ئەرلەرنىڭ يۈكسەكلىكى ھەرگىزمۇ شاھزادە بولغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى چەۋەنداز ياكى گېنېرال بولغانلىقى بىلەن نامايەن بولىدۇ. ئەرلەر چۆچەكلەردە ئەمەس، جەڭگاھلاردا ياشىشى كېرەك.
ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭنىڭ كۆپ قىسمىنى تورخانىلاردا تۈنەش ياكى مۇھەببەتلىشىشكە ئاجراتقان بولساڭ، ۋاقتىم بىھۇدە ئۆتۈپتۇ، دەپ بىل، ئەر كىشى بولۇش سالاھىيىتىڭ بىلەن سەن مەغلۇبىيەتچى.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ يېنىدا ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان مۇنەۋۋەر ئايالى بولىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى مۇنەۋۋەرلىك ھەرگىزمۇ گۈزەل رۇخسارنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئايالنىڭ گۈزەل قەلىبكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئاغىنە قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى بىلمىسەڭ، بولدى قىل، بۇنىڭغا ھەلەك بولماي، كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن ئىزدەن، ئەرلەر ئاياللارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يارالغان.
ئەرلەر كۈتۈپخانىغا كۆپرەك بېرىشى، بولمىسا جەمئىيەت كۆرۈشى كېرەك.
قىزلارغا گۈزەل كېلەچەك بېرىشكە قۇربىڭ يەتمىسە، شېرىن سۆزلەر بىلەن ئالدىما.
ئۆمۈر بويى زىممەڭگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت كۆپ بولىدۇ، بىراق ئەڭ مۇھىمى تۆت خىل، يەنى ئاتا-ئاناڭغا، كەلگۈسىڭگە، جۈپتۈڭگە، دۇنياغا مەسئۇل بولۇشى.
ھە دېسىلا ھېسيات بىلەن ئويناشما، بولمىسا بىر كۈنلەردە ھېسياتنىڭ قىلتىقىغا دەسسەپ سالىسەن.
«مال تۈرى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن» دېگەن گەپ بار، بۇ ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتىلغان. ئىلگىرىلەش روھىغا ئىگە، ھاياتنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر بىلەن ئارىلاشسا، كۆپ نەپ ئالىسەن.
ئەر كىشىدە ئارمان بولماسلىق ئايال كىشىدە ئارمان بولماسلىقتىن يامان، شۇڭا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىڭنى ئېنىق قىلىۋال، ئاندىن ئەھۋالىڭغا قاراپ ئىش تۇتۇپ، ئارمىنىڭ ئۈچۈن تىرىش.
ئەرلەر يالغۇزلۇقتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، دېگەندەك تۇتامى يوق سۆزلەرگە ئىشەنمە، ئەمەلىيەتتە، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرلەر ئۆزىگە كۆپرەك يالغۇز تۇرىدىغانغا ۋاقىت بەرگىنى ياخشى، بۇ تەپەككۇر قىلىشقا پايدىلىق.
ئەر كىشى بولغاندىكىن ئۆزۈڭگە رەھىمسىزرەك بول، چەۋەندازلارغا ئوخشاش سەپنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ تۇر. ئەلۋەتتە، كەلگۈسىدىكى نىشانىڭنىڭ گېنېرال بولۇش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالما.
دۇنيالىقتا سۆيۈشۈڭگە ئەڭ ئەرزىيدىغان كىشىلەر ئاتا-ئاناڭ، جۈپتۈڭ ۋە بۇرادەرلىرىڭ، ئاندىن قالسا ئۆزۈڭ.
ـــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى