شەھىرىمىزدە ھەربىيىلىككە تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى |
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010- يىلى 02 - نويابىر
ئۆز خەۋىرىمىز: شەھىرىمىزنىڭ ئەسكەرلىككە تىزىملاش خىزمىتى 31- ئۆكتەبىر باشلاندى،شەھىرىمىزنىڭ يەتتە رايون ، بىر ناھىيەسىدە ئەسكەرلىككە تىزىملاش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، 31- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00كىچە شەھىرىمىزدا 621 يىگىت ئەسكەرلىككە تىزىملاتقان، بۇ يىل شەھىرىمىزنىڭ ئەسكەرلىككە تىزىملاش خىزمىتى تۇنجى قېتىم توردا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەسكەرلىككە تىزىملاتماقچى بولغانلار 31- ئۆكتەبىردىن 15 - نويابىرغىچە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى -« ئۈرۈمچى كۆزنىكى » www. urumqugov.cn دا تىزىملاتسا بولىدۇ، ھەم ھەر قايسى تىزىملاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، تىزىملاتقانلىقىنى بېكىتسە بولىدۇ، 31- ئۆكتەبىر ئەسكەرلىككە تىزىملىتىدىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا، توردا تىزىملىتىش سەل تەسكە توختىغان، بەزى ئەسكەرلىككە تىزىملاتماقچى بولغانلار تىزىملىتالماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزى تەۋە بولغان تىزىملىتىش ئورنىغا بېرىپ تىزىملاتقان. شۇڭا شەھەرلىك ئەسكەرلىككە تىزىملاش ئىشخانىسى ئەسكەرلىككە تىزىملاتسا بولىدىغان يەنە ئىككى تورى بېكىتى ئېلان قىلغان،ئۇلار http:\zt.urumqi.gov.enzb2010 ۋە http:\bm.urumqi.gov.cn دىن ئىبارەت.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-11-3 11:58:44 ئۇقۇلۇشى: 80 قېتىم] |
|