ئىقتىدارلىق لىرىك شائىر ، ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر قۇربان بارات 1946 – يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1952 – يىلىدىن 1958 – يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1958 – يىلىدىن 1962 – يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، بىر مەزگىل مۇخبىرلىق قىلغان. كېيىن مۇھەررىر بولغان. 1970 – يىلىدىن 1986 – يىلىغىچە شىنجاڭ شىنخۇا 2 – باسما زاۋۇتىدا ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1981 – يىلى ‹‹يېشىل ھايات›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1984 – يىلى ‹‹ئاق روماللىق پەرىزات›› ناملىق داستانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹توي چاچقۇسى››، ‹‹باھار جىلۋىسى››، ‹‹تارىم ئۆركەشلىرى›› ناملىق كوللېكتىپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
قۇربان بارات ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئاپتورلارنىڭ بىرى. ئۇ خەنزۇچىدىن ئاتاقلىق شائىر ئەي چېڭنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرىنى، پۇشكىننىڭ شېئىرىي چۆچەكلىرىنى تەرجىمە قىلىپ كىتابخانلارغا تونۇشتۇردى. سەئىدىنىڭ ‹‹بوستان›› داستانىنى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەردىن ‹‹دىۋان سەككاكى››، ‹‹دىۋان ئاتايى››، ‹‹دىۋان زۇھۇرى››، ‹‹سەددى ئىسكەندەر›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىدى. لىرمونتوۋنىڭ داستانلىرىنى تەرجىمە قىلدى.
شائىر قۇربان بارات جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە تۆھپىسى بىلەن ‹‹جۇڭگو ھازىرقى زامان داڭلىق ياشلىرىنىڭ لۇغىتى››، ‹‹جۇڭگو ئەدەبىيات لۇغىتى›› قاتارلىق لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلدى.
شائىرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز!