The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20140722222313/http://www.blogbus.com/yazay-logs/36503276.html

  
باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • تاشلىنىپ كەتكەن مەشھۇر شەھەرلەر - [تەرمىلەر]

    ھالقىلىق سۆز :سىر

    ئالتۇن شەھەر- ترويا

        مىلادىدىن ئىلگىرىكى 8- ئەسىردە، يۇناننىڭ مەشھۇر ئەما شائىرى ھومېر ترويا شەھىرى بىلەن ساھىپجامال ھېلېن توغرىسىدا " ئېلئادا"،" ئودېسسدا" دېگەن ئىككى مەشھۇر ئىپۇس يازغان. ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، كىشىلەر بۇ ئىككى ئىپۇستا سۆزلەنگىنى رىۋايەت، دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئارخېئولوگ ھېنرى شېرمان بۇ رىۋايەتتىكى بەزى تەپسىلاتلارنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەن. شۇڭا " ئېلئادا" دىكى بىردىنبىر يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، تۈركىيىدىكى غەربىي شارىك تاغلىرىغا بېرىپ، شۇ جايدىن قېزىۋالغان بايلىقلار ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا بۇ شەھەرنىڭ تارىختا ھەقىقەتەن بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

    ھونلاردىن قالغان بىردىنبىر شەھەر- تۇڭۋەن

        سەنشى ئۆكىسى بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئارىلىقىدىكى ماۋۋۇسۇ قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە، قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغىنىغا 1000 يىلدىن ئاشقان، ھونلاردىن قالغان توڭۋەن قەدىمكى شەھىرى بار. بۇ شەھەر مىلادى 5- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ يەر تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن يايلاق مەدەنىيىتى گىرەلەشكەن، شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان. توڭۋەن شەھىرى يەر شەكلىگە ئاساسەن ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن قۇرۇلغان. ئۇ توپىدىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ناھايىتى مۇستەھكەم شەھەر بولغان. بۇ شەھەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە بايقالغان. توڭۋەن شەھىرى قۇم ئارىسىدا بولغاچقا، كېيىن قۇم ئاستىدا قېلىپ، يوقىلىپ كەتكەن.

    سىرلىق غايىپ بولغان شەھەر- كروران.

         19- ئەسىرنىڭ ئاخرلىرىدا، شۋېتسىيىلىك ئېكىسپېدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن تەكلىماكان قۇملۇقىدا، قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغىنىغا 1600 يىلدىن ئاشقان قەدىمكى شەھەر كروراننى بايقىغاندا، كىشىلەر: " جوڭگودا يەنە بىر پومپې تېپىلىپتۇ!" دەپ ھەيران قالغان. كروران غەربىي دىياردىكى 36 بەگىلىكنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختا بەش - ئالتە يۈز يىللا دەۋر سۈرگەن، مىلادى 4- ئەسىردە سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن. ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشى يىپەك يولىدىكى ئەڭ چوڭ سىر بولۇپ قالغان.

    قەدىمكى شەھەر- ئىدىقۇت.

        سىۋېن ھېدىن كروراندىن نۇرغۇن ئاسار- ئەتىقە تاپقاندىن كېيىن، خەلقىئارادا ئارخېئولوگىيە قىزغىنلىقى قوزغالغان. شۇنىڭدىن كېيىن قەدىمكى ئىدىقۇت شەھىرنىڭ سىرلىق پەردىسىمۇ ئاستا- ئاستا ئېچىلغان. ئىدىقۇت بىلەن غەرپنىڭ قاتناش ئالاقىسىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغاچقا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەدنىيىتى بىلەن ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئۇنى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار ۋە غەربىي دىياردىكى بەش داڭلىق شەھەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ سېپىللىرى ئېگىز ، كوچىلىرى رەتلىك بولۇپ، مۇداپىە ئىستىھكاملىرى ناھايىتى مۇستەھكەم بولغان. كېيىن ئىدىقۇت شەھىرى ئۇرۇش مالىماچىلىقىدا خارابىگە ئايلانغان.

    分享到:
  •