ياغاچ پۇت شاھزادىسى ئابدۇسەمەد ئىمىن ياغاچ پۇت بىلەن پۇلات سىمدا مېڭىش تۈرى بويىچە يېڭى جېننىس دۇنيا رېكوردىغا جەڭ ئېلان قىلدى!
16 مېترلىق ياغاچ پۇتتا مېڭىش تۈرى بويىچە جېننىس دۇنيا رېكوردى ياراتقان ياغاچپۇت شاھزادىسى ئابدۇسەمەد ئىمىن، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 26-ئۆكتەبىر (سەيشەنبە) چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىدا ياغاچ پۇت بىلەن پۇلات سىمدا مېڭىش بۇيىچە جېننىس دۇنيا رېكوردىغا جەڭ ئېلان قىلىپ مۇئاپىقىيىتكە ئىرىشتى.
ئابدۇسەمەد ئىمىننىڭ تەرجىمھالى:
ئابدۇسەمەد ئىمىن، پىچان ناھىيە لەمجىن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 2006-يىلىدىكى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە كۆزگە كۆرۈىگەن 10 ياشنىڭ بىرى.كۆك تېكىن ئۇنۋېرسال سودا تورىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئىككى تۈرلۈك كەشپىياتى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تەرىپىدىن پاتېىنت ھوقوقىغا ئېرىشكەن، ياغاچ پۇت بىلەن ئۈچ قېتىم جېننىس دۇنيا رېكوردى يارىتىپ، ئەل ئىچىدە «ياغاچ پۇت شاھزادىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2003-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆزى كەشىپ قىلىپ پاتېنىت ھوقوقىغا ئېرىشكەن ياغاچ پۇتى بىلەن پىچاندىن تۇرپانغىچە بولغان 79.6 كىلومېتر مۇساپىنى 24 سائەت ئىچىدە تاماملاپ، جېننىس دۇنيا رېكوردى ياراتقان.
2004-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈۈمچىدىن پىچانغىچە بولغان 286 كىلومېتر مۇساپىنى سەككىز كۈندە ياغاچ پۇت بىلەن بېسىپ تاماملىغان.
2005-يىلى ئۈرۈمچىدە 16.14 مېتر ئىگىزلىكتىكى ياغاچپۇت بىلەن 49 قەدەم مېڭىپ، يەنە بىر قېتىم جېننىس دۇنيا رېكوردى ياراتقان.
2006-يىلى 11-ئايدا پىچان ناھىيىسىنىڭ قۇمتاغ مەنزىرىلىك سەيلىگاھىدا، 16.39 مېتر ئىگىزلىكتىكى ياغاچ پۇت بىلەن 25 قەدەم مېڭىپ، ئۆز رېكوردىنى يېڭىلىغان ھەمدە ھازىرغا قەدەر شۇ رېكورتنى ساقلاپ كەلمەكتە.
2007- 2008-يىللىرى بېيجىڭ، شاڭخەي،جياڭسۇ شۈجو قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم ئىگىز ياغاچپۇت ۋە دارۋازلىق ماھارىتى كۆرسەتكەن.
2009-يىلىدىن باشلاپ، ياغاچ پۇت بىلەن سىم ئۈستىدە مېڭىشنى مەشق قىلىشنى باشلىغان.
قىسقىچە ئارخىپ:
تۇغۇلغان ۋاقتى: 9-يانۋار. مۆچىلى بېلىق؛ بويى 183 سانتىمېتر، بەدەن ئرغىرلىقى 81 كىلوگرام، قىزىقىشى: يېزىقچىلىق،كىتاب ئوقۇش،ناخشا ئېيتىش، ساياھەت،تېننىس توپ، تورغا چىقىش،
ئالاھىدىلىكى: تور بەت لايىھىلەش، يېزىقچىلىق،فلەش لايىھىلەش.