا ئوخشاش بىر مەزگىل ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ،قىزغىن ئوقۇرمەن بولۇش-باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېقىش -ياخشى ئىش.چۈنكى تىرىشچانلىق بىلەنلا بۈيۈك قەلەم ئىگىسى بولۇپ كېتىدىغان ئىش يوق.تىرىشچانلىق موھىم بىر ئامىل،ئۇنىڭغا ئىزدىنىش ھەمدە باشقا نۇرغۇن موھىم ئامىللارنى قوشۇش كېرەك....مەزكۇر مۇنبەردە زادىلا ئۆزگەرمەيۋاتقان ناچار بىر ئادەت -ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ماختايدىغان ناچار خاھىش پەقەت ئۆزگەرمەيۋاتىدۇ. ئادىمىگەرچىلىك يۈزىسىدىن سىلى-ئۆزلىرى دېيىش ئادىمىيلىكتىكى موھىم قائىدە بولسىمۇ ئادىمىيلىك بىلەن ئەدەبىيات ئىككى مەسىلە،ھەرگىزمۇ بىر مەسىلە ئەمەس! ئەدەبىياتتا سىلى-ئۆزلىرى دەپ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ماختاشنىڭ قىلچە زۈرۈريىتى يوق!  ياققان بولسا ئەسەرنىڭ قانداق يېرى ،قايسى بۆلىكى ياقتى شۇنى ئېيتىش كېرەك.شۇنداقلا ئاپتورنى ئۇچۇرۇش ئەمەس،ئاپتورغا بولغان قاتتىق تەلەپنى ئېيتىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن سۇنۇلغان ئەسەر بىلەن بېرىلگەن شىرىن باھانىڭ قىممىتى بولمايدۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1846
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1197
تۆھپە : 0
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 18:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئادەتتىكى  بىر  ھەۋەسكار بۇلۇش  سۈپۈتۈم بىلەن ..ئوز  كۆز  قاراشلىرىمنى  ئوتۇرىغا  قۇيۇپ  باقاي ..مەن  بۇ  يازغۇچىلار  مۇنبىرىنى  نۇپۇزلۇق مۇنبەر  دەپ  ئويلاپ  كىرىشكە  جۈرئەت  قىلالمىغان  ئىدىم  كېيىن  بىر  دوستۇمنىڭ  تەۋسىيىسى  بىلەن  كىردىم ..ھەقەقەتەن  گۈل  غۇنچىلار  بىلەن  لىققىدە تولغان  ئاجايىپ  ھوزۇرلۇق بىر   ماكان  ئىكەن   بۇ يەردىكى  باغۋەنلەرنىڭ  ئەجرىگە  گەپ توغرا  كەلمەيدۇ ...شۇنداق  قىلىپ مەن  بۇ  ماكاندا ..ئۆزەمنى  تۇنۇشقا  باشلىدىم ...ھەم  ئۇستازلارنىڭ  پىكىر  بېرىشى  بىلەن ھەرھالدا  بىر  نەچچە  شېئىرلارنى  يېزىپمۇ  باقتىم ...تەكلىۋىم  بىزدەك  ھەۋەسكارلارنىمۇ ..يېتەكلەپ  ماڭسا ...توغرا  بولمىغان   ئىشلىرىمىزنى  كۆرسۇتۇپ  تەنقىدى  پىكىرلەرنى  ئايىماي  بەرسە ....بۇ  بىزدەك  يېڭىدىن  يېتىشىپ  چىقىۋاتقان  ھەۋەسكارلارنىڭ  ئىلگىرلىشىمىزگە  تۇرتكە  بوللاتتى ..
نىڭ  ئىلگىرلىشىگە  پايدىسى  بولاتتى

مېنىڭ  بۇ  مۇنبەردىن  ئايرىلغۇم  يوق  چۇنكى  بۇ  مۇنبەر  ئارقىلىق  ئۆزەمنى  تۇنۇدۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلپىيە راھمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-19 18:34  


سەمىمىلىك  مېنىڭ قىبىلنامەم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2108
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 0
توردا: 728
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 19:00:42 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ مۇنبەر ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ئەتىراپلىق بۇلۇپتۇ.شائىرنىڭ  يازمىسىنى كۆرۈپ كۈزۈم ئېچىلىپ قالدى.مۇنبەر مۇشۇنداق ئۇستازلارغا مۇھتاج بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eli.abdukadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-19 19:03  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1509
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 537
تۆھپە : 0
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 14:53:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ئېلياس يوللىغان ۋاقتى  2013-8-1 17:13
‹‹يازغۇچىلار  مۇنبىرى›› گە  كۆپ ئەسەر يولىغۇچى ئەزا بو ...

پىكىرىڭىزنى قوللايمەن.گوروھۋازلىق تۈگىسە دىگەن .بىر ئەسەرگە بىرىلىدىغان باھا، شۇ ئەسەرنىڭ ژانىر ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن ئۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش ياكى ئىنكار قىلىش پۇزۇتسىيىدە بولسا مىنىڭچەتىما ئىگىلىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ياكى كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرنى تولۇقلاشقا پايدىسى بولاتتى.

ھەر سەھەردە تەلمۈرۈپ كۈتكىلى مەن قاي زامان،
ھەر گۇگۇمدا قول شۈمۈپ ئۆتكىلى مەن قاي زامان.

             _خاتىرەمدىن

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 11:13:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تور ئادەمنى راستلا دۆتلەشتۈرۋېتەمدۇ؟

      قايسىدۇر بىر تور بېكەتتە «تور غا  بېرىلىش ئادەمنى دۆتلەشتۈرۋېتىدۇ » دېگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم.بۇ يەردىكى «بېرىلىش»نىڭ ئالدىغا «زىيادە »دېگەن سۆزنى قوشۇش كېرەك.   گەرچە مەتۇبات دەۋرى مۇتلەقتىن قالمىغان بولسىمۇ تورغا يۈزلىنىش -يېڭى مۇتلەقلىققە ئايلاندى.بۇ  بىر ئۆتكۈنچى دەۋر.يەنى  تور دەۋرىگە رەسمى ئۆتۈش ئالدىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر.
   تورنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇش بىلەن سەۋىرچان،سالماقلىق بولۇشنى يېزىش نوقتىسىدىن ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.ناۋادا يېزىش قىزغىنلىقىغا بېرىلىش زىيادە كۈچىيىپ كەتسە گەپ ئەخلىتى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مىقداررى ئېشىپ بارسىمۇ يېزىش سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلىشىگە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ.مېنىڭچە «تۇنجى ئەسەر» دىن باشقا پىشمىغان «يېڭى ئەسەرلەر»گە يازغۇچىلار مۇنبىرىدە چەك قويۇلىشى كېرەك.بۇ گېپىم ئارتۇقچىدۇر.لېكىن تېما كۆپ بولسىمۇ سۈپەتلىك تېمىنىڭ ئازلىقى يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ بۈگۈنكى كۇرسىنى چۈشۈرۋاتقان موھىم ئامىلدۇر.قەلەم ئىگىلىرىنىڭ سۈپەتسىز ئەسەر يېزىش ۋە يوللاش ۋەزىپىسى يوق.باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ سۈپەتسىز ئەسەرلەرنى تەستىقلاش ۋە ئېلان قىلىش ۋەزىپىسى يوق.

     ناۋادا  «ئەسەر »گە يۈز  كېلىشنى ئويلىماي،ئۆرۈلۈپمۇ-چۆرۈلۈپمۇ يېزىشنىڭ ۋە ئېلان قىلىشنىڭ كويىغا چۈشسەك ھەم شۇ مەخسەت ئۈچۈن تورغا كىرىشنى ۋاستىگە ئايلاندۇرۋالساق ھەقىقەتەن دۆتلىشىپ كېتىمىز.ئالدىغا چامداش ئەمەس كەينىگە چېكىنىش يۈز بېرىدۇ. بىر يىلدا نەچچە يۈز پارچە ئەسەر يېزىش ياكى ئېلان قىلىش ۋەزىپىسى ھېچكىمگە چۈشۈرۈلگىنى يوق....بۇ ئويلىنىشقا تېگشلىك مەسىلە.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش