ئەدەبىياتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن پېشقەدەم ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان تۇردى سامساق 1923–يىلى قەشقەر بەشكېرەم يېزىسىنىڭ چۇگۇر دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. تۇردى سامساقنىڭ ئىجادىيىتى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تام گېزىتىگە ئەسەر يېزىشتىن باشلانغان. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى 1946–يىلى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىنقىلابىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان،شۇنىڭدىن كېيىن تۇردى سامساق ‹‹قەھرىمان قىز››،‹‹تۇرمۇشتا كۆرەش››،‹‹مەستلەر››قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان ھەمدە بۇلار ھەربىي سەنئەت ئۆمەكلىرى تەرىپىدىن ئوينالغان.
تۇردى سامساق 1957–يىلى ئېلان قىلىنغان ‹‹بەش تال ئوق››،‹‹تىيانشان باغرىدا›› دېگەن ھېكايىلىرى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى زامان ئەدەبىياتىدا رىئالىستىك ھېكايىچىلىقنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ‹‹ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر›› رومانىدا شىنجاڭ رايونىدا 40–50–يىللاردا يۈز بەرگەن مۇرەككەپ تارىخىي ۋەقەلەرنى،جۈملىدىن ئاساسلىق قىلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان.