شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى شۋېتسىيە سارىيىدا ئىلغار تېببىي ئىلىم پەن - تېخنىكىسى كۆرگەزمە قىلىندى |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى15-ئۆكتەبىر
نىك خادىملار ‹‹تەقلىدىي ئوپېراتسىيە سۇپىسى›› مەشغۇلاتىنى كۆرسەتمەكتە
شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى شۋېتسىيە سارىيى ئاممىغا تۇنجى قېتىم دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار تېببىي ئىلىم سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئادەم بىلەن كومپيۇتېر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ‹‹تەقلىدىي ئوپېراتسىيە سۇپىسى›› تېخنىكىسىنى كۆرسەتتى. ئېكرانلىق بۇ خىل يېپيىڭى مېدىتسىنا ئەسۋابى داۋالاش خىزمەتچىلىرىنى تېنىگە زىيان يەتكۈزمەي تۇرۇپمۇ ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى بىۋاستە كۆرۈش ۋە تەپسىلىي كۆزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۈستەل شەكلىدىكى چوڭراق لايىھە بىر قانچە دوختۇرغا بىرلا ۋاقىتتا بىر بىمارنىڭ كۆپ مىقداردىكى مۇرەككەپ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئۇچۇرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئوپېراتسىيە قىلىنغان تەننىڭ يېرىلىش قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدار ھالىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئەتراپلىق چۈشەندۈرىدۇ. ‹‹تەقلىدىي ئوپېراتسىيە سۇپىسى›› تېخنىكىسى مېدىتسىنانى نامايان قىلىش ۋە نۇرغۇن ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭ يىغىن - مۇزاكىرىلىرىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-10-18 11:55:23 ئۇقۇلۇشى: 110 قېتىم] |
|