كۆرۈش: 1925|ئىنكاس: 46

«يازغۇچىلار(يېڭى)مۇنبىرى» توغىرسىدا ئەزىز ھېيت كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1138
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2959
تۆھپە : 1
توردا: 499
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 03:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يازغۇچىلار (يېڭى ) مۇنبىرى» توغىرسىدا

ئەزىز ھېيت كۈن

ھەش-پەش دېگۈچە يېڭى مۇنبەر ئېچىلىپ يولغا قويۇلغىلىمۇبىر يېرىم يىل بولاي دەپتۇ.بۇ جەرياندا مەزكۇر مۇنبەر ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.مەن ئۆز تەسىراتىمنى باھا بەرگۈچى سۈپىتىدە ئەمەس مەزكۇر مۇنبەرنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم.ئەمىليەتتە مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ئىشتىتراك قىلغۇچىلىرى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا مەزكۇر مۇنبەرنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئوخشاشلا باراۋەرلىككە ئىگە.مەزكۇر مۇنبەر بارلىق ئەزالارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھازىرلانغان ئىجادىيەت سورۇننى.بارلىق ئەزالار ئەدەبىياتقا بولغان تەلپۈنۈشۈشىنىڭ تۈرتكىسىدە مەزكۇر مۇنبەرگە جەم بولۇپ مەزكۇر مۇنبەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆز قابىليىتىگە يارىشا ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ.شۇنداق بولغاچقا مەزكۇر مۇنبەر ھەققىدىكى تەسىرات ۋە چۈشەنچىسىنى ماقالە ئارقىلىق ياكى ئىنكاس شەكلى ئارقىلىق بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق.ئۇنداق قىلىش مەزكۇر مۇنبەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈندۇر.مەن مەزكۇر مۇنبەر ھەققىدىكى تەسىراتىمنى مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكىدىن ئىبارەت ئىككى نوقتىغا يىغىنچاقلاپ بايان قىلىمەن.
1: يازغۇچىلار يېڭى مۇنبىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى
   كونا مۇنبەر بىلەن باغلىنىشى نوقتىسىدىن قارىغاندا : سەھىپىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى شۇنداقلا كۆزنەكنەك ئېچىلىشىنىڭ سۈزۈكلىكىنىڭ ئېشىشى،كۆپ خىل ئىقتىدار ھەم كۆپخىل مەشغۇلات سېسىتمىلىرىنىڭ سەپلىنىشى،تېخنىكىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ كۆپ خىللىشى جەھەتتىلا ئەمەس يېڭى ئارزۇ،ئىرادە بىلەن كەڭ قەلەم ئىگىلىرىگە يېڭى بىر سەھنە ھازىرلاپ بېرىش جەھەتتىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار بىلەن كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولدى.مۇنبەر كۆزنىكىگە يانداشقان ھالدا مەزكۇر مۇنبەرنىڭ يانفۇن نۇسخىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى،باش بەتتىكى ئۇچۇر كۆزنەكلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى،ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھىپىسى،«خانتەڭرى تور ژورنىلى» نىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى ،مەتۇباتلار –ژورناللار كاتولۇگىدىن باشقا مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستانىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانىسى بىلەن تور ئۇلىنىشىغا ئىگە قىلىنغانلىقى مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ئىجادىيەت سەھنىسى بولۇش رولىدىن باشقا ئەدەبىيات ھەققىدە مول ۋە كەڭ بولغان ئۇچۇر تارقىتىش،بىلىم يەتكۈزۈش كۆزنىكىگە ئىگە قىلىنغانلىقى كۆڭۈللەرنى سۆيۈندۈردىغان ئەھۋالدۇر.
  مەزكۇر مۇنبەر بىلەن سەھىپە باشقۇرغۇچىلار،-مۇھەرىرلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا : ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىش ئوچۇق ئېيتقاندا ئىلگىركى كونا مۇنبەردىكى ئەدەبىيات ئۈچۈن بەدەل تۆلىگۈچىلەرنىڭ ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بوش قېلىش ئالدىدا تۇرغان ئورنىنى بەدەل تۆلەشنى خالايدىغان يېڭى كۈچلەرنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي تولۇقلاپ كەلگەنلىكى ئەدەبىيات ئۈچۈن قۇربان بەرگۈچىلەرنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان دەلىلدۇر.چۈنكى مۇنبەر مۇھەرىرلىكى نەشىريات،ژورنال،گېزىت مۇھەرىرلىكىگە ئوخشىمايدىغان پىداكارلىق خاراكتىرىگە ئىگە ۋەزىپىدۇر.ئۇرۇش دەۋرىدە پىدائى دېگەن ئۇقۇم تاماسىز ھالدا ئۇرۇش-جەڭگە جېنىنى ئاتىغانلارنىڭ نامىنى بىلدۈرەتى.تېنچلىق دەۋرىدە يەنى بۈگۈنكى دەۋردە بولسا ھېچقانداق بىر ئورۇندىن (ئىدارە-ئورگان،كەسپى ئورۇن،كارخانا-شىركەت،ھېچقانداق بىر ئاممىۋىي تەشكىلات) ھەق-ئىقتىسادىي كىرىم تەلەپ قىلماي،ھەقسىز ھالدا خىزمەت قىلىشنى تاللايدىغانلارنىڭ نامىنى بىلدۈردىغان بولدى.تور مۇنبەرلىرىنىڭ جۈملىدىن مەزكۇر مۇنبەرنىڭ مۇھەرىرلىرى ئەنە شۇنداق پىدائى دەپ بولۇپمۇ ئەدەبىياتنىڭ پىدائىلىرى دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ.چۈنكى ئۇلار قوش بەدەل تۆلىگۈچىلەر ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار بىرىنچىدىن ھەق ئالماي مۇھەرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىسە ئىككىنچىدىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقتىنى قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈش ۋە تاللاشقا ئاتىۋېتىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇھەرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈچ يىل قىسقا بولغاندا بىر يىل ئۆتىسۇن ئىقتىسادىي جەھەتتە،ۋاقىت جەھەتتە،ئەقىل ۋە زېھىن جەھەتتە بەدەل تۆلەيدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلىنى ھەرگىز تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ.لېكىن ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلىگە يارىشا ئېرىشىدىغان شەرىپى بولۇپمۇ قوشىدىغان تۆھپىسىنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ.مۇنبەر مۇھەرىرلىرىنى مىڭ ئېغىز ماختىغاندىن كۆرە مېنىڭچە بىر جۈملە بىلەن سۈپەتلىگەن تۈزۈك:مەلۇم جايدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۆز مەكتىپىدىكى نەچچە يۈز ئۆسمۇرنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئاچسا مەزكۇر مۇنبەردىكى بىر مۇھەرىر پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەدەبىيات سەھنىسىگە قەدەم قويغان نەچچە مىڭلىغان قەلەم ئىگىسىنىڭ قەدىمىگە شوتا بولۇش رولىنى ئوينايدۇ! ئارتۇق سۆزلەش ھاجەتسىز.سالامەتلىك ئەھۋالى،ئائىلە ئەھۋالى،خىزمەت،كەسىپ بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مۇھەرىرلەرنىڭ ئالمىشىپ تۇرىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.چۈنكى ئادەمنىڭ تېنى گۆشتىن يارالغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئادەم دائىم ئەۋزەل ھالەتتە تۇرىۋەرمەيدۇ.ئۇنداق ياكى مۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ.مېنىڭچە مەزكۇر مۇنبەردىكى مۇھەرىرلەرنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئايەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.ئۇلار ئومۇمىي جەھەتتە مەزكۇر مۇنبەرنىڭ شۇنداقلا ئۆزلىرى مەسۇل سەھپىنىڭ ياخشى بولىشىغا چىن نىيىتى بىلەن كۆڭۈل بۆلسە كونكىرېت جەھەتتە ھەر بىر مۇنبەر ئەزاسىنىڭ يوللىغان ئەسەرلىرىگە،ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ يېتەكلەش بۇرچىنى ياخشى ئورۇنلاپ كېلىۋاتىدۇ.مۇنبەرنىڭ ۋە سەھىپىلەرنىڭ سىغىمىنىڭ كەڭلىكى،قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەر يوللاش قىزغىنلىقىنىڭ كۈچلۈكلىكى سەۋەبىدىن ھەپتە ئىچىدە ئەمەس بىر كۈن ئىچىدە مۇنبەردە ئېلان قىلىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ سانىمۇ كۆپ بولۇپ كەلدى.شۇنداق بولغاچقا ئۇلار ژورنال مۇھەرىرلىرىگە ئوخشاش ھەربىر ئەسەرنى سەككىز خىل نوقتىدىن سەككىز قېتىم كۆرۈپ چىقىشقا ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالمايدۇ.شۇڭا ئۇلارنى توغرا چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
  مەزكۇر مۇنبەر بىلەن باشقا تور مۇنبەرلىرىنىڭ ئەدەبىيات سەھىپىسىنىڭ باغلىنىشىدىن قارىغاندا : ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ئەدەبىيات جەھەتتە يازغۇچىلار مۇنبىرىدەك مۇكەمەل ئەدەبىيات سەھپىلىرى،كۆزنەكلىرىگە ئىگە يەنە بىر مۇنبەر مەۋجۇت ئەمەس.ئېلان قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تۈرىنىڭ كۆپ خللىقى،سانىنىڭكۆپلىكى،سۈپىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى جەھەتتە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرچە تور مۇنبىرى «يازغۇچىلار مۇنبىرى»نىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.مەن ئۆتكەن يىل 10-ئايدىن بۇ يىل 3-ئايغىچە ئۇيغۇرچە نۇرغۇن تور مۇنبەرلىرىنى ،داڭلىق مۇنبەرلەردىكى ئەسەرلەرنى كۆرۈپ چىقىپ يۇقۇرقى يەكۈنگە كەلدىم.مەزكۇر مۇنبەردە باشقا مۇنبەرلەرگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بار.بىرى:ساپ ئەدەبىيات يۆنۈلۈشىدىن قېيىپ كەتمەسلىك جەھەتتە سالماقلىق بار.بۇ ئەھۋال مەزكۇر مۇنبەرنىڭ سەھىپە ئورۇنلاشتۇرلىشىدا روشەن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ ۋە ئىزچىللىشىپ كېلىۋاتىدۇ.ئەدەبىياتقا ئائىت سەھىپىلەر 80%نى تەشكىل قىلسا مەدەنىيەت،سەنئەت،تارىخ،تىل تەتقىقاتى،پەلسەپە،يەر-جاي نامشۇناسلىقى،ئونۋېرسال سەھىپىلەر 20%نى تەشكىل قىلىدۇ.يەنە بىرى:مەزكۇر مۇنبەردە ئەدەبىيات قىزغىنلىقى ئىزچىللىققا ئىگە.
مەزكۇر مۇنبەر بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا ھازىر ئۇيغۇرچە گېزىت-ژورناللاردا ئەسەر ئېلان قىلىۋاتقان قەلەمكەشلەرنىڭ 70-80% تى مەزكۇر يازغۇچىلار مۇنبىرىگە مەركەزلەشكەن.2012-يىللىق ۋە 2013-يىللىق ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ژورناللارنىڭ ۋە گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىي بەتلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىگە نەزەر ئاغدۇرغاندا يۇقۇرقى ھۆكۈم يارقىن لىشىدۇ.مەن كۆرۈپ چىقتىم.ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق.ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھوسۇل بېرىۋاتقان ۋە ھوسۇل بېرىشكە قەدەم قويغان قەلەمكەشلەرنىڭ كۆپۈنچىسى مۇشۇ مۇنبەرگە مەركەزلەشكەن،مەزكۇر مۇنبەرگە ئەسەر يوللاپ ئىلان قىلدۇرۋاتقان قەلەم ئىگىلىرىدۇر.شۇڭا مەزكۇر مۇنبەرگە مۇجەسەملەنگەن قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئىجادىيەت قۇدىرتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئوينايدىغان رولىنى ھەرگىز تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ.كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان قەلەمكەشلەرمۇ مەزكۇر مۇنبەر ئەزالىرى ئىچىدە بەلگىلىك نىسبەتتە بار.يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولغانلارمۇ مەزكۇر مۇنبەر ئەزالىرى ئىچىدە بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىللەيدۇ.
مەزكۇر مۇنبەر بىلەن ئەدەبىي ژورناللارنىڭ ،گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىي بەتلىرىنىڭ شۇنداقلا نەشىرياتلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا :مەزكۇر مۇنبەر ئۇچۇر تارقىتىش رولى ئارقىلىق ئەدەبىي ژورناللارنى،گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىي بەتلىرىنى،ئەدەبىي كىتاپلارنى تەشۋىق قىلىش رولىنى ئويناپ كېلىۋاتىدۇ.ئەدەبىي ژورناللارنىڭ مۇندەرىجىسىنى،گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىي بەتلىرىنى،نەشىرياتلار نەشىر قىلغان يېڭى كىتاپلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بېرىش مەزكۇر مۇنبەر تارقىتىپ كېلىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ 70%تىنى تەشكىل قىلىدۇ.ئۇچۇر تارقىتىش جەھەتتە مەزكۇر مۇنبەر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا،ۋىلايەت،ئوبلاستلاردا،ناھىيەلەردە بولغان ئەدەبىي پائالىيەت،مۇھاكىمە يىغىنلىرى، خاتىرلەش يىغىنلىرى ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشتىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئەدەبىي ئۇچۇرلار نىمۇ يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ.قىسمەن ھالدا چەتئەلدىكى ئەدەبىي ئۇچۇرلارنىمۇ يەتكۈزۋاتىدۇ. ئۇچۇر يەتكۈزۈش جەھەتتىكى رولى ۋە ئەسەرئىلان قىلىشتىكى كەڭ سىغىمى،سەھىپە مۇكەمەللىكى شۇنداقلا ئەڭ كۆپ ساندىكى قەلەم ئىگىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر يازغۇچىلار مۇنبىرى ئەدەبىيات سەھنىسى بولۇش رولىنى ئويناش جەھەتتە ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ژورنال ۋە ھەرقانداق بىر نەشىرياتنى بېسىپ چۈشتى.
  مەزكۇر مۇنبەر بىلەن مەزكۇر مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا :مەزكۇر مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يەنى مەخسۇس ئەدەبىيات مۇنبىرىگە ئۇيغۇن بولۇش –ماس كېلىش دەرىجىسى 90%دىن ئېشىپ كېتىدۇ.بۇ مەزكۇر مۇنبەرگە ئەزا قۇبۇل قىلىش ئۆتكىلىنىڭ ناھايىتى قاتتىق تۇتۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.گەرچە مەزكۇر مۇنبەر ئەزالىرى ياش قۇرۇلمىسى جەھەتتە ياشلار پۈتكۈل مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ 90%نى تەشكىل قىلسىمۇ ئەدەبىياتقا بولغان تەلپۈنۈش بارلىق ئەزالارنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقىنى تەشكىل قىلغان ئامىلدۇر.ئەدەبىياتقا چىن نىيىتى بىلەن قىززىقمايدىغانلارنىڭ مەزكۇر مۇنبەرگە سۇقۇنۇپ كىرىۋىلىش ئەھۋالى يوق . «مىسرانىم» قاتارلىق مۇنبەرلەردىكىدەك قارا قورساقلارچە ئادەم تىللاشنى شەرەپ بىلىدىغان ئەزالار مەزكۇر مۇنبەردە يوق.ئەدەبىي دىت يېتىلدۈرۈشكە ئىنتىلىش ۋە ئىلمىي بولۇش مەزكۇر مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكى.ئەسەر يوللاپ ئېلان قىلدۇردىغانلار مەزكۇر مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلسا قىزغىن ئوقۇرمەن بولۇش ۋە نادىر ئەسەرلەرگە ھىرىسمەن بولۇش مەزكۇر مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ بەلگىلىك قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.ئەدەبىيات چوڭ مەخسەت بولغانلىقتىن ۋە شۇ چوڭ مەخسەتكە بارلىق ئەزالار ئۇيغۇنلاش قانلىقتىن مۇنبەر ئەزالىرىدا ئىناقسىزلىق ئەھۋالى،گۇرۇھ بولۇپ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چەتكە قېقىش ئەھۋالى يوق.ئەزالارنىڭ ئەدەبىي قاراش جەھەتتە كونكىرېت پەرقلىرى مەۋجۇت.ھەممىسى خاس ئۆز يولىدا يۈكسىلىۋاتقانلىقتىن ئىناقلىققا،ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ ئىتپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋال يوق.ئەكسىچە يۇرتى،سالاھىيىتى،ئىجتىمائى ئورنى،سەۋىيىسى،قىزىقىشى،ياش قورامى، جىنسى ئوخشاشمىسىمۇ ئەدەبىياتقا بولغان قىززىقىشى ئوخشاش بولغانلىقتىن ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان،كۆيۈنىدىغان،مەدەت-ئىلھام بېرىدىغان ياخشى ئەدەبىي ئىستىل ۋە ئادىمىي پەزىلەت ئىزچىللىققا ئىگە بولىۋاتىدۇ.
مەزكۇر مۇنبەر بىلەن مەزكۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ باغلىنىشىدىن قارىغاندا: مەزكۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ 70%تى مەتۇباتلارنىڭ ئېلان قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن.مۇشۇنىڭ ئۆزى خېلى چوڭ نەتىجە.چۈنكى مەزكۇر مۇنبەردىكى قەلەم ئىگىلى رىنىڭ 70%تىنىڭ قەلىمى پىشقان قەلەمكەشلەر بولۇپ،ئەسەرنى يېزىش،يوللاش،تەھرىرلەشكىچە ئاساسەن ئۆزىگە تايىنىدۇ.بولۇپمۇ تەھرىرلەش جەھەتتەمەزكۇرمۇنبەردىكى   «تەھرىرلەش »كۆزنىكىدىن پايدىلىنىپ يوللاش ئالدىدا ۋە يوللاپ بولغاندىن كېيىنمۇ تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىپ ئىنچىكە ھالقىلارنى ۋە ئىملانى ،خەت تىزىلىشنى قايتا-قايتا تۈزىتىدۇ.«تەھرىرلەش»كۆزنىكىنىڭ بولۇشىمۇ قەلەم ئىگىلىرىنىڭ تەھرىرلەشنى ئۈگىنىشدىكى بىر ئەۋزەللىكتۇر.گېزىت-ژورناللاردا ئەسەر ئىلان قىلىشتا قەلەم ئىگىلىرى ئۇنداق ئەۋزەللىككە ئېرىشەلمەيدۇ.شۇ نوقتىدىن قارىغاندا مەتۇبات ئەدەبىياتىغا قارىغاندا تور ئەدەبىياتىنىڭ قەلەم ئىگىلىرىگە تەھرىرلەش،كورۇكتۇرلۇقنى ئۈگىنىشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.ئەسەر يېزىش ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىق جەھەتتە بىلىمگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلغاندەك مۇھەرىرلىكمۇ مول بىلىم بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.بىر قىسىم يېڭى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئەسەرنى سۈپەتلىك يېزىش جەھەتتىلا ئەمەس تەھرىرلەش جەھەتتە روشەن ئىلگىرلەشنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى مەزكۇر مۇنبەردىكى كىشىنيى خوشال قىلىدىغان ئەھۋالدۇر.مەزكۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنى ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ.بىرىنچىسى:نادىر ئەسەرلەر بولۇپ مەزكۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ تەخمىنەن 25%نى تەشكىل قىلىدۇ.دېيىشكە بولىدۇ.ئىككىنچىسى:سۈپەتسىز-مەشق ئەسەرلەر بولۇپ،بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرمۇ 25%نى تەشكىل قىلىدۇ.ئۈچۈنچى :ئوتتۇراھال ئەسەرلەر يەنى ياخشىمۇ ياكى ناچارمۇ ئەمەس ئىسسىقى ياكى سوغۇقى يوق ئىلمان ئەسەرلەر بولۇپ بۇ خىل ئەسەرلەر 50% نى تەشكىل قىلىدۇ.ياخشى ئەھۋال شۇكى نادىر ئەسەر يازىدىغانلار بارغانسىرى تېخىمۇ نادىر يېزىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ.ناچار ئەھۋال شۇكى :ئىلمان ئەسەر يازىدىغانلارنىڭ ئىجادىيىتىدە داۋاملىق ئىلمان ئەسەر يېزىشتىن باشقا ئەھۋال يۈز بەرمەيۋاتىدۇ.قىزىقارلىق ئەھۋال شۇكى :ناچار،مەشق ئەسەر يازىدىغانلار نادىر ئەسەر يازىدىغانلارنىڭ ۋە ئۆزىگە بېرىلگەن تەنقىدنىڭ تەسىرىدە ياخشى ئەسەر يېزىشقا،ئىجادىيەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ.قوشقۇندا ئولتۇرۋالغىنى-بىر ئىزغا چۈشىۋالغىنى ئىلمان ئەسەر يازىدىغانلار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.ئۇلار بەك كۆپ ئەسەر يوللايدۇ لېكىن ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلمان.ئۇلار سۈپەت جەھەتتە ئەمەس سان جەھەتتە ئىلگىرلەشكە ئېرىشكۈچىلەر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.ژانىرلار بويىچە ئېيتقاندا مەزكۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان شئېىرىي ئەسەرلەر ئەڭ ئاساسى سالماقنى ئىگىللەيدۇ.پىروزا ئەسەرلىرى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئورۇندا،ئوبزور-مۇھاكىمە ماقالىلىرى ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.باشقا سەھپىدىكى ئەسەرلەر ئاز نىسبەتنى ئىگىللەيدۇ.ژانىر جەھەتتىن ئېيتقاندا مەزكۇر مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئەھۋالى شۇنداق.بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاساسلىقى مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ قىزىقىشى ھەم ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق.
2:يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەر
ئېلان قىلىنغان نادىر ئەسەرلەر ھەققىدىكى مۇھاكىمە ،باھا،مۇنازىرە كەم.ئۇنداق بولىشىدا مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ئومۇممىي جەھەتتىكى ئىتپاقلىقى ياخشى بولسىمۇ ئىچكى جەھەتتە نادىر ئەسەر ھەققىدىكى پىكىر ،قاراش بىردەكلىكىنىڭ كەم بولۇشى ئاساسلىق سەۋەپتۇر.مەلۇمكى قىزىقىش،ئىستىتېك تەلەپنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئوخشىمىغان ئۇسلۇپتىكى،يۈزلىنىشتىكى ،بەدىي سەۋىيەدىكى ئەسەرلەرنىڭ يارىتىلىشىغا ئاساس بولغان.يېڭىچە شئېىريەت ئۇسلۇبىدا ئەڭ ياخشى بەدىي سەۋىيەدە يېزىلغان بىر شئېىر ئېلان قىلىنسا ئۇنىڭ نادىر شئېىر ئىكەنلىكىنى ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇپتا شئېىر يازىدىغانلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي قارىشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۇنى ئېتراپ قىلىشى كېرەك.بىر غەزەل كىلاسسىكلارنىڭ بەدىي سەۋىيىسىدە ئەڭ ئېسىل دەرىجىدە يېزىلغان بولسا يېڭىچە شئېىريەت ئۇسلۇبىدا شئېىر يازىدىغانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىي قارىشىنى قايرىپ قويۇپ ئۇنى ئېتراپ قىلىش كېرەك.چۈنكى ھەر ئىككىلىسى ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتلىك قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن.شۇ چوڭ نوقتىدا ئورتاقلىق بولغانكەن شەخسى قاراش ۋە ئۇسلۇپتىكى پەرقنى قايرىپ قويۇپ چوڭ نوقتىدا بىرلىككە كېلىش ،ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئېتراپ قىلىش كېرەك.لېكىن شۇنداق چوڭ جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ كونكىرېت جەھەتتە خاسلىقنى –پەرقنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش بارلىققا كەلگىنى يوق.گۈللەرنىڭ ھەممىسى پۇراقلىق بولسىمۇ لېكىن رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ.شۇنىڭدەك ئەدەبىي ئەسەرلەر بەھرلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ لېكىن ژانىرى ۋە يېزىلىش ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمايدۇ.بۇ ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە.
  مەزكۇر مۇنبەردە شئېىريەتتىن باشقا سەھىپىلەردىكى سالمىقى ئېغىر بولغان ئەسەرلەرگە قىزىقىدىغان ئەزالار ئاز.لېكىن كىچىك تىپتىكى يۈزەكى،ھادىسىلىك رولى بار تېمىلارغا قارىتا مۇنازىرە قوزغالغان بولسا قىزىقىدىغان ئەزالار –ئەگەشكۈچىلەر كۆپ.بىر ئەسەرگە چۈشكەن ئىنكاسنىڭ ناھايىتى كۆپ بولىشى ۋە كۆرگۈچى ئادەم سانىنىڭ ناھايىتى كۆپ بولىشى شۇ ئەسەرنىڭ قالتىس ئېسىل ئەسەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى ھەيرانلىق قوزغاش خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈك لېكىن ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن تىز ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان ئەسەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.بەزى سالماقلىق ئەسەرلەر ئۇزاق ۋاقىتقىچە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ.بايقايدىغان قەلب بولسىلا بايقۇغۇچىغا مەنپەت بېرەلەيدۇ.مەنپەت بېرىشى ئۇزاققىچە داۋام قىلىدۇ.مەزكۇر مۇنبەردە قەتئى تۈزىتىلمەي ياكى يوقالماي كېلىۋاتقان ئەھۋال شۇكى بىر قەلەمكەشنىڭ ئەسىرىگە بەش-ئون ئادەم ياخشى بوپتۇ دەپ باھا بېرىدىغان كەينىدىن ئەسەر ئىگىسى ئون ئىنكاسىچىغا يىغىپ بىر قېتىم رەخمەت ئېيتىش ئەمەس ئون ئىنكاسچىنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمى ئون قېتىم ھەمدۇ-سانا ئېيتىدىغان،شۇ ئارقىلىق ئەسىرىنى «ئىنكاسلىق تېمىلار»قاتارىغا كىرگۈزىدىغان ئاندىن «ئاۋات تېمىلار»قاتارىغا ئۆتكۈزىدىغان شۇ ئارقىلىق كۆرگۈچىلەر سانىنى مەخسەتلىك كۆپەيتىدىغان خوشاماتچىلىك ئەھۋالى مەۋجۇت.كىم ئىكەنلىكى،قايەرلىك ئىكەنلىكى بىلەن ھېساپلاشماي ئەسىرى ياخشى بولسا قانداق ياخشى،ناچار بولسا قانداق ناچار ئىكەنلىكىنى ئېيتىش زۈرۈر ئەمەسمۇ؟ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى گۆللەشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟ قەلەمكەشلەردىكى ئەڭ ياخشى پەزىلەت ھەققانىيلىق ۋە تاماسىزلىق ئەمەسمۇ؟
  مەزكۇر مۇنبەردىكى يېتەرسىزلىكلەر ئاز ئەمەس.«ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك »دەپ مەزكۇر مۇنبەردىكى يېتەرسىزلىكلەر شۇنداقلا ئارتۇقچىلىقلار ھەققىدە مەزكۇر مۇنبەردىكى ئەزلارمۇ پىكىر قىلىپ باقسۇن.كۆپچىلىكنىڭ بۇ جەھەتتە پىكىر قىلىشى مەزكۇر مۇنبەرنى قارغۇلارچە كۆككە كۆتىرىش ئەمەس ياكى نادانلارچە يوققا چىقىرىش ئەمەس.بەلكى مۇنبەردىكى ئارتۇقچىلارنى يەكۈنلەپ،يېتەرسىزلىكلەردىن ساۋاق ئېلىپ،مەزكۇر يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرىلىشى ئۈچۈندۇر.ئەلۋەتتە.
  كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەر (ھەرگىزمۇ بىر ئەزا ياكى بىر ئەسەر ئۈستىدە ئەمەس.ئۇنداق قىلىشقا توغرا كەلسە ئايرىم تېما بەلگىلەپ مەخسۇس ماقالە يازسا ئەلۋەتتە بولىدۇ.) ئۈستىدە چىن نىيىتى بىلەن سەمىممىي پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  133
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 426
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 09:10:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكرار تېما .
بىر جۈملىلىك مۇلاھىزە دىگەن تېمىمۇ ئەسلى مۇشۇنداق دىمەكچى ئىدىغۇ دەيمەن ؟
مۇشۇ پىكرىڭىزنى شۇ يەردىلا دىسىڭىزچۇ كاشكى . چۈنكى ئۇ يەردە سىزنىڭمۇ نامىڭىز  زىكرى قىلىنغان ئىدى .
مەن سىزگە ئۆتكەن يىل ئېلىكتىرونلۇق قىمارخانىنى تاقىۋېتىڭ دىسەم گېپىمنى ئاڭلىماي قويدىڭىز ، ئاقىۋەت قانداق بولدى ؟ بەش ئالتە ئادەم ئۆلدى . شۇنىڭ بىلەن تاقالدى .
ئەمدى رازى بولغانسىز ؟

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1138
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2959
تۆھپە : 1
توردا: 499
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 10:19:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆچۈرۈلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-1 16:14  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1039
تۆھپە : 7
توردا: 241
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى خېلى ئەتراپلىق ئوتتۇرغا قويۇپسىز، لېكىن كەمچىلىكلىرى، يەنى نىمە ئۈچۈن كونا مۇنبەردىكى جۇشقۇن كەيپىياتنىڭ يېڭى مۇنبەرنىڭ قىقسا مۇددەتلىك توختاپ قېلىشى بىلەنلا بارغانسىرى بىر خىل ئىلمان ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈلىشى كېرەك ئىدى. بەلكىم بۇ تەرەپنى كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىگە تاشلىغانسىز. بۇ مەسىلە ھەم مۇنبەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئىدى، قېنى باشقىلارمۇ پىكىر قىلىپ باقسۇن، بىزمۇ بىلگىنىمىزنى دەپ باقارمىز.

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 386
تۆھپە : 0
توردا: 67
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:10:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆپ ،بۇنى دەپ تۈگۈتۈپ بولمايدۇ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئەيتىمىز.يىتەرسىزلىك دېگىنىم،گېزىتلەردە ئىلان قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يوللىساممۇ ئەخلەت قاتارىغا تاشلىۋىتىدۇ ،مەن تازا چۈشۈنەلمىدىم،مۇمكىن بولسا ئەسەرنىڭ ئەخلەت قاتارىغا كىرىپ قىلىشنىڭ سەۋەبىنى يىپىق ھالدا  بولسىمۇ چۈشەنچە بىرىپ قويغان بولسا،خاتالىقلىرىمىزنى تۈزۈتۈپ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە پايدىسى بولار ئىدى دەپ قارايمەن،رەھمەت

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  220
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 46
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 13:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىسى توغرۇلۇق ۋىجدانەن پىكىر قىلغان،مۇنبەرنىڭ  ‹‹ بۇرۇختۇم›› ھالىتىگە خاتىمە بىرىش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئەزىز ھېيت كۈن ئەپەندىنىڭ خالىس نىيىتىگە ئاپىرىن،مۇنبەرگە كىرىپ چىقىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئويلىسا ،مۇشۇنداق قىلسا قانداق ياخشى ئىدى ھە ، ئەپسۇس....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 228
تۆھپە : 12
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 14:03:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆسەر يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 12:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز ھېيت كۈن ئەپەندى، تېمىڭىزغا ...

يازغۇچىلار مۇنبىرىنى قارا قۇيۇق ئىنكار قىلغۇچىلار ،سىلەرگە بىر تەكلىپ ؛-ئەمىسە ياخشى بىر ئەدەبى بەتتىن بىرنى قۇرۇپ رۇياپقا چىقارمامسىلەر ؟ شۇ قۇرغان بېتىڭلاردا ھېچ بولمىسا ئەدەبى ئىجادىيەتنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرى بارلىققا كەلسۇن  .بىزدە ئۈزى بىر باش چامغۇر تېرىماي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ خالىس ئەمگىگە ،ھەقسىز ئەمگەك مىۋىسىگە  قازىلىق قىلىدىغانلار  كۆپ .ئەلۋەتتە يازغۇچىلار مۇنبىرىمۇ  يىتەرسىزلىكەردىن خالى ئەمەس ...تېخى تۇلۇقلاشقا تەترىجى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىگىشلىك تەرەپلىرى بار  ...شۇڭا نىمە دەپ مۇشۇ بىردىن بىر ھۈكىمەت باشقۇرىشىدىكى ئەدەبى تور بېتىمىزنى ،قارا قۇيۇق ئىنكار قىلغۇدەكمىز ؟يەنە ئەمدىلا يىتىلىۋاتقان بۇ بېغىمىزنى «ئۈمۈت يوق !بەرى-بىر  ياخشى مىۋە بەرمەيدۇ »دەپ قاراپ مەسئۇلىيەتسىز پۇزۇتسىيە تۇتقىدەكمىز؟
مەن ئەجىر قىلىش تەرەپتادى .ئەزىز ھېيىت كۈن ئەپەندى  ئەجرىڭىزگە رەھمەت .سالامەت بۇلۇڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-31 16:08  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 613
تۆھپە : 0
توردا: 105
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 14:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدەن يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 12:10
مۇنبەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆپ ،بۇنى دەپ تۈگۈتۈپ بولمايدۇ ...

مېنىڭ قارىشىم: گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ بولۇنغان ئەسەرنىڭ بۇ مۇنبەردە قايتا ئېلان قىلىنىشى-ئارتۇقچە دەپ قارايمەن. چۈنكى، بۇمۇ نۆۋىتىدە بىر ئەدەبىي ژۇرنال!.... سىز ئويلاپ بېقىڭ،  بىر قېتىم ئېلان قىلىپ بولغان ئەسەرنى سىز قايتا باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرالامسىز. تاسادىپىي ھالدا ئېلان قىلىنىپ كەتتىمۇ-دەيلى، سىزگە قانچىلىك خوشاللىق ئېلىپ كېلەر؟....
...........
شۇڭا، باشقۇرغۇچى مۇھەررىرلەرنىڭ قىلغىنى تامامەن توغرا!

ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 613
تۆھپە : 0
توردا: 105
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 14:13:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكۈر يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 09:10
تەكرار تېما .
بىر جۈملىلىك مۇلاھىزە دىگەن تېمىمۇ ئەسلى  ...


مەن سىزگە ئۆتكەن يىل ئېلىكتىرونلۇق قىمارخانىنى تاقىۋېتىڭ دىسەم گېپىمنى ئاڭلىماي قويدىڭىز ، ئاقىۋەت قانداق بولدى ؟ بەش ئالتە ئادەم ئۆلدى . شۇنىڭ بىلەن تاقالدى .
ئەمدى رازى بولغانسىز ؟..
..............
بۇ راستما شۈكۈر ئەپەندىم..... بەكمۇ ئەپسۇس-ئەپسۇسلۇق ئىش بوپتۇغۇ....

مەن بىر ئەدىبتىن بۇنداق  يامان ئاقىۋەتلىك"تىجارەت'' -مىللىتىمىز ياشلىرىنى ئازدۇرىدىغان پاجىئەلىك قىسمەتكە سەۋەبچى بولۇپ قالىدىغان  نەتىجىلىك بولمىغۇرلۇقنى ئەسلا ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-31 14:16  


ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1138
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2959
تۆھپە : 1
توردا: 499
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 17:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆچۈرۈلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-1 16:13  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3332
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 87
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 17:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ئەيسا يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 14:03
يازغۇچىلار مۇنبىرىنى قارا قۇيۇق ئىنكار قىلغۇچىلار ،س ...


