United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> تۆھپىكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

بۈيۈك شائىر مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : تۆھپىكارلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : نامەلۇم
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 231
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2011-2-20 18:00:26
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  

بۈيۈك شائىر مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي مىلادى 1441 – يىلى 2-ئاينىڭ9-كۈنى ھېرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر ) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خۇراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى .
ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 500مىڭ مىسرا ئەتراپىدا بولۇپ شەرق ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ھىچكىم تېخى بۇنچىلىك جىق ۋە ئىسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ باققان ئەمەس. ناۋائى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ نەسەبنامىسىدە ئېنىق قىلىپ«ئەلىشىرنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى» دىيىلگەن. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەلىشىر ناۋائىنى ئۆز شائىرى دەپ بىلىپ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مۇقام ناخشىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، مەدرىسلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇپ كەلگەن.
ئەلىشىر ناۋائىي باشلانغۇچ بىلىمىنى ھېراتتا ئالغان. ئۇنىڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە قابىلىيىتى مەكتەپ يېشىدىكى يىللاردىلا نامايان بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئەلىشىر 10- 12 ياشلىرىدا يازغان شېئىرلارنى ئۇستازى لۇتفخغا كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئستىداتىدىن مەمنۇن بولغان مەۋلانا لۇتفى ئەلىشىرنىڭ :



ئارەزىن ياپقاچ، كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەرلەھزە ياش،
بۇيلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلدۇز، نىھان بولغاچ قۇياش.



دېگەن مەتلەئى بىلەن باشلىنىدىغان غەزىلىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن : « ئەگەر مۇيەسسەر بولسا ئىدى، ئۆزۈمنىڭ 10- 12 مىڭ بېيتىمنى شۇ غەزەلگە تىگىشەر بولا ئىدىم  » دېگەن ئىكەن. پادىشاھ شاھرۇھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەۋج ئالغان تاج – تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ناۋايى ئائىلىسىنىڭ ھېراتتىن ئىراقنىڭ تەفىت شەھىرىگە كۆچۈشى سەۋەبلىك ئەلىشىرگە ئۆز ئوقۇشىنى تەفتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇ تەفت شەھىرىدە 15 – ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى . ئالىم ئەلىشىرنىڭ يۇقىرى تالانتى ۋە ئۆتكۈر ئەقىل – پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىلھام بەردى. شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچرىشىش ناۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش بولدى.
ئەلىشىر 12 – 13 ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ، ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالىغان ۋە ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بولىغان . 15 يېشىدىن باشلاپ شائىرلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان ياش ئەلشىر ھۈسەيىن بايقارا (سۇلتان ساھىبقىران ھۈسەيىن باھادىرخان ، 1469 – يىلى ھېراتتا تەختتە ئولتۇرغان، 1505 – يىلى ۋاپات بولغان، مەشھۇر شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان) بىلەن بىللە ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1456 – يىلى بابۇر بىلەن بىللە مەشھەدكە بارغان. 1457 – يىلى بابۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتىدە مەرۋىگە كەتكەن . ناۋايى مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچرىشىغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان . بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، پەلسەپە، مەنتىقە، ماتېماتىكا پەنلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. بولۇپمۇ ئىسلام پەلسەپىسىنى ، ئەرەب ۋە شەرق مۇسۇلمان ئەدەبىياتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان . جۈملىدىن ئۇبۇلقاسىم فېردەۋسى ، نىزامى گەنجىۋى ، خۇسراۋ دېھلەۋى ، ئاتائى ، لۇتفى ۋە باشقا شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان. شۇنىڭدەك ئىجادىيەتكە قىزغىن كىرىشىپ ، پارىس ۋە تۈركىي تىللاردا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان . شۇڭلاشقا ئۇ «زۇللىنەين» (ئىككى تىل ئىگىسى) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىي تىلدا يازغان شېئىرلىرىغا «ناۋايى» ( كۈي، ئاھاڭ دېگەن مەنىدە )، پارىس تىلىدا يازغان شېئىرلىرىغا بولسا «فانى ( ۋاقىتلىق، يوقالغۇچى دېگەن مەنىدە) دەپ تەخەللۇس قويغان .
ئەلىشىر ناۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501 يىلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان .


&  ئالدىنقى كىتاب:بۈيۈك ئۇيغۇر پەلسەپە ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ
&  كېيىنكى كىتاب:ئۇيغۇرلار ئارسىدىن چىققان مەشھۇر ئىسلام ئالىمىئابدۇ _ قادىر داموللام
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

8