United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> تۆھپىكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

پروفېسسور، دوكتور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر ھامۇت

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : تۆھپىكارلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : نامەلۇم
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 177
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2011-2-20 17:47:33
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  

پروفېسسور، دوكتور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر ھامۇت 1952-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلى 9-ئايدىن 1969-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 32-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1969-يىلى 9-ئايدىن 1971-يىلى 2-ئايغىچە ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغۇان.
ئەنۋەر ھامۇت 1971-يىلىنىڭ كەýئىنكى يېرىمىدا خىزمەتلكە قاتناشقان بولۇپ، توقسۇن ناھىيە ئاۋانئارت (ھازىرقى غولبويى) يېزىسىنىڭ تەرجىمانى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاخبارات تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سانائەت ئىنستىتۇتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.


دوكتور ئەنۋەر ھامۇت 1977-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى فىزىكىسى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1992-يىلى 9-ئايدا ۋە 2004-يىلى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا سېنتېنارى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ۋە ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئەنۋەر ھامۇت ئالىي مەكتەپلەردە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش جەريانىدا، بىر تەرەپتىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىزچىل ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارغا دەرس ئۆتۈپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ ھارماي شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 20-ئەسرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش بويىچە ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى 6.8 بال يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، دۆلەت، ئۆلكە مىنىستىرلىك دەرىجىلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا، يەنە بىر تۈردە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «نېفىت ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى»، «رەھبەرلىك ئىلمىدىن قىسقىچە بايان» ناملىق كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ زور تەسىر پەيدا قىلدى. شۇنداقلا ھەرقايسى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا «نېفىت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسىيغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا»، «ئۇئارنىڭ ئەۋزەل بايلىقلىرىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا مۇھاكىمە»، «غەربىي رايونلارنى ئېچىش ۋە ئۇئارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئۇئارنىڭ غەربىي رايونلارنى ئېچىش جەريانىدىكى ئەۋزەللىكلىرى ۋە چەكلەش ئامىللىرى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق 22 پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ كەسپداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.


ئۇ ھازىر جۇڭگو باشقۇرۇش پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئاكادېمىكى، رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى دۆلەتلىك سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي دوكتورى، قازاقىستان شەرق سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو خەلقئارالىق مائارىپ ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، ئۇئار خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، 2002-يىللىق خەلقئارالىق تىنچ ئوكيان مۇھىتىنى يىراقتىن تەكشۈرۈپ پەرق ئېتىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن رەئىسى&ھەللىپ؛ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىمەكتە.


&  ئالدىنقى كىتاب:دوكتور رەيھان بەكتۇر (رايھان باكتۇر)
&  كېيىنكى كىتاب:خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىۋىپى _ غازباي
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

6