ۋائەلەيكۇم ئەسسالام، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز ئەيسا ئەپەندىم، مېنىڭ سۆزۈمدىن «قارا-قويۇق» ئىنكار قىلىش مەنىسى كېلەمدۇ، يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل قاراپ باقسىڭىز. «يازغۇچىلار مۇنبىرى»نى قارا-قويۇق ئىنكار قىلىدىغانلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن چىقىدۇكى، مەندىن چىقمايدۇ. مەن بۇ مۇنبەرگە «قارا-قويۇق ئىنكار قىلغان»لارنىڭ گېپىنى ئاڭلاي دەپ كىرىپ قالدىم. ئىشەنمىسىڭىز باشقا تېمىلارنى تىمىسقىلاپ بېقىڭ...
مېنىڭ پوزېتسىيەم مۇنداق:
ھەممە يازغۇچىنىڭ چوقۇم تورغا ئەسەر يوللاش، كۈندە توردا مۇنازىرە قىلىپ تورنى جانلاندۇرۇش ۋەزىپىسى يوق، تور دېگەنگە شۇ ھەۋەسكارلار كىرىدىغان يەر. يازغۇچى دېگەن ئۆيىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ، تەرلەپ-پىشىپ ئولتۇرۇپ، جېنىنى تاتىلاپ ئولتۇرۇپ، سىرتتىكى ئويۇن-تاماششا، سەيلى-ساياھەتنىڭ، توردىكى قىزىقچىلىقنىڭ مېھرىدىن كېچىپ تۇرۇپ ئەسەر يازىدىغان ئادەم.
شۇڭا بۇ تور «مۇشۇنداق بولىۋەرسۇن» دېدىم.
سىز مېنىڭ گېپىمنى يىرىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىڭىز بوپتىكەن ئاۋۇ سالاپىتىڭىز بىلەن.
مەن مەزكۇر گېپىم ئارقىلىق ئەزىز ھېيت كۈن بىلەن نۇربەگنىمۇ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە مۇناسىپ بولمىغان بۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرمىسىكەن، تور دېگەننى بىركىمنى زورلاپ قىچقىرىپ ئېلىپ كېلىپ قىزىتقىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس دېيىش ئارقىلىق ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلغۇچە رەسمى ئەسەر يېزىڭلار دىمەكچى. ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسىز...
مەن "قارا قويۇق ئىنكار قىلمىدىم، تېخى ئەكسىچە No, can't say that

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-31 17:41  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3332
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 87
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 17:48:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، مېنىڭ بۇ مۇنبەرنى تەنقىت قىلىشتەك بۇنداق نازۆرىرىيەتكە پاسسىپ پوزېتسىيە تۇتۇشۇمنى توغرا تاپمىغان باشقۇرغۇچى خادىملار ئىنكاسىمنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلاپتۇ. زادى مەسىلە ئاز ئەمەسكەن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3332
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 87
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 18:02:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن:بۆسەرنىڭ پىكرىگە رەنجىمىدىم.چۈنكى ھەربىر ئادەم بىلىمى ۋە كۆزقارىشى ئاساسىدا سۆزلەيدۇ.كىمنىڭ شەەخسى غەرەزدە ياكى كۆپچىلىكنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئەقىللىق تورداشلار بايقاپ يېتەلەيدۇ.

بۆسەر: ئەپەندىم، مېنىڭ گېپىمدىن رەنجىمىگەن ئىكەنسىز، ئاۋۇ گېپىڭىزنى قىستۇرۇشىڭىزنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى باركىن؟ مەن سىزنى بۇرۇن مۆلچەرلەپ بولغان، ئۆزىڭىز چۈشەنمىگەن نەرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ كونىراپ شالاقشىپ كەتكەن كاپىراتسىيە ۋاقتىدىكى سەپسەتىڭىز بىلەن ئۇجۇقتۇرۇشقا ئاران تۇرىدىغان ئادەمسىز. پاسئان قاتارلىق ئاۋانگارت ئەدەبىياتنىڭ قىزغىن ياش ۋەكىللىرىگە پايتىمدەك سۆرۈلۈپ يۈرگىنىڭىز تېخى تۈنگۈنگىدەك ئىش.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 859
تۆھپە : 0
توردا: 150
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-12

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 18:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاغلىقتۇر دۈشمەننىڭ ئەزۋەيلىگىنى،
يامىنى يوشۇرۇن قەسىتلەيدىغىنى.
خەتەرلىك ئەمەسمۇ قاۋىغان ئىتتىن،
ئەركىلەپ تۇرۇپ چىشلەيدىغىنى.

- تېپىپجان ئلىيوف

كۆزۈمگە نۇر زىيا بەردىڭ
كۆرمەككە ئالەمنى يارەب.
دىلىمغا خۇي-ئىشىق بەردىڭ
سۆيمەككە ئادەمنى يارەب...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1138
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2959
تۆھپە : 1
توردا: 499
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 18:11:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆچۈرۈلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-1 16:12  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش