-
سىرلىق قارا قۇرۇم - [تەرمىلەر]
پولو قارا قۇرۇمنىڭ ئىچكىرىسىدىكى، كېرىيە بوستانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمىي تاغلىق كەنت. بۇ يەردە ساقلىنىپ قالغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە
ئېتنىك تاغ مەدەنىيىتى، رىۋايەتلىشىپ كەتكەن تۇرمۇش ئادەتلىرى، ھېكايىلىرى، قوشاقلار ھەمدە تارىخىي ئىزلار سىرلىق تۈسى بىلەن ئۆز قىممىتىنى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ نامايەن قىلماقتا.
پولونىڭ قەدىمىي نامى " بوستان بويان" بولۇپ، كېيىنكى زامانلاردا بۇ يەردە جاھان تۇتقان 10 باينىڭ سەۋەبىدىن" ئون پولو" دەپ، ئاخىرسىدا تىل ئادىتى بويىچە قىسقارتىلىپ " پولو" دەپ ئاتىلىپ قالغان. بۇ كەنت يەر شەكلىگە ئاساسەن ئاستىن پولو، ئۈستۈن پولو دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
پولو كەنتى- دېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى 2000- يىللىرىغىچە تاش ئۆي سېلىپ ياشىغان، ھازىر ئومۇملاشقىنى لاي تاملىق ئۆيلەر. بۇ يەردىكىلەر ئۆي سالغاندا تەكشىلىكنى ئاساس قىلىپ سالمايدۇ. ئۈستۈن پولودا ئۆيلەرنىڭ زىچلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بىر ئائىلىنىڭ ئۆگزىسىدىن 10 ئائىلىنىڭ ئۆگزىسىدىن ئۆتكىلى بولىدۇ. ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا داۋاملىق سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. ئېتىزلىرى پەلەمپەي شەكلىدە. بۇ يەردە ئاساسلىق يېقىلغۇ كۆمۈر ۋە جىگدە ئوتۇنى، بۇ يەردىكى كۆمۈرنى ئىككى قېتىم قالاشقا بولىدۇ، زەرگەرلەر كۆپرەك مۇشۇ كۆمۈرنى ئىشلىتىدۇ. مالچىلار ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە ھايۋان تىزەكلىرىدىن ئوت قالاپ، ئاخشىمى ياتىدىغان ۋاقىتتا چوغنى ئېلىۋېتىپ شۇ ئورۇنغا قۇم ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە شاخ- شۇمبا تاشلاپ ئۈستىدە ئۇخلايدۇ.
پولودا كۇراپ دەرياسى، تېرەكساي دەرياسى، ئۇلۇغ دەريا قاتارلىق دەريالار بار بولۇپ، ئۇلۇغ دەريا ئەمەلىيەتتە كىرىيە دەرياسىدۇر. تاغلىقلارنىڭ رىۋايەتلىرىدىن قارىغاندا، كېرىيە دەرياسى نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ ۋاقتىدىكى توپان بالاسىدا چوڭقۇر ھاڭ بولۇپ ئۇيۇلۇپ كەتكەنئىمىش. پولونىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ساپ، سۇلىرى ئابىھاياتنىڭ ئۆزىدۇر. ئايرىم جايلىرىنىڭ ھاۋاسى شالاڭ، ھەتتا ئادەمنى ئاسانلا ئىس ئېلىپ كېتىدۇ، بەزىدە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ، يەرلىك كىشىلەر بۇنىڭغا كۈنۈك. ئادەملىرى تېتىك قېرىيدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. 80 ياشقا كىرىپ قالغانلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە بالىلار بىلەن چېلىشىپ ئوينايدۇ.
پولولۇقلار كۆمەچ نانغا ئامراق، ئۇلار " كۆمەچ كۆمۈپ يېسە، ئادەم مەزموت بولىدۇ" دېگەن تەجرىبىگە بەكرەك ئىشىنىدۇ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە كېسەللىكلەر ناھايىتى ئاز بولغان.
تارىختىن بۇيان پولو ئاتلىرىنىڭ داڭقى بار. بۇ يەرنىڭ ئاتلىرى ئېگىزمۇ ئەمەس، پاكارمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا بوي. دۆڭلەردىن چۈشەر بولسا قويۇندەك يۈگۈرۈپ، بوغىناق چىقىرىۋېتىدۇ. پولو ئاتلىرىنىڭ شىغا، تورۇق، قارا تورۇق، چىلان تورۇق، قارا قۇلا، بورغۇ، قاتارلىق تۈرلىرى بار.
قەدىمدىن تارتىپ پولودىكى ئۆيلەرمۇ، قەبرىلەرمۇ ئوخشاشلا تاشتىن ياسىلىپ كەلگەن، بىر ئۆگزىگە چىقسا، باشتىن- ئاخىر چۆرگىلىگىلى بولىدىكەن.
بۇ تاغلاردا سۇلتان بۇغراخان، سۇلتانى ئارسلان خان، سۇلتانى ئوقچى، يەتتە قىز ئاغچىلىرىمغا پەرزەنت يۈزى كۆرۈش ئارزۇسىدا دائىم ئاياللار كېلىپ تىلەك تىلەيدىكەن، پولو ئاياللىرى بالىلارنى زاكىلاپ باقىدىغان بۆشۈكلەر ئەگەر زاۋالدا قالسا ئوت بىلەن ئوتلىۋېتىدۇ.
تارىختىن بۇيان قىدىرغۇچىلار خوتەن تاغلىرىدا بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىغان، قاشتېشى ئىزدىگۈچىلەر قاشتېشى مەنبەسىنى تېپىش ئۈچۈن، ھەتتا قاراڭغۇ تاغ، بەلكى ئۇنىڭ ئىچكىرگىسىگىمۇ كىرىپ باققان، ئاخىرى" بۇنىڭ بېشى يوقكەن، مۇز تاغنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ كەلسە..." دەپ توختاپ قالغان.
پولودىن تۆت- بەش كۈنلۈك يىراقتا زەيلىك، كىشىباستى دېگەن يەرلەر بار، ئۇ يەردىن كېپەك ئالتۇن چىقىدىكەن. يەنە بەزىدە مېغىزدەك، ئۇرۇقچىدەكلىرىمۇ ئۇچراپ قالىدىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا يۈسۈپ بەگ شاما دېگەن ئاتنىڭ ئىگىرى چوڭلۇقىدا ئالتۇن رودىسى ئۇچرىغان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ پۈتۈن قەرزىنى ئۈزۈۋېتىپتۇ.
قاشتېشى قازغۇچىلارنىڭ تەجرىبىسىگە قارىغاندا، دەسلەپ كولىغاندا توپا چىقىدىكەن، توپا قاتلىمى تۈگەپ تاش قاتلىمى كۆرۈنگەندە، ئاندىن قاشتېشىنىڭ يۈزى كۆرۈنىدىكەن. بەك چوڭقۇردىنمۇ چىقمايدىكەن. بەزىلىرى ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن، بەزى يەرلەرنى تۆت- بەش مېتىر، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر كولاشقا توغرا كېلىدىكەن. چىقىدىغان تاشمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. بەزىلىرى چوڭ، بەزىلىرى كىچىك، ھەتتا دىئامېتىرى بىر مېتىر كېلىدىغانلىرىمۇ ئۇچراپ قالىدىكەن. باھا تاشنىڭ سۈپىتىگە قاراپ قويۇلىدىكەن، قاشتاش كولاش ئاسان ئىش ئەمەس بولۇپ، كولاش جەريانىدا ھەتتا جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇشقا توغرا كېلىدىكەن.
پولوغا پوماس، كۇراپساي، خان يايلاق، تۇمانلىق، سۇپۇر تاش، سۇ بېشى، قار ياغدى، تېرەكلىك ساي قاتارلىق يايلارقلار تەۋە بولۇپ، قارا قورۇم تاغلىرىنىڭ پولو تەۋەسدىكى چېقىللاردىن، كۆك كۆز، ئاق يايلاق، كۆ تورۇق، ئارالچە، سېرىق سذ، قارا مالغۇن، چۆنەك ساي، قىزىل ئۆڭگۈ قاتارىقلار بار.
پولو تاغلىرىدا قىزىل گۈل، گۈلنەپشە، ئۈگىنەك، ئازغان، شىلۋا، رەۋەن، قۇرام ياپچان، يۇلتۇز گۈل، قوزا قۇلىقى، ياۋا زەدەك، قار ياغاچ، پېرما، چېغ، كىلەپ، ياپچان، قارا ياگا، سېمىز ئوت، سۈتلۈك ئوت، جىغان، سېرىق تىكەن، بوغۇنا، ئالىقات قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بار.
پولودا كۆپ ئۇچرايدىغان قۇشلاردىن: بۈركۈت، غىجى، قارا كالتەك، ئاق باش سالۋا، قارا چوغا، ئىت ئەلگىي، ئۇلا، كەكلىك، ياۋا كەپتەر، قىزىل تۇمشاق قاغا، قۇرغۇي، سېرىق سا، بايقۇش، ئاق قۇشقاچ، قارا قۇشقاچ قاتارلىقلار بار.
دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەەر ھاللىق بولغانلىرىنىڭ ئۆيىدە دىرەۋزىن بار بولۇپ، بۇ مېھمانخانا ئۆي ۋە ئايۋان ئۆيلەردە نامەھرەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. يەرلىكلەرنىڭ ئۆيىدە بىر خىل مەخسۇس توقۇلغان گىلەم بولۇپ، ناھايىتى رەڭدار ۋە چىداملىق كېلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭغا رەڭ بېرىش ئۈچۈن، جىگدە قوزىقىنى قاينىتىپ ئۇنىڭغا ماتېرىيالنى چىلاش ئارقىلىق بويايدۇ. ھېيت - بايراملاردا بالىلارغا زاراڭزا چېچىكى بىلەن توخۇ تۇخۇمىنى قوشۇپ پىشۇرۇپ بېرىدۇ، قايسى رەڭلىك چېچەك بىلەن پىشۇرسا شۇ خىل رەڭدە پىشىدۇ، بۇ تۇخۇملارنى چوڭلار بالا ۋە نەۋرىلەرگە ھېيتلىق سوۋغات سۈپىتىدە تەقدىم قىلىدۇ. سېرىق رەڭلىك چېچەك بىلەن تۇخۇم پىشۇرسا سۇس قىزىل رەڭگە كىرىدۇ، ئەگەر جىگدە قوزىقى بىلەن پىشۇرسا ھەم ئازراق جىگدە يىلىمى قوشۇۋەتسە، تۇخۇم رەڭگى قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ ۋە بىر قەدەر مەزمۇت پىشىدۇ.
يۇقارقىلار قارا قۇرۇم تاغلىرىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ تىرىكچىلىك قىلىپ، مەدەنىيەت يارىتىپ، تارىخخىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقان بىر قەدىمىي چارۋىچىلارنىڭ تېخى خەلقىئالەمگە ئاشكارا بولمىغان ھېكايىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ بىر كېلىپ - كېتىشىگە ئەرزىيدۇ.