يانبىلوگ ياردەم مەركىزى
يانبىلوگ ئىشلىتىش قوللانمىسى

ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
  • 1
  • 2
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يانبىلوگ دېگەن نېمە؟

يانبىلوگ دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 2540 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يانبىلوگ ئۇقۇمى ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇقۇم بولۇپ، بۇ ھازىرقى دەۋرگە ماسلاشقان ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ تور خاتىرىسى (بىلوگى) بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ لايىھەلىنىپ، مۇستەققىل ئېچىپ چىقىرىلغان سىستېمىدۇر. 


يانبىلوگ ھازىرقى دەۋرگە ماسلاشقان، يانفون ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، ھازىر بار بولغان بىلوگ ۋە مىكروبىلوگلاردىن پەرقلەندۈرۈپ ئېچىپ چىقىلغان يېڭىچە شەيئىدىن ئىبارەت. تىلىمىزغا بىلوگ ئۇقۇمى 2007-يىلللىرى كىرىپ تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشقاندىن كېيىن، 2010-يىللىرىغا كەلگەندە مىكروبىلوگدىن ئىبارەت يېڭىچە شەيئى ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ بىلوگ تەدرىجى ھالدا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن يوقىلىشقا باشلىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۆچمە ئالاقىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشى، ئەقلىي يانفونلارنىڭ تېزدىن ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە ئۈندىداردىن ئىبارەت يېڭىچە شەيئى ئوتتۇرىغا چىقتى. كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۆزىنىڭ تەپەككۇر مېۋىلىرىنى ئۈندىدارنى ۋاسىتە قىلىپ باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ئېشىشقا باشلىغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۈندىدارنىڭ ئانا تىلىمىزنى ياخشى قوللىماسلىقى تۈپەيلىدىن، كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەپەككۇر مېۋىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ياخشى بىر سۇپا تاپالمىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلقۇت تور تېخنىكىسى بىر يىلدىن ئۇزۇن ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى يانبىلوگ ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ۋە ئۇنىڭ سىستېمىسىنى ئېچىپ چىقتى. 
يانبىلوگنىڭ خەنزۇچە ئاتالغۇسى 粉博 قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ ھازىر ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى ۋە ئۈندىدار لۇغىتىگە قوشۇلۇپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ تېزدىن ئومۇملىشىشىغا ئاساس سېلىندى. 
قىسقىسى يانبىلوگ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، كىشىلەر يانفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىدىغان، ھەمبەھرلىنىدىغان بىلوگ سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر سىستېما بىر قىسىم ئۆزتاراتقۇ ئېھتىياجى بارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئۇچۇر دەۋرىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئاساس سالغۇسى!
بايانات

ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: http://yardem.yanbilog.com

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى