United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> تۆھپىكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

ئەل فارابىنىڭ شاگىرتى ئىنسىكلوپىدىك ئالىم-ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : تۆھپىكارلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : نامەلۇم
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 688
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2011/2/20 18:10:51
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  
ئەل فارابىنىڭ شاگىرتى ئىنسىكلوپىدىك ئالىم-ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا مىلادى 980-يىلى بۇرۇنقى سامانىلار سۇلالىسى(مىلاى875-999-يىللىرى)نىڭ پايتەختى بۇخارانىڭ يېنىدىكى بىر قىشلاقتا دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللا ئەسلى بەلخلىق بولۇپ،بۇخاراغا كېلىپ ياشىغانىدى.ئۇ دۆلەتمەن ۋە مەدەنىيەتلىك كىشى بولۇپ،سامانىلار خانلىقىنىڭ كىچىك ئەمەلدارلىرىدىن ئىدى. مىلادى 999-يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسى سامانىلار سۇلالىسىنى ئۆزىگە قاراتقاندىن كېيىن،ئىبنى سىنا بۇخارا،ئورگەنج قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.كېينىچە ئىراندىكى ئىسپاھان،ھەمەدان قاتارلىق جايلاردا تىبابەتچىلىك،فىزىكا،ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇنىڭ «ئەلقانۇن»،«كىتابۇلشىفا»(شىپالىق كىتابى)،«دانىشنام»،«رىسالەفى ئەل موسقى غەيرمۇفى ئەل شىفا»(مۇزىكا توغرىسىدا«شىفا»دا بېرىلگەندىن باشقا رىسالە) قاتارلىق ئەسەرلىرى پۈتۈن شەرق ئەللىرى تىبابەتچىلىكى ۋە مۇزىكىچىلىقىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن،ئىبنى سىنا مىلادى 1037-يىلى ھەمەداندا ۋاپات بولغان.
    ئىبنى سىنانىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى تۆھپىسى مۇقاملارنىڭ «ئىسلام شەرق تىپى»،يەنى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تارىخىي تىپىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
    ئىبنى سىنانىڭ مۇزىكىغا دائىر مۇلاھىزىلىرى«كىتابۇلشىفا»ئەسىرىگە ئالاھىدە بىر قىسىم كىرگۈزۈلگەن،ئۇنى جۇرجانى پارس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ،ئۇنىڭ«دانىشنامە»ناملىق ئەسىرىگە قوشۇپ ئېلان قىلغان.ئىبنى سىنا يەنە مۇزىكا ھەققىدە«كىتابۇننىجاد»ناملىق ئەسەر يازغان.بۇ ئەسەر 1931-يىلى ئەرەپ ئالىمى مەھمۇدئەل خەۋفنىڭ ئىبنى سىنانىڭ مۇزىكا نەزەرىيىسى ھەققىدە مەشھۇر كىتابى ئىچىدە نېمىس تىلىدا ئېلان قىلىنغان.
    فارابىنىڭ شاگىرتى،بۇخارادا غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىدىن بىۋاستە ئوزۇقلانغان مۇتەپەككۇر ئىبنى سىنا ئۆزىنىڭ يۇقۇرى ئەسەرلىرىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئون ئىككى مۆچەل قارىشى،سۇجۇپ ۋەكىللىكىدىكى ئون ئىككى بۇرچلۇق مۇقەددەس قارىشىنى ئەنئەنىلىرى ۋە ئىلگىرىكى شەرق ناخشا-مۇزىكىلىرىدىكى ئون ئىككى تۈركۈملۈك(مۇقاملىق)كۈي شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۈيشۈناسلىقىدىكى مۇزىكىلىق ئاكۇستىكا،ئىنتېرۋال،رېتىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىلەرنى بەرگەن. ئىبنى سىنا ئوتتۇرىغا قويغان ئون ئىككى كۈي شەكلى مۇنداق:
1.رەھاۋى          2.ھۈسەينى 
3.راست             4.ھىجاز
5.ئابۇچەشمە     6.بۇزرۇك
7.ئىراق            8.ئىسپاھان  
9.ناۋا              10.ئوششاق
11.زەنگۈلە      12.سەلىقە
   لېكىن بۇ ناملار ئەينى ۋاقىتتا يۈرۈشلەشكەن كۈيلەر سېكلىنى ئاڭلاتماستىن،كۈيلەرنىڭ ئاكوستىلىق ئورۇنلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىلغان.
   ئىبنى سىنانىڭ ئەنە شۇ مۇزىكا نەزەرىيىسى ئاساسىدا ئەزەربەيجاندا ياشىغان مۇزىكىشۇناس سەيفىددىن ئابدۇلموئىمىن ئىبنى يۈسۈف ئەل-ئۇرماۋى(مىلادى1216-1294-يىللار) «كىتاب ئەل-ئەدۋار»(دائىرىلەر توغرىسىدا كىتاب)دېگەن ئەسىرىدە كۈيلەرنىڭ ئون ئىككى «مۇقام»دېگەن ئاتالغۇنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان.
   دېمەك،ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئەل فارابىغا ئوخشاش،ئۇيغۇر«ئون ئىككى مۇقامى» ھەمدە شەرق خەلقلىرى مۇقاملىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېينكى تەرەققىياتى ۋە سىستېمىلىشىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئالىمدۇر.

&  ئالدىنقى كىتاب:تۇردى ھاجى
&  كېيىنكى كىتاب:ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

9