United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> تۆھپىكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

شائىر ئوسمانجان ساۋۇت

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : مەھشۇرلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : نامەلۇم
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 286
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2011-2-16 13:50:59
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  
شائىر ئوسمانجان ساۋۇت تۇنجى شېئىرى ئېلان قىلىنغان 1961 – يىل ئۆكتەبىردىن بۇيان ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئۈنۈملۈك شۇغۇللىنىپ، شېئىرخۇمار خەلقىمىزگە مول مېۋە بېرىۋاتقان، خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىقتىدارلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە، شۇنداقلا ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيەتلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ‹‹ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق››، ‹‹توزان قەسىدىسى››، ‹‹ياڭرا ئەجەم›› ھەمدە ‹‹ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ››، ‹‹يۈرىكىم — سېنىڭ قېپىڭ››، ‹‹دالىلارنى باشلاپ كەلدىم قۇچاقلىرىڭغا››، ‹‹كەچۈرگىن مېنى سەن، ئالا بوينىقىم››، ‹‹قورۇق تام››، ‹‹تاڭ لىرىكىلىرى››، ‹‹سۆيگۈ — كۈي›› دېگەندەك شېئىرلىرى بىلەن ئېلىمىز ئىچىدىكىلا ئەمەس، خەلقئارادىكى جامائەتچىلىكنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ‹‹ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ››، ‹‹تاڭ لىرىكىلىرى›› ناملىق شېئىر توپلاملىرى، بىر مۇنچىلىغان تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشىر قىلىندى.

   ئوسمانجان ساۋۇت 1945 – يىلى ماناس ناھىيىسىدە تۇغۇلدى. 1961 – يىلى ساۋەن ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە 10 – سىنىپنى تاماملاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ قۇمۇل، ساۋەنلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1986 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، دەسلەپتە ‹‹ئەدەبىي تەرجىمىلەر›› ژۇرنىلىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلىدى.


   شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە لىرىكا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تېما دائىرىسى كەڭ، پەلسەپىۋى پىكىر چوڭقۇر، ھېسسىيات قايناق ۋە ئويناق، قۇرۇلما پۇختا، تىل رەڭدار ۋە راۋان، تۇراق ۋە قاپىيىلەر تولۇق، دەپ يەكۈنلەش مۇمكىن.


   ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوسمانجان شېئىرىيىتىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىغان تېما. ئۇ ‹‹ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ››، ‹‹يۈرىكىم — سېنىڭ قېپىڭ››، ‹‹ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق››، ‹‹توزان قەسىدىسى›› دېگەندەك زور بىر تۈركۈم شېئىرلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى خىلمۇخىل نۇقتىلاردىن كۈيلىدى.


   شائىر ئوسمانجان شېئىرلىرىدا، شېئىر توغرىسىدىكى ئومۇمىي قائىدە – پرىنسىپلارغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، شېئىرىيەتنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىگە، مەسىلەن، شېئىرىي تىل ئىشلىتىش، شېئىرىي شەكىل، شېئىرىي جۈملە تۈزۈش، تۇراق، قاپىيە، رېتىم گۈزەللىكى، ئۆزئارا ئاھاڭدارلىق قاتارلىقلارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.


   شائىر ئوسمانجان ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدىمۇ خېلى كۈچ سەرپ قىلدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇردى.


   بىز ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز!


&  ئالدىنقى كىتاب:توختى ئايۇپ
&  كېيىنكى كىتاب:شائىر مامۇت زايىت
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

10