|
![]() |
كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش |
داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت |
ئاپتورى : |
|
|
كىتاب تۈرى
: |
رەسساملىق |
تەرجىمە قىلغۇچى
: |
يوق |
نەشىر قىلغان ئۇرۇن
: |
|
نەشىر قىلغان ۋاقىت : |
|
باھاسى
: |
|
ئاۋاتلىغى
: |
465 |
قوشقۇچى
: |
xirinim |
قۇشۇلغان ۋاقتى : |
2010-8-4 20:59:17 |
مۇناسىۋەتلىك يازما : |
كۆرۈش |
|
|
شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 – يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، ‹‹ چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى›› بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1962 – يىلى غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان ‹‹غېرىپ – سەنەم›› ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز – يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
مەھمۇد قەشقىرى رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 – يىلىدىن 1982 – يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتاپلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ‹‹ ئاماننىساخان››، ‹‹ مەھمۇد قەشقىرى›› ، ‹‹ رابىيە -- سەئىدىن›› ۋە ‹‹ يۈسۈپ خاس ھاجىپ›› قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.
‹‹مۇقام ›› ناملىق ماي بوياق رەسىم 1984 – يىلىدىن 1994 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل، جۇڭگو تارىخىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، جۇش ئۇرۇپ ئىلگىرلىگەن 10 يىل بولدى. بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا ئاسمان – زېمىن ئۆزگۈرۈش بولدى. غازى ئەمەت ئەپەندى سەنئەتكارغا خاس سەزگۈرلۈكى بىلەن، دەۋىرگە ئەگىشىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ ‹‹ مۇقام›› ، ‹‹ مال بازىرى››، ‹‹ ئوغلاق تارتىشىش›› ، ‹‹ قەشقەر كوچىسى›› ، ‹‹ كۆل بويىدىكى مۇزىكا ئاۋازى›› ، ‹‹ گىلەم . ئۇيغۇرلار›› قاتارلىق بىر يۈرۈش مەنزىرە، ئۆرپ ئادەت ، شەخسلەر تەسۋىرلەنگەن ماي بوياق ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى، بۇ ئەسەرلەردە شەخس مەركەز قىلىنغان، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، تاجىكلارنىڭ مەردانە خاراكتىرى، قەيسەر روھى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ ئەسەرلەردە دەۋىر بىلەن تۇرمۇش زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن، رىئال تۇرمۇشتىكى كىچىك ھالقىلار ياكى تارىخى تۇرمۇشتىكى كىچىك كۆرۈنۈشلەر ئاساس قىلىنغان. مۇقام سەنئېتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى مەدەنىيىتى، ئۇ خەلق چالغۇلىرى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. مۇقام ناملىق ماي بوياق رەسىمدە شەخس ئوبرازى كۆپ، چالغۇ تۈرلىرى تولۇق بولۇپ، قويۇق سەنئەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەرنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن، غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئەستايىدىل كۈزىتىپ، خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى، كۆپلىگەن شەخس ئوبرازىنى خاتىرىلەش، خام ماتېرىياللارنى ئانالىز قىلىش، سېلىشتۇرۇش، تاللاش ئارقىلىق، مۇقام ناملىق بۇ ئەسەر ئاخىرى جۇڭگو شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلدى. |
|
|
|
|