2010–يىللىق شىنجاڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى |

نۇر بەكرى كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىمىنجان داۋۇت، پىراكتىكانت قەدىرىيە ھەسەن خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئورمانچىلىق نازارىتى ۋە سودا نازارىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2010 – يىللىق شىنجاڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسى 1 – نويابىر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما مىڭچېڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قېزايجان سيېلىقۇجا قاتارلىق رەھبەرلەر يەرمەنكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم يايما ئورۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ شياۋپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ شياۋپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىپ، كۆلىمى يىلىغا مىليون مولۇق سۈرئەت بىلەن ئاشقان، باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمى 17 مىليون موغا يەتكەن. تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا چىلان، ياڭاق، ئۆرۈك، نەشپۈت، ئالما قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىك رايونى، تۇرپان – قۇمۇل ئويمانلىقى، ئىلى دەريا ۋادىسى، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى مەركەز قىلغان ئۈزۈم، چىلان، ئالقات، پەسىللىك مېۋە ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك مېۋىچىلىك بازىسى شەكىللەنگەن. باغۋەنچىلىك ھوسۇلى 6 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، 70 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ‹‹دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قوغدىلىدىغان مەھسۇلاتى››، ‹‹جۇڭگونىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى›› قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن. باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 20 مىليارد يۈەندىن، دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان كىرىمى 900 يۈەندىن ئاشقان. بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلەردە دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان كىرىمى يىللىق ساپ كىرىمىنىڭ %50 ىنى ئىگىلىگەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا باغۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېزلىشىپ، ئېلىمىزنىڭ مېۋە – چىۋە بازىسىغا ئايلاندى. ئاپتونوم رايونىمىز يېقىندا بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسىدە 28 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالىدى. بۇنىڭغا يەنە باشقا بىر قىسىم ئۆلكىلەردە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك يەرمەنكىلەردە ئىمزالانغان توختاملارنى قوشساق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك توختام سوممىسى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ قېتىمقى باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك نەتىجىلىرىنى كۆرەك قىلىش، شۇنداقلا باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم سەھنە بولۇپ قالغۇسى.
رەھبەرلەر يەرمەنكىدە
ئۇقۇشىمىزچە، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى 100 دىن ئارتۇق كارخانىچى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىكى كارخانىلار ۋە ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان بولۇپ، يەرمەنكە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن.
كۆرگەزمىدىكى چىلان
كۆرگەزمىدىكى نەشپۈت
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-11-3 11:57:46 ئۇقۇلۇشى: 37 قېتىم] |
|