كۆزگە كۆرۈنگەن پېشقەدەم شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى ئەرشىدىن تاتلىق 1927 – يىلى ئاقسۇ كونىشەھەرنىڭ ‹‹موللىلار›› دېگەن كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۇغۇلۇپ ئالتە ياشقىچە ئانىسىنىڭ دادىسى موللا مۇسا ئاخۇننىڭ ئۆيىدە تۇردى، ئۇنىڭ بوۋىسى قىزىقچى، ئۇسسۇلچى، دۇتارغا ئۇستا ئادەم ئىدى، شۇنداقلا موللا ئادەم ئىدى. ئەرشىدىن تاتلىق يەتتە ياشقا كىرگەندە، ئاتا– ئانىسى ئۇنى روزاخۇن خەلپىتىم دېگەن كىشىنىڭ دىنىي مەكتىپىگە بەرگەن، توققۇز ياشقا كىرگەندە پەننىي باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەپ كەتكەن.
ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم قىزىقىشى مىللىي ئارمىيىدە ئىشلەپ يۈرگەن چاغلىرىدا قوزغالدى. بۇ ھەۋەس ئابدۇللا توقاينىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن باشلاندى. دەسلەپكى شېئىرلىرى 1948– يىلىدىن باشلاپ ‹‹كۈرەش››، ‹‹ئالغا›› ۋە باشقا گېزىت– ژۇرناللاردا بېسىلدى. 1950– يىلى ئاقسۇغا يۆتكىلىپ، ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى ھەم داۋاملىق شېئىر يېزىپ تۇردى. ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى شېئىرلىرى دېھقانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئوڭاي بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ قوشاق شەكلىدە يېزىلغانىدى.
ئەرشىدىن تاتلىق 1953– يىلى 9– ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىيات– سەنئىتى›› ( ھازىرقى ‹‹تارىم›› ) ژۇرنىلىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلىدى. ئەرشىدىن تاتلىق 1955– يىلدىن باشلاپ ھېكايە ئېلان قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ ‹‹سىناق›› ناملىق پوۋېستى، ‹‹سادىق باپكار››، ‹‹پۇشايمان››، ‹‹خالتا كوچىدىن يانغاندا›› قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ھېكايىسى بېسىلدى. ‹‹ئاقسۇ دەرياسى››، ‹‹باھار چېچەكلىرى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. ‹‹مىڭ بىر كېچە›› نىڭ بەش كىتابىنى، نىمشېھىتنىڭ شېئىرلار توپلىمى ‹‹يۈرەك سۆزى›› نى نەشىرگە تەييارلىدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نادىر ئەسىرى ‹‹تاڭ ئالدىدىكى يۇلتۇزلار›› ناملىق پوۋېسىتى بېسىلىۋاتقان چاغدا كۆيدۈرۋېتىلدى. ئەرشىدىن تاتلىق يەنە ‹‹ۋەتەن قۇربانلىرى›› ناملىق تراگىدىيە ۋە ‹‹دەل توي كۈنى›› دېگەن كومىدىيىنىمۇ يازدى.
ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتتىكى بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوي– پىكىرىنى راۋان تىل بىلەن، تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلەپ، ئۇنى رېئال تۇرمۇش، ھايات تەسۋىرلىرىگە بىرلەشتۇرۈش ئارقىلىق روشەن ئىپادىلەيدۇ.
ئەرشىدىن تاتلىق جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىيات– سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى.