يانبىلوگقا يوللانغان مەزمۇنلار تەستىقلىنامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئۇچۇر دەۋرىدە ساغلام تور مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، يانبىلوگ سىستېمىسى بىردەك يازمىلارغا تەستىقلاش تۈزۈمى قوللىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر VIP ئەزالىققا كۆتۈرۈلۈپ ئەزالىق نامىڭىزنى دەلىللىۋەتسىڭىز، يازمىلىرىڭىز تەستىقسىز يوللىنىدۇ. ئەزالىق نامىڭىزنى دەللىللەشتە كىملىك نومۇرىڭىز، كىملىكنىڭ سىكانېرلانغان قىسمى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىڭىز قاتارلىقلار تولۇق خاتىرىلىنىدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئەزالىق نامىڭىزنى دەلىللەپ بولغاندىن كېيىن، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرى، سىياسەتلىرىگە زىت مەزمۇن يوللاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئەزالىق نامىڭىز توڭلىتىۋېتىلىدۇ ياكى سىستېمىدىن ئۆچۈرىلىۋېتىدۇ.
شۇڭا ساغلام تور مۇھىتى يارىتىشتا ھەممە كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بولغاچقا، بۇ جەھەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.