United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> تۆھپىكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

تالانتلىق شائىرە ئاماننىسا خېنىم

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : تۆھپىكارلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : يوق
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 145
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2011-2-20 17:56:48
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  
ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس ۋە تالانتلىق شائىرە ئاماننىسا خېنىم دولان يۇرتى (ھازىرقى مەكىت ناھىيىسى) نىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ئاتىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئۆزىنىڭ قىزغىنلىغى بىلەن كىچىكىدىن باشلاپلا ساتار ھەم تەمبۈر چېلىشنى ئۈگۈنۈشكە باشلايدۇ ، كۈندۈزلىرى مەكتەپتە ئوقىسا ، كەچلىرى مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈپ ، ساز چېلىشنى مەشق قىلىدۇ . ئاماننىسا ئۆز ئارزۇسى يولىدا پىداكارانە ئىزدىنىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان شىكارغا چىقىش مۇناسىۋېتى بىلەن بۇ تەرەپلەرگە كېلىپ قالىدۇ . ئاماننىساخاندىكى قابىلىيەت ۋە ئىستىدات سۇلتان ئابدىرەشىدخاننى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ . سەنئەت ۋە مەرىپەتنى ئۆزىگە دوست تۇتقان ئابدۇرەشىدخان ئاماننىسانى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ . «تەۋارىخى مۇسىقيۇن » ناملىق كىتاپنىڭ مۇئەللىپى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، مەرىپەتپەرۋەر سۇلتاننىڭ كەمبەغەل تالانت ئىگىسى ئاماننىسا خېنىمنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىشى مانا مۇنداق بولغان ئىكەن :

.. سۇلتان ئۆز ۋەزىر – ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەختى يەركەندىن ئايرىلىپ چىقىپ ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى . سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېخانچە ساددا كىيىملەرنى كىيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىۋانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ زەئىيەلەرگە زۇلۇم – سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى . بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى . بۇ ئۆي مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى . بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇدنىڭ قىزى ئىدى . سۇلتان ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا تۇرغان ساتتارنى كۆرۈپ قېلىپ ، مەھمۇدتىن ساتتار چېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى . مەھمۇد : « مەن ساتتار چېلىشنى بىلمەيمەن ، مۇشۇ قىزىمىز ماڭا ساتتار ئېلىپ بەر ، دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان ، قىزىم چالىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى . سۇلتان : « ئەمىسە ، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن » دېدى . مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى . قىز ساتتارنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى ، سۇلتان ھەيران قالدى . بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شىئېرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا ، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ بىھۇش بولۇپ كەتتى ، شىئېرنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق ئىدى :


سەڭا يۈز شۈكۈر يارەب بىزگە ئادىل پادىشا قىلدىڭ ، فەقىر مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى فەناھ قىلدىڭ .


نەفىسى كېچە – كۈندۈز دۇئا قىل تەڭرى تەقدىسقە ، كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىغ گۇنا قىلدىڭ .


غەزەل تامام بولۇشىغا ، سۇلتان ئالدىراپ : «نەفىسى شائىرە كىم ؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۈگەنگەن ؟ » دەپ سورىغان ئىدى ، قىز : «خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېتىپ ئوقۇمدىكەن ، مەن ناۋايى ، فۇزۇلى شىئېرلىرىدىن باشقىنى ئۇقۇمايمەن . بۇ غەزەل ئۆزەمنىڭ ، نەفىسى مېنىڭ تەخەللۇسۇم » دەپ جاۋاپ بەردى . سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدى . ئاتىسى : «13 ياشقا كىردى»دەپ جاۋاپ بەردى . سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى . ئاڭغىچە ئاماننىساخان خېنىم قوپۇپ ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شىئېرنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى . خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى . پادىشاھنىڭ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارسىدەنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي : «قېنى ئەمىسە ، مەن قاراپ تۇراي ، بىر شىئېر يېزىپ بېقىڭ » دېگەن ئىدى . قىز دۈۋەت ، قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى ؛ يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەب سۇئىزەن مەڭا ، گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن مەڭا .


سۇلتان كۈلۈپ : «ئىشەندىم ، مېنى مەسخىرە قىلماڭ » دېدى ۋە مەھرىمى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ : «بىز ھېلى كىرىمىز» دەپ كېتىپ قالدى . ئۇ لەشكەرگاھقا بېرىپ ، ۋەزىر – ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى . بېشىغا تاج كىيىپ ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى ، دەرھال ئون قوي ۋە شايى – ئەتلەسلەر تەييارلاندى . تۈن يېرىمىدا 40 كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ، مەقسەتنى بايان قىلدى . پادىشا ئۆزىنى ئاشكارە قىلىپ ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى .   شائېرە ئاماننىسا خېنىم ئۆز ئۆمرىدە مۇزىكا ، خەتتاتلىق ، شىئېرىيەت ھەققىدە خەلق ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قالدۇردى . بۇ ھەقتە « تەۋەرىخى مۇسقىيۇن » ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ.  ئاماننىسا خېنىم <دىۋان نەفىسى> گە ئوخشاش قىممەتلىك ۋە مەشھۇر شىئېرلاپ توپلىمىنى ، خوتۇن – قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى ،<ئەخلاقى جەمىلە> ناملىق بىر كىتاب يازدى . <شۇرۇھۇلقۇلۇب> (قەلبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى . شائىرلىق ، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز . «ئىشرەت ئەڭگىز» ناملىق بۇ مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغان ئىدى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇزىكا ۋە خەتتاتلىق بىلىمى توغرىسىدا يازغان ئەسىرى ئىنتايىم مۇھىم بولۇپ ، مۇنداق ئەسەرلەر دۇنياغا كەم كەلگەن . ئاماننىساخان قىدىرخان يەركەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسىل مۇزىكا بايلىقى بولغان « ئون ئىككى مۇقام» نى رەتلەش ئىشىغا زور تۆھپە قوشقان . خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆمرىنى بەخش ئەتكەن بۇ يالقۇنلۇق يۈرەك 1567- يىلى بىمەھەل سوقۇشتىن توختىدى . ئۇنىڭ تۆھپىسى ۋە قەدىرلىك نامى خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك «ئون ئىككى مۇقام» ئاھاڭلىرىنىڭ جاراڭلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئەۋلاددىن – ئەۋلادقىچە دىللاردا يادلىنىدۇ !!


&  ئالدىنقى كىتاب:ئۇلۇغ ئالىم ھۈسەيىنخان تەجەللى
&  كېيىنكى كىتاب:بۈيۈك پەيلاسۇپ، فىزىكا ئالىمى فارابى
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

7