توخنىياز ئىسمايىل نىدائىينىڭ يانبىلوگ ئېچىلدى
ۋاقتى: 2016-08-07
ئاۋاتلىقى: 4024 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يېتىلىۋاتقان ياش قەلەمكەش، تەرجىمان توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى ئېچىلدى.
توخنىياز نىدائىي يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمانلىق جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يازمىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىماقتا.
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي 1985-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى توقسۇ ناھىيەسى ئۈچقات يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1996-يىلى 9-ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە ئۈچقات يېزا ۋە يۇلتۇزباغ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 2002-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 2007-يىلى 12-ئايدىن 2011-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹مەدەنىيەت بوستانى›› پىروگراممىسىدا سۆھبەت پىلانلىغۇچى ۋە ئاپتور بولۇپ، 100 ساندىن ئارتۇق سۆھبەتنى ئېكرانغا چىقارغان. 2011-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت-ئالاقە مەركىزى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىدا تەرجىمان، مۇھەررىر، مۇخبىر، رىياسەتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ھازىرغىچە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «تەڭرىتاغ ئېكرانى» دېگەندەك بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئۆزىدىكى تەبىئىي يېزىقچىلىق ۋە رىياسەتچىلىك تالانتى بىلەن ھازىرغىچە 200 مەيدانغا يېقىن تۈرلۈك چوڭ-كىچىك پائالىيەتلەر، لېكسىيەلەر، يىغىن، يىغىلىشلارنى ئۆزى مۇستەقىل پىلانلاپ ئاپتورلۇق قىلغان ھەم رىياسەتچىلىك قىلغان.
ئۇ ھازىر يەنە داۋاملىق يېزىقچىلىق، تەرجىمە ۋە رىياسەتچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
نىدائىي يانبىلوگىنىڭ زىيارەت ئادرېسى: nidayi.ilqut.cn