شەھىرىمىزىدىكى شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى |
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010- يىلى 02- نويابىر
ئۆز خەۋىرىمىز: بۇنىڭدىن كېيىن شەھىرىمىزدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ھەر ئايدا 156يۈەندىن 256 يۈەنگە، يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىغا ھەر ئايدا بېرىلىدىغان 80 يۈەن 106 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.بۇ پۇل 2011 - يىلى يانۋاردىن باشلاپ ئەمەليىلەشتۈرۈلىدۇ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 29- ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر - يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ ، بەھرىمەن بولىدىغانلار دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ رۇڭخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا بېسىپ تارقاتقان « ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ ، كاپالەت ئوبيېكتلىرى دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش »نى چۈشەندۈردى. ئېگىلىنىشچە بۇ يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە شەھىرىمىزىدكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى 21 مىڭ 800 گە يېتىپ ئومومىي نوپۇسىنىڭ 1.09%ىنى ئىگەللىگەن ، يانۋارىدىن ئۆكتەبىر گىچە 40 مىليون 30 مىڭ 800 يۈەن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تارقىتىلغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-11-3 11:59:26 ئۇقۇلۇشى: 73 قېتىم] |
|