|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئەرلەرگە پايدىلىق توققۇز تۈرلۈك يېمەكلىك
|
|
|
1 . پەمىدۇر پەمىدۇردىكى چۈچۈمەل تەم ئاشقازان كېسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاقسىلنىڭ ھەزىم بۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، پەمىدۇر ، تەركىبىدە مول بولغان ۋېتامىن c بولۇپ ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش رولىغا ئىگە .
2 . سېرىق پۇرچاق دائىم سېرىق پۇرچاق يەيدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت ، سېرىق پۇرچاق ئەرلەردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
3 . كاۋا ئۇرۇقى تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە ، مەزى بېزى يوغىناپ كەتكەن ئەرلەر كاۋا ئۇرۇقىنى كۆپ يەپ بەرسە ، سۈيدۈك قېتىم سانىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپلا قالماي ، باشقا كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
4 . سەۋزە سەۋزە ھەزىم قىلىنغاندىن كىيىن تەركىبىدىكى كاتورىن ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، ھۈجەيرىلەردە يامانلىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنى تېزگىنلەپ ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
5 . دېڭىز مەھسۇلاتلىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .
6 . سامساق سامساقنىڭ كۈچلۈك باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، ۋېتامىن B1نىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىدۇ .
7 . سۇ ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ 75 % سۇ بولۇپ ، سۇ مىقدارى باك ئاز بولسا ئاسان چارچاش ھەمدە ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
8 . يېشىل چاي يېشىل چاي تەركىبىدە ۋېتامىن c مول بولۇپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
9 . قىزىل ھاراق قىزىل ھاراق تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار مول بولۇپ ، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ .
- شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:277 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/8/18 16:24:07 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|