باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • ئۆلگەندىن كىيىن قايتا تىرىلىش - [جاھاندىكى ئىشلار]

    ھالقىلىق سۆز :ئالەم

          ھەپتىسىگە 10 پوند ستېرلىڭ تۆلەپ ئۆلگەندىن كىيىن جەسىدىنى توڭلىتىپ « قايتا تىرىلىش»نى كۈتۈش     
       ئۆلگەندىن كىيىن جەسىتىنى توڭلىتىپ سۇيۇق ھالەتتىكى ئازوت قاچىلانغان ئىدىشقا سالدۇرۇپ ، نەچچە مىڭ يىل ئۆتكەندىن كىيىن پەن - تېخنىكا تەرەققىي قىلغاندا « قايتىدىن تىرىلىش» ، مانا بۇخىل قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش 982471a3fdچۈشىنى روشەنكى پەقەت ئاز ساندىكى ئادەملەرلا قىلدۇرالايدۇ، چۈنكى ھەر يىللىق توڭلىتىپ ساقلاشقا كېتىدىغان خىراجەت ئىنتايىن يۇقىرى .
       ئەمما ، ئامىرىكا « ئادەم تىنىنى سوغۇق ساقلاش جەمىيتى » بىر خىل ئۆمۈر سوغۇرتىسى كىلىشىمىنى چىقارغان بۇلۇپ ، بۇنىڭدا ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ھەپتىسىگە پەقەت 10 پوند ستېرلىڭ سوغۇرتا پۇلى تاپشۇرسىلا ئۆلگەندىن كىيىن جەسىتىنىڭ سوغۇق ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ ، كەلگۈسىدە « قايتا تىرىلىش » پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن .
       ئەنگىلىيەدىكى نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى ئائىلىكلەر ئۆلگەندىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ جەسىتىنى سوغۇق ساقلىتىش ئۈچۈن « ئادەم تىنىنى سوغۇق ساقلاش جەمىيتى » بىلەن بەس-بەستە كىلىشىم تۈزىگەن بۇلۇپ ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نەچچە ئون يىل ياكى نەچچە يۈز يىلدىن كىيىن قايتا تىرىلىپ جاھاننىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ياخشىراق كۆرۈش ئارزۇسىدا بولغان . 
                      فانتازىيلىك ئەسەر يازغۇچىسى « توڭلىتىش كىلىشىمى » تۈزىگەن
        ئەنگىلىيەنىڭ ۋىلار شەھىرىدە تۇرۇشلۇق فانتازىيلىك ئەسەر يازغۇچىسى ئەيدىل خانىممۇ ئۆلەندىن كىيىن جەسىتىنى توڭلىتىش ئۈچۈن كىلىشىمنامە تۈزىگەنلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . ئەيدىل خانىم : « ئەينى ۋاقىتتا مەن يولدىشىم رىچادقا ئۆزەمنىڭ ئۆلگەندىن كىيىن جەسىتىمنى سوغۇق ساقلىتىپ ، كەلگۈسىدە قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى دىسەم ، يولدىشىم ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدى ، مەن 15 مىنۇت چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ئۇ مىنىڭ گىپىمنىڭ چاقچاق ئەمەسلىكىگە ئىشەندى » .
    ئەيدىل خانىم ئۆلگەندىن كىيىن جەسىتىنى توڭلىتىۋىتىش ئۈچۈن ئامىرىكا « ئادەم تىنىنى سوغۇق ساقلاش جەمىيتى » بىلەن توختام ئىمزالاشقان بۇلۇپ ، ئۇ ھەپتىسىگە پەقەت 10 پوند ستېرلىڭ سوغۇرتا ھەققىلا تاپشۇردىكەن، ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە بۇ 10 پوند ستېرلىڭ پىسا قاتلىمىسى سېتىۋېلىشتىنمۇ ئەرزان ئىكەن .
    ئەيدىل خانىمنىڭ دىيىشىچە ، ئۇ ئۆتكەن يىل ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى يېزىپ تۈگىتىش ئۈچۈن توردىن پايدىلىنىپ ماتىرىيال ئىزدەۋاتقاندا تاسادىبىي ھالدا ئامىرىكىنىڭ « ئادەم تىنىنى سوغۇق ساقلاش » تىجارىتىنى كۆرۈپ قالغان . ئەيدىل خانىم كىلىشىمگە ئاساسەن، ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن جەسىتى دەرھال ۋىلار شەھىرىدىكى دەپنە قىلىشنى ئۈستىگە ئاپىراتىغا ئاپىرىلىپ ئۇ يەردە سوۋۇتۇلغاندىن كىيىن ئاندىن ئامىرىكىغا ئاپىرىلىدىكەن . 
                   كەلگۈسىدە قايتا تىرەلگەن ۋاقىتتا خاتىرسىنى ئەسلىيەلمەسلىكتىن ئەندىشە قىلىش
        بىراق ، كەلگۈسىدە پەن - تېخنىكا بۇ « توڭلىتىلغان ئادەم بەدىنى » نى ئىرىتىپ قايتا تىرىلدۈرەلىگەن تەغدىردىمۇ قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ ؟ بۇ يەنىلا بىر سىر . مەسلەن ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئىلگىرىلا بار بولغان كېسەل ساقىيامدۇ ؟ ئۇلار قايتا تىرىلگەندىن كىيىن يەنىلا توڭلىتىلغان ۋاقىتتىكى يېشى بۇيىچە تۇرامدۇ ياكى ئىرىتىلىپ نەچچە سىكىنۇت ئىچىدىلا تىز سۈر ئەتتە قېرىپ كېتەمدۇ ؟
        بۇنىڭدىن سىرت يەنە ، ئۇلار توڭلىتىلىش جەريانىدا « قايتا تىرىلىپ » ھۇشۇغا كەلگەن ۋاقىتتا ھىچ قانداق تۇققىنى ياكى دوسلىرى يوق يېڭى دۇنياغا يۈزلىنەلەمدۇ ؟ بۇ سۇئالغا قارىتا ئەنگىلىيەلىك فانتازىيلىك ئەسەر يازغۇچىسى ئەيدىل خانىم « مەن قايتا تىرەلگەندىن كىيىن ئۆزەمنىڭ ئىلگىركى تۇرمۇشلىرىنى ئەسلىيەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپلا قالماستىن يەنە يولدىشىم رىچاد ۋە باشقا تۇققانلىرىمنىڭ يېنىمدا يوق بۇلۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.» دەپ جاۋاپ بەرگەن .
    http://world.huanqiu.com/roll/2009-03/417397.html

    分享到:

  •   

    评论

  • [cAva:0]مەن بىر ماتىريالدا ئېغىر كېسەل ياكى ياشانغان بىر قىسىم ئامىرىكىلىقلارنىڭ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆزنى كەلگۈسىدە پەن- تېخنىكا تەرەققى قىلغاندا تىرىلدۈرۈشنى مەخسەت قىلىپ ، تۇڭلىتىپ قۇيدىغانلىقىنى كۆرگەندىم . بۇ سەل ئەقىلگە مۇۋاپپىق . لىكىن ئۆلگەن ئۈلۈكنى پەن - تېخنىكىنىڭ 1000يىلدىن كىيىنمۇ تىرىلدۈرەلىشى ناتايىن .
    [defFace:0]
    يازاي回复sitniyaz说:
    بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس
    2009-05-15 09:55:38