ئالاھىدە دىققەت: يانبىلوگقا تىزىملىتىش كېلىشىمنامىسى
ۋاقتى: 2016-08-15
ئاۋاتلىقى: 4108 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تىزىملاتماقچى بولغىنىڭىز ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن ئېچىپ چىقىلغان ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى. مەزكۇر سىستېمىغا تىزىملاتقاندا تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز ۋە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر تىزىملىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ئەھۋال بايقالسا، بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل، ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى ھەر ۋاقىت مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ، دۆلتىمىز ۋە دىيارىمىزنىڭ ھەر قانداق قانۇن-سىياسەتلىرىگە خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارىشى تۇرىدۇ.
بايانات:
ئابۇنىچى (ئەزالار) ئۆزى ئېلان قىلغان مەزمۇننىڭ مەسئۇلىيىتىنى مۇستەقىل ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئابۇنىچى مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە چوقۇم مۇلازىمەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بارلىق يەرلىك قانۇنلارغا، دۆلەت قانۇنىغا ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئەگەر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بايقالسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئاساسەن، ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى ئۇچۇر يوللاشنى دەرھال توختىتىپ قويۇش، مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى ساقلىۋېلىپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش ھەمدە مۇشۇ مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئادرېس، مۇندەرىجىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش ياكى مۇلازىمېتىردىن ئۆچۈرۈۋېتىش مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى بار. ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسىغا يوللانغان ئەسەرلەر شۇ ئابۇنىچىنىڭ شەخسىي ھەرىكىتى بولۇپ ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى ۋە ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
يانبىلوگ سىستېمىمىزدىكى كۆپ قىسىم ماتېرىياللار ھەقلىق ياكى ھەقسىز يۇسۇندا تور دۇنياسىدىن توپلانغان بولۇپ، ئەگەر ئەسەر ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارالسا ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسىغا ھوقۇققا دەخلى قىلىشنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشنامىسى، ئەسەر ھۇقۇقىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىيالنى ئەۋەتسە ياكى نازارەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ئۇقتۇرسا بولىدۇ.
بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، سىزنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتىڭىزنى قوغداشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى