باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • خوشال- خورام ياشاي دېسىڭىز - [تەرمىلەر]

    ھالقىلىق سۆز :تۇرمۇش

    ·قىلىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان، ئەمما قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى قىلىپ بېقىڭ.

    ·ئىلگىرى سىزنى خاپا قىلغان ئادەم ياكى ئىشلارنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ.

    ·دوستىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن كۆپرەك سىردىشىڭ.

    ·باشقىلارنى كۆپرەك ماختاڭ، چۈنكى ماختاش قارشى تەرەپكە بېرىلگەن ياخشى سوۋغاتتۇر.

    ·خاتا قىلغانلىقىڭىزنى بايقىغان ھامان قارشى تەرەپتىن ئەپۇ سوراڭ، ئەپۇ سوراش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى بولماستىن، بەلكى دادىللىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

    ·ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشى بىلەن ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بېقىڭ.

    ·ئەركىن- ئازادە بولۇڭ، ئاچچىقلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆز- ئۆزىڭىزگە:"بۇ ئىش بىر ھەپتىلىك ئىشقا تەسىر يەتكۈزەرمۇ؟" دېگەن سۇئالنى قويۇڭ. باشقىلار سىزگە چاقچاق قىلغاندا بەھۇزۇر كۈلۈڭ.

    ·يېڭىدىن بىر دوست تېپىڭ، يېڭى دوست تۇتسىڭىز " كۆز ئالدىڭىزغا بىر دۇنيا نامايەن بولىدۇ.

    ·بىرەر ئىشنى زور ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئادەمگە ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان گەپلەرنى قىلماڭ، ئەكسىچە ئاز- تولا ئىلھام بېرىپ قيسىڭىز، شۇ كىشىنىڭ مۇۋەپىقىيەت قازىنىشىغا ياردىمى بولىدۇ.

    ·ياخشى ئىشلارغا نىسبەتەن ئۆز خوشاللىقىڭىزنى، مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، بۇ سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز ۋە مەيدانىڭىزنى ئىپادىلەپلا قالماي، ئۆزىڭىزدە ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكىمۇ پايدىلىق.

    ·يېڭى ۋە ياخشى كىتابلارنى ئوقۇڭ، ئەمما كىتابتىكى ھەممە ئىشلارنى ئۆزىڭىز بىلەن سېلىشتۇرماڭ.

    ·تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆزىڭىزگە "ھاياتتا بۇنداق پۇرسەتلەردىن قانچىسى باردۇر؟" دېگەن سۇئالنى قويۇڭ.

    ·ئۆزىڭىزنى ياخشى كۈتۈڭ، ياخشى يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلسىڭىز، كەيپىياتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا ۋە چىرايىڭىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا پايدىسى بولىدۇ.

    ·ئارىيەت ئالغان كىتابلارنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىڭ.

    ·ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن گۇمانلىق ئىشلار ئۈستىدە ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماڭ.

    ·يول ماڭغاندا گەۋدىڭىزنى تىك تۇتۇپ، قەددىڭىزنى رۇسلاپ مېڭىڭ شۇنداقلا چىرايىڭىزدىن تەبەسسۈم چىقىپ تۇرسۇن.

    分享到:

  •   

    评论

  • [cAva:0]يازمىڭىزغا رەھمەت.