ما جىدەلنى،

لېكىنغۇ سىلى ئۆزلىرى دىيىشىپ دوست تارتىشىپ شېرىن-شېكەر ماختىشىپ ئېغىز بۇرۇن يالاشقاندىن، مۇشۇنداق بولغىنىمۇ بەك ياخشى.
ئەمما لېكىن ئەسەرلەرگە باھا بېرىشتىمۇ مۇشۇنداق قىزغىن بولسا گۈلى گۈلىگە نەق كېلەتتى.
بەزىلەرنى بۇ مۇنبەرگە مەخسۇس ماختاش ھەم ماختىلىش ئۈچۈنلا كىرگەندەك، ماختايدىغان ئادەم چىقمىسا ئۆزى قوپۇپ ماختىۋالدىغاندەكلا بىلىمەن.
كىچىككىنە قوپاللىقنى كۆرسە بىر قىسىملار ئۆمرىدە بىرەر ئېغىز سەت گەپ ئاڭلاپ باقمىغاندەك، ياكى دەپ باقمىغاندەك قىلىشىپ كېتىدىكەن، ئاچچىق بولسىمۇ ھەق گەپنى ئاڭلىغۇلۇق، ئىدىيىسىدىن ئۆتمىسە تالىشىپ باققۇلۇق...