يانبىلوگنى قانداق چۈشۈرىمىز دېگۈچىلەر سەمىگە...
ۋاقتى: 2016-08-08
ئاۋاتلىقى: 4193 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، يانبىلوگ سىستېمىسى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بىر قىسىم قېرىنداشلار يانبىلوگنى قانداق چۈشۈرىمىز دېگەندەك سوئاللارنى قويۇشتى. شۇڭا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.
يانبىلوگ سىستېمىسى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىدىغان سىستېما بولماستىن بەلكى پەقەت ئۈندىدارىڭىزدا ilqutbiz دەپ ئىزدەپ ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىپلا، ئاستىدىكى تىزىملىك ئارقىلىق يانبىلوگ ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.
يانبىلوگ سىستېمىسى بارلىق كىشىلەرنىڭ يېزىشىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ھازىر سىستېمىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى تېخى تولۇق تاماملانمىغان بولغاچقا، بىز داۋاملىق جىددىي ئىشلەۋاتىمىز، پات ئارىدا سىستېما مۇكەممەل پۈتكەندە بىراقلا بارلىق ئەزالارغا تىزىملىتىش ھوقۇقىنى ئېچىۋېتىمىز.
شۇڭا ھازىر يانبىلوگ ۋاقتىنچە بىر قىسىم ئەزالارنى تەكلىپلىك ھالدا يانبىلوگ قۇرۇپ بېرىۋاتىمىز. تورداشلارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پات ئارىدا ئۆزگىچە بولغان يانبىلوگ كۆز ئالدىڭلاردا نامايەن بولغۇسى...